大数跨境

مۇزىكا مۇنبىرىدىكى خانىش رېخانا مەسخىرگە ئۇچۇردى

مۇزىكا مۇنبىرىدىكى خانىش رېخانا مەسخىرگە ئۇچۇردى EMINBIZ
2021-03-21
0

بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن مۇزىكا مۇنبىرىدىكى خانىش رېخانا « ANTI» ناملىق پىلاستىنكىسىنى تارقاتقىنىغا توپتوغرا بەش يىل بولدى، 2021-يىلى ئۇنىڭ مەستانىلىرى ئۇنىڭ يىڭى  پىلاستىنكىسى چىقىشىنى ئۈمىد كۈتۈپ تۇرغاندا يەنە بىر كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈردىغان خەۋەر كەلدى چۈنكى رېخانا ئۆزىنىڭ قوشۇمچە كەسىپ ئىشلىرىنى ئاستا-ئاستا كېڭەيتىپ، يېڭىدىن يەنە بىر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇردى! 
ئەسلىدە رېخانا شىركىتى ئارقىلىق يېڭى تاۋار ماركىسى Fenty Hair نى رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرۇپ، گىرىم مەھسۇلاتى Fenty Beauty، تېرە ئاسراش مەھسۇلاتى Fenty skin، ئىچ كىيىم ماركىسى SAVAGEX FENTY دىن ئەمدى يەنە چاچ ساھەسىگە كىرمەكچى بولدى.
تېخىمۇ مۇبالىغىلەشتۈرگىنى شۇكى، بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى رېخانا يەنە « Sorry, I\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\'m Booked» تاۋار ماركىسىنى نورمىدىن سىرت رويخەتكە ئالدۇرغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىلدىن باشلاپ ئاشخانا سايمانلىرى، قاچا-قۇچا قاتارلىق تاماق ئېتىشكە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. 
رېخانانىڭ يەنە بىر قېتىم يېڭى Fenty يۈرۈشلۈك تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالغانلىق خەۋىرى چىقىشى بىلەنلا.
نۇرغۇن ناخشا مەستانىلىرى مەسخىرە ھالدا: « مەن كەلگۈسىدە رېخانانىڭ تېرە ئاسراش، ئىچ كىيىم ۋە گىرىم بۇيۇملىرىدىن بەھرىمەن بولىمەن، FENTY X PUMA نىڭ ئايىغىنى كىيىمەن، ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت ناخشى ئاڭلىماقچى بولسام يېڭى پلاستىنكا يوقتە. ھازىر مۇزىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ بىرىنىمۇ قىلمايدىغان بولدى.»

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 307
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读282
粉丝0
内容307