大数跨境

ھاجەتتىن كېيىن قول يۇيماي يۈزلىگەن كىشىنىڭ بېشىغا چىققان ئاشپەز

ھاجەتتىن كېيىن قول يۇيماي يۈزلىگەن كىشىنىڭ بېشىغا چىققان ئاشپەز EMINBIZ
2021-03-28
1

ئىنسانىيەت باشتىن كەچۈرگەن نۇرغۇن ئىشلار تارىخقا ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە، شۇ تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى بايقايمىز. مەسىلەن، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىدا مۇنداق بىر ئىش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئامېرىكىلىق ئايال ھاجەتخانىدىن چىقىپ قولىنى يۇيماسلىق سەۋەبىدىن نەچچە يۈز ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان قىزنىڭ ئىسمى مارى بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ئامېرىكىنىڭ ياۋروپاغا قاراتقان كۆچمەنلەر سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزىنىڭ جېنىنى جان ئېتىش نىيىتىدە ئىرېلاندىيەدىن ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن. ئۇ چاغدىكى مارى پەقەت 15 ياشلىق گۆدەك قىز بولۇپ، مەكتەپ يۈزى كۆرۈپ باقمىغان. ئۇ 21 ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئۆزى يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغان. مارىنىڭ ئەينى چاغدىكى تۇرمۇش بېسىمى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، ئامال بار تېزراق بىر كىشلىك خىزمەت تېپىشقا موھتاج بولغان. بىراق، مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن بۇ بىچارە قىزنى ھېچ كىشى ئىشلىتىشنى خالىمىغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مارى قولىدىكى تاماق ئېتىش ھۈنىرى بىلەن بىر ئۆيگە تەكلىپ قىلىنىپ، شەخسىي ئاشپەز بولۇپ ئىشلىگەن.
ھەممە ئىش 1900-يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق شەخسىي ئاشپەز بولۇشتىن باشلانغان بولۇپ، مارى خوجايىننىڭ ئۆيىدە ئىشلەپ يۈرۈپ ئۆزىگە ئەينى چاغدا داۋالاش قىيىن بولغان كېزىك كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋالغان. بەختكە يارىشا، مارىنىڭ تېنىدە كېزىك كېسەللىكىگە قارشى تۇرالايدىغان ئانتىتېلا بار بولغاچقا، بۇ كېسەل مارىغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەن.
ئادەتتە بۇ خىل كېسەللىك ھاجەتخانىغا بارغاندىن كېيىنكى شەخسىي تازىلىقنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن يېمەكلىك ئارقىلىق يۇقىدىغان بولۇپ، يۇقۇش يولى بىر قەدەر «ئىپتىدائىي». ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل كېسەللىك ۋىرۇسنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئادەتتىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئارقىلىق بۇ خىل كېسەللىك ۋىرۇسىنى ئۆلتۈرگىلى بولمايدۇ.
بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان مارى خانقىز ئاشپەز بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ شەخسىي تازىلىقىغا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىشى، چوڭ-كىچىك تەرەتتىن كېيىن قولىنى پاكىزە يۇيۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما كىچىكىدىن تارتىپ ھېچكىمنىڭ بۇ ھەقتىكى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپ باقمىغان مارىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى بىلىمى كەمچىل بولغاچقا، ئۆزىنىڭ شەخسىي تازىلىقىغا تازا ئەھمىيەت بېرىپ كېتەلمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مارى توختىماستىن ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تاماق ئەتكەنلىكتىن، ئۆزى ئۇچراشقان بارلىق ئائىلىلەردىكلەرنى بۇ كېسەللىك باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملاندۇرۇپ ماڭغان.

1906-يىلىغا كەلگەندىلا مارىنىڭ ئەسلى كېسەللىك مەنبەسى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. يەنى، شۇ يىلى بىر ئادۋۇكات مارىنى ياللىغان بولۇپ، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ئالتە كىشى كېسەللىك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. كېسەللىك ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇش ئۇسۇلىدىن خەۋەردار ئادۋۇكات دەسلەپكى قەدەمدە مارىدىن گۇمانلانغان ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەقىقەتەن مارىنىڭ كېسەللىك مەنبەسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان سەھىيە ئىدارىسى مارى خانقىزنى باشقىلاردىن ئايرىۋەتكەن. كېيىن مارى ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0