
تۆۋەندىكى ئۈچ خىل كۆكتات، يېيىشلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئېچىلىشىمۇ ئىنتايىن گۈزەل، بالكونغا بىر تەشتەك تېرىسا، چىرايلىق ھەم ئاددىي بولۇپ، بالكوندا گۈل ئۆستۈرگەندە ياقتۇرۇپ يەيدىغان كۆكتاتلارنى تېرىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئەگەر ئۆيدە بوش تەشتەك بولسا ياكى بەلگىلىك بوشلۇق، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى ياخشى بولسا، تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلارنى تېرىشنى ئويلىشىپ باقساق بولىدۇ، سۇڭپىياز، كۈدە، يۇمغاق سۈت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆيدە ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ. پەقەت قۇياش نۇرى بولسىلا بولدى، يەنە بىز ئادەتتە دائىم يەيدىغان نەرسىلەرنى تېرىسا بولىدۇ.شۇنداقلا ناھايىتى تەملىك، يېيىشلىك بولۇپلا قالماي، يەنە چىرايلىق گۈللەرئېچىلىپ، سىزنى چوقۇم خۇشال قىلىدۇ، ئۇلارنى ئاسراش، پەرۋىش قىلىش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ بىخ سۈرۈپ چېچەكلىگەنلىكىنى كۆرۈشمۇ ئارتۇق كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق بولمىسا كېرەك. راستتىنلا ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ.

1. تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن ياڭيۇ
ياڭيۇچېچەكلىگەندە، گۈللەر ئاپپاق رەڭدە بولۇپ، سۇس سۆسۈن رەڭمۇ ئارلاشقان بولىدۇ، ساپاق ـ ساپاقلىرى ئىنتايىن چىرايلىق بولىدۇ، چوڭراق تەشتەك تەييارلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن چوڭراق بەرەڭگە ئۆسۈپ چىقىشى ئۈچۈن تەشتەك كىچىك بولۇپ قالسا چوقۇم پاتمايدۇ، تۇپراق ئاز بولۇپ قالسا ئوزۇقلۇقمۇيېتىشمەيدۇ، تەشتەكنىڭ دىيامېتىرى تەخمىنەن 20 سانتىمېتىردىن ئاشىدۇ، بەلگىلىك چوڭقۇرلۇققا ئىگە بولسا، تۇپراق ئادەتتىكى باغ توپىسى بىلەنمۇ بولىدۇ
ئازراق ئورگانىك ئوغۇت قوشىمىز


ئەگەرئۆيدە بەرەڭگە بىخ سۈرسە، بەرەڭگىنى پارچىلاپ، تەشتەككە كۆمۈپ قويسىمۇ بولىدۇ، چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن ئۈچ سانتىمېتىر بولسا بولىدۇ، تۇپراق يۈزىدىن ئۈچ ـ تۆت سانتىمېتىر ئايرىلسا، بىخ سىرتقا چىقىپ، ئۈستىگە قارىغان ئورۇننى ساقلاپ قالىمىز.تېمپېراتۇرا يۇقىرىراق بولغاندا، ئۇ بىخ سۈرىدۇ، بىخ چىقارغاندىن كېيىن، بىخ قانچە چوڭايغانسېرى شۇنچە چېچەكلەيدۇ، كەينىدىن ئۇششاق بەرەڭگە چۈشىدۇ.


2. تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن تاتلىقياڭيۇ
ئەمەلىيەتتە تاتلىق ياڭيۇمۇ چېچەكلەيدۇ، ئېچىلغان گۈل سۇس سۆسۈن رەڭدە بولۇپ، لابا گۈلىگە ئوخشايدۇ، بەك چىرايلىق. ئۇنداقتا تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن تاتلىق ياڭيۇنى قانداق بېقىش كېرەك؟
ئەگەرتاتلىقياڭيۇ ئەمدىلا بىخ سۈرگەن بولسا، تېرىسا بولىدۇ، بىخلانمىسا ئاۋۋال نەم قۇمغا بىر مەزگىل قويۇپ، بىخ سۈرگەندىن كېيىن تەشتەككە كۆمۈپ قويسا ياكى چوڭ بولغان بىخنى ئۈزۈپ، تەشتەككە تىكسە بولىدۇ.

تاتلىق ياڭيۇنى چوڭقۇر كۆمۈشنىڭ ھاجىتى يوق، قەرەللىك سۇغۇرۇپ تۇرسا، ئۇ ناھايىتى تېز ئۆسىدۇ، بولۇپمۇ ئەتىيازدا، مايسىلار ناھايىتى تېزئۆسىدۇ، ناھايىتى تېزلا نۇرغۇن تاتلىق ياڭيۇ يوپۇرمىقى ئۆسۈپ چىقىدۇ، تاتلىق ياڭيۇ يوپۇرمىقىنى يېگىلى بولىدۇ، كۈزدە يەنە تاتلىق ياڭيۇ ئۆسۈپ چىقىدۇ.

3. تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن ئەمەن
سېرىق ئەمەندىن ئىبارەت بۇ خىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتنىڭ ئازراق ئالاھىدە تەمى بار، سېرىق ئەمەننى بالكونىغا تېرىسىمۇ بولىدۇ، پەقەت ئازراق ئۇرۇق تەييارلاپ، تەشتەككە بىۋاسىتە چېچىپ، بىر سانتىمېتىر قېلىنلىقتىكى تۇپراقنى يېپىپ، تېرىغاندىن كېيىن، سۇغىرىپ، ئاندىن قۇياش نۇرى ياخشى چۈشىدىغان ئورۇنغا قويسا بولىدۇ.

ئادەتتە بىر ھەپتە ئەتراپىدا بىخ سۈرۈپ مايسا ئۈنۈپ چىقىدۇ، مايسا كۆپ بولسا شالاڭلىتىشقا بولىدۇ، 10 سانتىمېتىر ئۆسكەندە ئورگانىك ئوغۇت، سۇ بېرىپ، مايسىنىڭ تېخىمۇ بولۇق ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرسەك بولىدۇ. ئەمەن چېچىكىمۇ ئىنتايىن گۈزەل ئۆسىدۇ


