
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، « سىرلىق گىگانت چولپان» نىڭ رېژىسسورى ئادىۋا شياڭدېڭ رېژىسسورلۇق قىلغان ھىندىستان نۇسخىسىدىكى« ئاگەننىڭ رەسمىي تەرجىمىھالى» ھازىر ئوڭۇشلۇق سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغان.

ئىگىلىنىشچە، بۇ فىلىم 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى سۈرەتكە ئېلىشنى باشلىغان بولۇپ 2يىلغا يىقىن ۋاقىت ئىچىدە سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغان.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامىرخان بۇ يىل 3-ئايدا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىئاگنوز قويۇلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كىيىن بارلىق خىزمەتلىرىنى توختىتىپ ئۆيىدە ئارام ئېلىپ داۋالىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاچقا كىنونىڭ سۈرەتكە ئېلىشى تەسىرگە ئۇچرىغان.

دائىم بېلەت رىكورتى يارىتىدىغان ئامىرخان كىنودا باش رولغا چىقىپ، ھىندىستان نۇسخىسىدىكى فورېست گاننىڭ رولىنى ئالغان.

ئاشكارلانغان سۈرەتكە قارىغاندا، ئامىرخان ئۇچىسىغا قېنىق كۆك رەڭلىك پادىچىلار ئىشتىنى كىيگەن، بەدىنىدىكى قىزىل، ئاق سىزىقلىق كالتە يەڭ مايكىسىنى ئىشتاننىڭ ئىچىگە تىقىۋالغان بولۇپ ، قارىماققا كان ئىشچىسى مارىئوغا ئوخشاپ قالغانىدى. بۇنداق ئوماق ياسىنىۋالغان ئامىرخاننى كۆرسە ھېچكىم ئۇنى بۇ يىل 56ياشقا كىردى دېسە ئىشەنمەيدۇ.


ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن مەستانىلەر ئامىرخاننىڭ يەنە ئورۇقلاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان، ئەينى ۋاقىتتا« چېلىشايلى دادا» دىكى 200 جىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى، ھازىرقى ھالىتى بىلەن سىلىشتۇرغىلى بولمايتتى.

ئامىرخاننىڭ ۋۇجۇدىدىن تاماشىبىنلار دائىم كەسىپنى قەدىرلەش روھىنى كۆرۈپ تۇرالايدۇ، مەيلى ۋەقەلىك ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى تىرىشىپ تەڭشىسۇن ياكى ھەر بىر رولنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلىسۇن، ئامىرخان ھەقىقەتەنمۇ ھىندىستاننىڭ دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك ئارتىسى دېگەن نامغا مۇناسىپ ئىدى.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئامىرخان بىلەن ھىندىستان نۇسخىسىدىكى« ئاگەننىڭ رەسمىي تەرجىمىھالى» دا بىللە رول ئالىدىغان ئايال باش رولچىمۇ ئىلگىرى داڭلىق فىلىم« ئۈچ ئەخمەق» بىلەن ھەمكارلاشقان ھىندىستاننىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى كارىنا كاپور.

بۇ قىتىم ئىككىيلەن يەنە بىر قېتىم ھەمكارلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتكەن تىياتىر سۈرىتىدىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر ـ مۇھەببەت تولۇق ئىپادىلىنىپ، كۆرۈنۈش ئىنتايىن رومانتىك ھەم گۈزەل ئىدى!

ئاشكارلىنىشىچە بۇ فىلىم بۇ يىل روجىستىۋا بايرىمىدا قويۇلىدىكەن، ئىشىنىمەنكى، مۇنەۋۋەر رېژىسسور ۋە ئارتىسلار ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن بۇ كىنو تاماشىبىنلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، قالتىس ئۈنۈم يارىتىدۇ!

چۈنكى ئامىرخان بىردىنبىر دۇنيا ئېتىراپ قىلغان فىلىملىرىدە ناچار ئىنكاس يوق چولپان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ باش رول ئالغان كۆپلىگەن فىلىملەر بىلەن دۇنياغا تونۇلغان، ھىندىستان تەرىپىدىن دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك ئارتىس دەپ قارالغان، ئامىرخاننىڭ جۇڭگودىكى تونۇلۇش دەرىجىسىمۇ خېلى يۇقىرى.



ئۇنىڭ نۇرغۇن ياخشى فىلىملىرى جۇڭگودىمۇ ئالقىشقا ئېرىشكەن، بۇ قىتىمقى يېڭى فىلىمىنىڭمۇ بىز تەقەززا بولغانغا لايىق ياخشى چىقىشىنى ،كۆرۈلىشىنىڭمۇ يەنە يېڭى رىكورتلارنى يارىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.

