大数跨境

ھىندىستاندا نىمە ئۈچۈن ھەربى پاراتتا موتوسىكىلىت مىنىدۇ

ھىندىستاندا نىمە ئۈچۈن ھەربى پاراتتا موتوسىكىلىت مىنىدۇ EMINBIZ
2021-04-04
2


ھەر يىلى1- ئاينىڭ26 -كۈنى ھىندىستاندا« جۇمھۇرىيەت كۈنى» ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھەر يىللىق ھەربىي پاراتتا، ھىندىستان« دۆلەت مەدەنىيەت جەۋھىرى» نىڭ باسما ئويۇنى بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان موتسىكلىت سېرىك ئويۇنى. 2015 ـ يىلى، شۇ چاغدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما تەكلىپكە بىنائەن ھەربىي پاراتقا قاتناشقان ، پۈتۈن مۇساپىدە چۆچۈپ كەتمىگەن ئوباما  ئاخرىدا بىر موتوسىكلىتنىڭ چىققانلىقىنى كۆرۈپ  ،كۈلۈپ  ئىختىيارسىز باش بارمىقىنى چىقارغان .
ئەينى چاغدىكى ھىندىستان ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ تەپسىلاتلارنى خەۋەر قىلىپ، موتوسېكلىت ماھارىتى ئويۇنى دەپ ئاتىغان، بۇ ئوبامانىڭ ماختىشىدىكى سەۋەب، دېدى ھەمدە ئوبامانىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مەسخىرە قىلىپ:  ئويۇنىڭلار باھايىتى قالتىس بولدى  دىگەن .
ھەربى پاراتتىن ئىبارەت بۇنداق كەسكىن سورۇندا، بىر توپ كىشىلەر موتوسىكلىتتا« سېرىك» ئويۇنى كۆرسەتكەن ، بۇ خۇددى پاراتتىن چەتنەپ كەتكەندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئويۇن قويغۇچىلار دەل ھىندىستان قوشۇنىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئاساسلىقى ئىككى ئالاھىدە قىسىم تۈرىدىن تەركىب تاپقان:  بىرى، ھىندىستان چېگرا مۇداپىيە قىسمى (Border Security Force، قىسقارتىلىپ BSF دېيىلىدۇ) نىڭ Jan Baz ئويۇن كۆرسىتىش ئەترىتى؛ يەنە بىرى سىگنال ئەترىتى Dare Devils ئويۇن كۆرسىتىش ئەترىتى.
ئالدىنقىسى 1990-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مەقسىتى  بولسا ھىندىستان خەلقىگە ئۆزىنىڭ موتوسىكىلىت  ھەيدەش ماھارىتىنى نامايان قىلىش ۋە  جۇغراپىيىلىك مۇھىتنىڭ تەسىرىدە، بۇ چېگرا مۇداپىئە ئارمىيىسى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، يۇقىرى بولغان  ھەيدەش ماھارىتىگە موھتاج بولىدىكەن . ئاق قالپاق كىيىۋالغىنى سىگنال قىسمى بولۇپ، ئۇلار ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكە دەۋرىدىكى خان جەمەتى سىگنال قىسمىدىن كەلگەن، ئاساسلىق خىزمىتى جەڭ مەيدانىدا ئارمىيەنى خەۋەرلىشىش ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەش ئىكەن . ئىلگىرىكى ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر ئانچە تەرەققىي قىلمىغان شارائىتتا، ئۇلار چوقۇم  موتوسىكلىتنى ھەيدەپ، ئۇچۇر يەتكۈزۈشنى تېز تاماملىشى كېرەك  ئىكەن .
بەزىلەر بۇ موتوسىكلىتلار ھازىرقى زامان جەڭ مەيدانلىرىدا راستتىنلا مۇشۇنداق ئىشلىتىلەمدۇ؟ دەپ سورىشى مۇمكىن.  ئەمىلىيەتتە   ئۇنداق ئەمەس. پەن-تېخنىكىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، موتسىكىلىت بىلەن ئالاقىلىشىش دەۋرنىڭ ئېھتىياجىدىن ئارقىدا قېلىشقا باشلىدى.2018 ـ يىلىدىن باشلاپ، سىگنالچى ئەسكەرلەر قايتا ئويۇن قويماي تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىققان . 

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 307
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读282
粉丝0
内容307