
💓💓💓

بىز زادى نېمە بولدۇق؟
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مەلىكەم قادىر
مەنبە: 土豪区
ئىنسان بايلىقنى دەپ، چاچقان ئاشلىقنى دەپ ئۆلىدۇ.

سىز ئىت-مۈشۈكلەرنى يىتىلەپ ماڭىسىز، سىزنى بولسا تېلېفون ...

ئۇخلىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان قىزنى ئويغاتماق تەس، پەقەت تېز يوللانما كىلىپ قالمىسىلا...

كەيپىيات خۇددى نومۇر چايقاپ مۇكاپات ئالغاندەكلا بىر ئىش، چايقاپ نېمىگە ئېرىشكەن بولسىڭىز كەيپىياتىڭىزمۇ شۇنىڭغا لايىق بولىدۇ...

ئوغۇل-قىزلىق مۇناسىۋەت بولسا ئاساسلىق بىر تېما. ئەرلەر قىزىقىدىغان ئاياللارنىڭ تەن بۆلۈنمىلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى ھېسسىيات بۆلۈنمىسىدۇر...

بەزىلەر ئاللىقاچان تۇرمۇش ئەرمەكلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ ھايات ماشىنىسىنىڭ رولىنى تۇتقۇزۇپ قويدى.

بايرامدا-ئارامچىلىق ۋە ھوزۇر يوق، ئەكسىچە كىشىلەرنىڭ ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەيدىغان مەزگىلىگە ئايلىنىدۇ.

بىر ئىنساننىڭ باي-باياشات تۇرمۇشى ئۈچۈن تالاي ئىنسان قان-تەر ئاققۇزىدۇ.

ھازىر پەقەت پۇل ئارقىلىقلا بۇلارنىڭ ئۆلۈككە داۋا، ياردارغا شىپا بولىدىغان ئاشۇ ئىقتىدارىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ.

چېكىدىن ئاشقان تويلۇق ئىككى ياشنى توي قىلغان كۈنىدىن باشلاپلا غەمگە تاشلاۋاتىدۇ...

دۇنيا ئەزەلدىن مۇشۇنداق تەڭپۇڭ ئەمەس، بەزىدە سىزنىڭ ئۆلگۈدەك تىرىشىپ جان تىكىشلىرىڭىز باشقىلارنىڭ مۇنداقلا قول ئۇچىدا قىلىپ قويغىنىغا يەتمەيدۇ.

ئىسپىرت ئۆزىمىزنى ئەسلىدىكى ھالىتىمىزدىن يوغان كۆرسەتمەكتە.

رەھمەت! بارىلىق خو بىرىشىپ يۈرەك تىلەپ مۇناسىۋەت قۇرغانلارغا!!! بۇلار ئۆزىنىڭ قاغجىرىغان يۈرەكلىرىنى ئاشۇ خو بىلەن تولۇقلىماقتا...

سىز چىكىۋاتقىنى تاماكىلا ئەمەس، بەلكى ئالتۇق بىلەن كۆمۈشمۇ بار...

ئەمگەك كۈچى ئەرزان، ئومۇمەن مۇشۇنىڭدەكلا قەدىرسىز...

ھەرخىل نىقابنى تاقىۋېلىپ، نىمىنى كۆرسە شۇنىڭغا ئۆزگۈرۈۋېلىپ يۈرۈپ ئاخىرىدا قايسىسىنىڭ ئەسلىدىكى ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.

تۇرمۇش بېسىمى خىزمەت بېسىمىغا باغلىنىپ قالغاندا، ئارام ئېلىش بىلەن شەخسىي قىزىقىش ھەمىشە ئۇلارغا يول بوشىتىدۇ...

خىزمەت ئورنىدا ئەمىلىڭىز قانچە يۇقىرى بولسا، سىز ئېرىشىىغان تەمىنات شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

تۇرمۇش-سىز ئۇنى زاڭلىق قىلىپ، ئۇ سىزنى زاڭلىق قىلىپ ئۆتۈۋاتىدۇ. خىزمەت بولسا يۇقىرىدىكىلەر سىزنى تىللاپ، سىز تۆۋەندىكىلەرنى تىللاپ ئۆتۈۋاتىدۇ.

خوش دېيىش تولىمۇ ئاسان، لېكىن بىر ئادەمنى ھەقىقىي ئۇنۇتۇش بەك تەس... بەك تەس...

پۇل قاپچۇقى يوتقانغا ئايلىنىپ، مۇھەببەتنىڭ ئىللىق كارۋىتىغا ئوخشاپ قالدى...

ئىناۋەت كارتىڭىزدىكى پۇلىڭىز سىزنىڭ كىملىك مەرتىۋىڭىزنى بەلگىلەۋاتىدۇ...

زادى بولمايۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرساقمۇ ئاۋۋال كەچۈرۈم سوراشقا كۆڭلىمىز ئۇنىمايدۇ. بۇ دەل نۇرغۇنلىغان مۇھەببەتلەرنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى.

بەزىدە بىر ئادەمنى چۈشۈنۈشىڭ ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ۋاقتىڭنى سەرپ قىلىسەن.

دېڭىز ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى يوشۇرىدىغان ئامبارغا ئايلاندى.

زامانىۋى ئېرەمباغ
ئورمان تامدىكى سىزما رەسىمگە ئايلاندى، ئادەم ۋە ئۇنىڭ ئايالىمۇ ئامالسىز يول بۇيىدا ئولتۇرۇپ ئالما يىيىشكە مەجبۇر بولدى.

ئىنسانلار قانداق ئادەم ۋەياكى نېمە قىلۋاتقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھېچكىم ۋاقىتننىڭ ئۆتۈشىنى تۇسىيالمايدۇ.

ھەركۈنى ئەتىگىنى ۋە ئاخشىمى كۇچا ئاپتۇبۇسى، مىترولارغا قىستىلىپ چىقىپ، جان بېقىش كويىدا ئالدىراش يۈرۈيمىز. بىر كۈنلەردە قەد كۈتۈرۈپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىمىز.

قورسىقىڭىزدا بىلىم يوق تۇرۇپمۇ نىمانچە چوڭ ئاۋازدا كاناي چالىسىز؟

بارلىق ئىشلەپچىقىرىش سودىلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ.

ئىنتىرنىت تور دەۋىرىدە بىلىم ئېلىشمۇ سىمىسىز تور ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.

سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىز ئاللىبۇرۇن بىلىپ-بىلمەستىن ئۆزىڭىز تەرىپىدىن ئاشكارلىنىپ بولدى.

ئىقرار قىلىشنى خالىمىغان تەقدىرىدىمۇ ھەربىر ئادەمنىڭ ئوغۇرلۇقچە قاراش ئىستىكىنىڭ بارلىقى بىر ھەقىقەت.

بۇ دۇنيا ئازسانلىق كىشىلەرگە مەنسۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر تۆلىگەن بارچە بەدەنلىرى دەل مۇشۇ كىشىلىك چەمبىرەككە كىرىش ئۈچۈندۇر.

بارلىق گۈزەللىك رەسمى MeiTu ۋە PS تىن ئايرىلالمايدۇ. كىشىلەر پەقەت گۈزەللەشتۈرۈلگەندىن كىيىنكى ئۆزىنىلا ئىتراپ قىلىدۇ.

كىشىلەرنىڭ تېلىفۇنغا بولغان ئىستىكى ھاياتلىقنى قەدىرلەشتىنمۇ ئېشىپ كىتىۋاتىدۇ.

كىشىلەر تېلفۇن ئارقلىق ئادەم تونۇشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن بولغاچقا، تېلىفۇن ئارقىسىدىكى ئادەمنىڭ قانداقلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.

توردىن سەكرەپ چىققان ھەرقانداق بىر كىچىك كۆزنەك بىر يەمچۈك بولۇشى مۇمكىن.

قەبرە تېشىنىڭ ئۈستىدىكى ئىككىلىك كودى سىككانىرلاپ دوستىڭىزنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىڭ.

تېلىفۇننى ئويناشقا قانچە بىرىلگەنسىرى،كاللىڭىزدىكى سۇ شۇنچە كۆپىيىدۇ.

بىر كۈنلەر كىلىپ سىز تۇيۇقسىز قولىڭىزدىكى تېلىفۇننى تاشلىغىنىڭىزدا، چوڭ مېڭىڭىزنىڭ قۇپ-قۇرۇق بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايسىز.


