
دۆلىتىمىز ھازىر قېرىلىشىش دەۋرىگە قەدەم قويدى، 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە 60 ياشتىن ئاشقانلار تەخمىنەن 260 مىليون، 65 ياشتىن ئاشقانلار 190 مىليون ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت ئىچىدىكى 31 ئۆلكە ئىچىدە، 16 ئۆلكىدە 65 ياش ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقانلار 5 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن، قالغان ئالتە ئۆلكىدىكى ياشانغانلار 10 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2030-يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىزدە 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار 300 مىليونغا يېتىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئېلىمىزدىكى ياشلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئازايماقتا. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ سانى 175 مىليون، 2000-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ نوپۇسى ئاران 145 مىليون بولۇپ، 70-80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ 220 مىليوندىن 230 مىليونغىچە بولغان سانىدىن خېلىلا تۆۋەن. نوپۇس ياش قۇرۇلمىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق زىددىيىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، دۆلىتىمىز 2016-يىلىلا ئىككى بالىلىق بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، 2017-يىلى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سانى 17 مىليون 580 مىڭ بولغان بولسا، 2020-يىلىغا كەلگەندە ئاران 12 مىليون بولدى. نوپۇسنىڭ تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى ئېغىر، شۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىز بۇ يىل ئۈچ بالىلىق بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار سانىنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.
ياشانغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ياشلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئازلاش يۈزلىنىشى شەكىللەنسىلا، دۆلەت ئىچىدە كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ تارقىتىلىشىغا ناھايىتى زور بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، لېكىن دۆلىتىمىز شۇنداقتىمۇ پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ مائاش كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈۋاتىدۇ. ھازىرغا قەدەر ئېلىمىزدە كۈتۈنۈش پۇلى ئۇدا 17 يىل ئۆسۈپ، ياشانغانلارنى ئاخىرقى ئۆمرىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، دۆلىتىمىز يەنە يۇقىرى ياشلىق ياشانغانلارغا قوشۇمچە ياردەم بېرىدۇ، يەنى بىز دائىم دەيدىغان «يۇقىرى ياشلىقلار ياردەم پۇلى» تارقىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، دۆلىتىمىز 2016-يىلى 8-ئايدىلا 26 ئۆلكىدە «يۇقىرى ياشلىقلار ياردەم پۇلى»غا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى يولغا قويغان، 2019-يىلىغا كەلگەندە، دۆلەت ئىچىدىكى 31 ئۆلكىنىڭ ھەممىسىدە ياشانغانلار ياردەم پۇلى تۈزۈمى ئورنىتىلدى. بەزىلەر ياشانغانلارنىڭ پېنسىيە پۇلى بار، كۈتۈنۈش تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولغان تۇرۇقلۇق، يەنە نېمە ئۈچۈن ياشانغانلارغا ئالاھىدە «يۇقىرى ياشلىقلار ياردەم پۇلى» ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؟ دەپ ئەجەبلىنىشى مۇمكىن. مېنىڭچە، دۆلەتنىڭ ياشانغانلار ئۈچۈن «يۇقىرى ياشلىقلار ياردەم پۇلى» ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئاساسلىقى ئىككى سەۋەب بار:
بىرىنچى، يۇقىرى ياشلىق ياشانغانلارنىڭ پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتى بىر قەدەر بالدۇر، پېنسىيە مائاشى ئومۇميۈزلۈك بىر قەدەر تۆۋەن، گەرچە كۈتۈنۈش پۇلى ئۇدا 17 يىل ئۆسكەن بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا پېنسىيەگە چىققان ياشانغانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ پېنسىيە مائاشى يەنىلا بىر قەدەر تۆۋەن، شۇڭا ئۇلارغا تولۇقلىما بېرىش ئۇلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى كىرىمىنى ئۆستۈرگەنگە باراۋەر بولىدۇ.
ئىككىنچى، يۇقىرى ياشتىكى ياشانغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس، دائىم كېسەل كۆرسىتىش، دورا يېيىش، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشىغا توغرا كېلىدۇ، بۇ جەھەتتىكى چىقىم ناھايىتى كۆپ. ياشانغانلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، دۆلىتىمىز ياشانغانلارغا مۇۋاپىق ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ئوخشىمىغان رايونلاردا ياشانغانلارنى ياش قاتلىمىغا ئايرىش ئۆلچىمى ۋە بەھرىمان بولىدىغان تەمىناتىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئىچكى موڭغۇلنى مىسالغا ئالساق، 77 ياشتىن 89 ياشقىچە بولغان ياشانغانلارنىڭ ئايلىق ياردەم پۇلى 100 يۈەن، 90 ياشتىن 99 ياشقىچە بولغان ياشانغانلارنىڭ ئايلىق ياردەم پۇلى 300 يۈەن، 100 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ئايلىق ياردەم پۇلى 600 يۈەن. نىڭبو شەھىرىدە بولسا 100 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار ئېيىغا 800 يۈەن تولۇقلىمىدىن بەھرىمان بولالايدۇ. دېمەك، دۆلىتىمىزنىڭ «يۇقىرى ياشلىقلار ياردەم پۇلى» ئىنتايىن مول بولۇپ، ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولغان پاراۋانلىق تەمىناتىدۇر.
ئۇنداقتا، ياشانغانلار ياردەم پۇلىنى قانداق ئىلتىماس قىلىش كېرەك؟ ئالدى بىلەن ياشانغانلارنىڭ يېشى چوقۇم شۇ جاينىڭ يۇقىرى ياشلىقلار ئۆلچىمىگە يېتىشى كېرەك، ئاندىن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا يازمىچە ئىلتىماس سۇنۇپ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، يۇقىرى ياشلىق ياشانغانلار ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ. گەرچە ياشانغانلار ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى ئانچە مۇرەككەپ بولمىسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم ياشانغانلارنىڭ سىرتقا چىقىشى قولايسىز بولغاچقا، نۇرغۇن جايلاردا «توردا ئىلتىماس قىلىش» ئۇسۇلىنى قوللانغان. مەسىلەن، خېنەن ئۆلكىسى جياۋزو شەھىرىنىڭ ماسۈن رايونىدا ياشانغانلارغا ياردەم پۇلى تارقىتىش چىراي پەرقلەندۈرۈش سېستىمىسى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ياشانغانلارنى ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا ياردەم پۇلى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئۇنى دەلىللەش خىزمىتىنى ئاسانلا تاماملاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.

