
2021-يىلى 7-مارت، دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يى «ئىككى يىغىن» دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا جۇڭگو نۇسخىسىدىكى «خەلقئارا ساياھەت ساغلاملىق ئىسپاتى»نى ئېلان قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە كىشىلەرنىڭ چېگرا ھالقىغان بېرىش-كېلىشىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان «جۇڭگو لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. 8-مارت، جۇڭگو نۇسخىسىدىكى «خەلقئارا ساياھەت ساغلاملىق ئىسپاتى» ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسى رەسمىي تورغا چىقىرىلدى، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئىشلىتىشىنى قارشى ئالىدۇ.

2021-يىلى 7-مارت، دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يى «ئىككى يىغىن» دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا جۇڭگو نۇسخىسىدىكى «خەلقئارا ساياھەت ساغلاملىق ئىسپاتى»نى ئېلان قىلدى
01
جۇڭگو نۇسخىسىدىكى «خەلقئارا ساياھەت ساغلاملىق ئىسپاتى» دېگەن نېمە؟
جۇڭگو نۇسخىسىدىكى «خەلقئارا ساياھەت ساغلاملىق ئىسپاتى» بىر خىل ئۇنىۋېرسال ئىسپات بولۇپ، ئۇنىڭدا كىشىلەرنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش نەتىجىسى، قان زەردابى IgG ئانتىتېلا تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە ۋاكسىنا ئەملەش ئەھۋالى قاتارلىقلار كۆرۈنىدۇ. ساغلاملىق ئىسپاتى ئىچىدە شىفىرلاشتۇرۇلغان ئىككىلىك كود بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈشى ۋە شەخسلەرنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى ئوقۇشى ئۈچۈن تەمىنلىنىدۇ. ئېلېكتىرون نۇسخىسىدىن باشقا، يەنە قەغەز نۇسخىسىنى بېسىپ چىقارغىلىمۇ بولىدۇ.


02
خەلقئارالىق ساياھەت ساغلاملىق ئىسپاتىنى قانداق ئالغىلى بولىدۇ؟
ئەگەر خەلقئارا ساياھەت ساغلاملىق ئىسپاتى ئالماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئۇسۇلنى قوللىنىڭ:
(1) ئۈندىدارنى ئېچىپ، ھۆكۈمەت تەرەپ يوللىغان ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق كىچىك پىروگراممىغا كىرىپ، «خەلقئارا ساياھەت ساغلاملىق ئىسپاتىنى تەكشۈرۈش ۋە كۆرسىتىش»نى تاللاپ مەشغۇلات ئېلىپ بارىسىز.

(2) ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسىدا «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساغلاملىق كودى خەلقئارا نۇسخىسى»نى ئىزدەپ كىچىك پىروگراممىغا كىرىش ئۇلانمىسىنى تېپىپ، «خەلقئارا ساياھەت ساغلاملىق ئىسپاتىنى تەكشۈرۈش ۋە كۆرسىتىش»نى تاللاپ مەشغۇلات ئېلىپ بارىسىز. تۇنجى قېتىم تىزىملىتىشتىن بۇرۇن، تەرتىپ كۆرسەتمىسى بويىچە شەخسىي سالاھىيەتنى ھەم پاسپورت قاتارلىق ساياھەت گۇۋاھنامىلىرىنى دەلىللەيسىز.

03
جۇڭگو نۇسخىسىدىكى «خەلقئارا ساياھەت ساغلاملىق ئىسپاتى»نى ئىشلىتىش قانداق قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش دائىملاشقان مەزگىلدە، ھەتتا يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋردە، ساغلاملىق ئامىلىنىڭ خەلقئارا كىشىلەر ئالاقىسىدىكى مۇھىملىقى تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ.
يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن ساغلاملىق ئىسپاتىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو نۇسخىسىدىكى «خەلقئارا ساياھەت ساغلاملىق ئىسپاتى» كىشىلەرنىڭ دۆلەت ھالقىپ ساغلام، بىخەتەر، تەرتىپلىك بېرىپ-كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور رول ئويناپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ «جاھان كېزىشى»نى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.
مەنبە : جوڭگۇ رادىئو تورى

