دۇنيادىكى ئادەملەرنى چوڭقۇر ئويغا سالغان بەش ھەيكەل
EMINBIZ
ھەيكەل ھەربىرىمىزگە ناتونۇش بولمىغان نەرسە بولسا كېرەك، چۈنكى ھەيكەل بىز دائىم ئۇچرىتىدىغان نەرسە. ھەيكەل ماددىي ماتېرىيال ۋە ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇق ئوبرازىنىڭ كۆرۈش سېزىمى سەنئىتى.

بىراق بىر قىسىم ھەيكەللەر قارىماققا ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ، خۇددى ئۈستىدىكى بۇ ھەيكەلگە ئوخشاش ئادەمگە ئاجايىپ تۇيغۇ بېرىدۇ.

ئۈستىدىكى بۇ ئىسپانىيەدىن كەلگەن سۇ كلاپانىنىڭ ھەيكىلى. قارىماققا بىر جۈمەك بوشلۇقتا توختاپ سۇ پۈركۈمەكتە. سىلەر بۇ جۈمەكنىڭ ھاۋادا قانداق تىك تۇرىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟

يېڭى زېللاندىيە« كارتون» ھەيكىلى ھەرقانداق نۇقتىدىن قارىغاندا يالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كەپشەرلەنگەن پولاتتىن ياسالغان بولۇپ، ئېگىزلىكى 15 مېتىر كېلىدۇ. بۇنداق لايىھە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ئالدىدى، نۇرغۇن كىشىلەر بىر قاراپلا بۇنى ساختا نەرسە دەپ قارىدى.

گىرېتسىيەدىكى « يۈگۈرگۈچى» بەلكىم كۆپچىلىك بۇنداق كۆرۈنۈشنى كۆرسە، ئىنتايىن غەلىتىلىك ھېس قىلىشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ ھەيكەلنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتى ھەرقانداق نۇقتىدىن قارىغاندا، بىر ھەرىكەت ئوبرازىنى كۆرۈشتە. بىر تىنچ جىسىمنىڭ ھەيكىلى بولسىمۇ، لېكىن جانلىق ھالەتتە ياسالغان، ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ.

ئەڭ ئاخىرقىسى ئامېرىكا ھەيكىلىنىڭ« ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك تاماق» بولۇپ، ئاپتورى Albert Szukalskii داۋىنچىنىڭ داڭلىق ئەسىرى« ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك تاماق» دىن ئىلھام ئېلىپ ياسىغان. بۇ ھەيكەل ھەقىقەتەن ئادەمگە بىر خىل قورقۇنچلۇق تۇيغۇ بېرىدۇ، چۈنكى بۇنداق ھەيكەلنى كۆرگەندە ئادەمنىڭ خىياللىرى سۈرلۈك ھېس تۇيغۇغا تولىدۇ.