
ھازىرقى ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەرگە نىسبەتەن، ماۋۇ كەسىپتە پۇلنى بەكلا جىق تاپقىلى بولىدۇ دەپ كېسىپ ئېيتىش ناھايىتى تەس. لېكىن پۇل تاپقىلى بولىدىغان كەسىپلەر يوق ئەمەس، مەسىلەن، پۇل-مۇئامىلە كەسپى. باشقىلىرىنى دېمەي تۇرايلى، پۇل-مۇئامىلە كەسپىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىلا باشقا كەسىپلەرنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى. پۇل-مۇئامىلە كەسپى كەڭ مەنىدىكى ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ بىزگە تونۇشلۇق بولغان بانكا كەسپى، ھاۋالە، فوند، ئاكسىيە، ھەتتا بەزى ئەل ئىچىدىكى پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى «پۇل-مۇئامىلە كەسپى»دىن ئىبارەت بۇ كەڭ مەنىدىكى ئۇقۇمغا تەۋە.
پۇل-مۇئامىلە كەسپى تىلغا ئېلىنغانىكەن، كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدىكى «تۆمۈر تاۋاق» بانكا كەسپىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. 2019-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، پۇل-مۇئامىلە كەسپىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى 131 مىڭ 405 يۈەن بولۇپ، بارلىق كەسىپلەر ئىچىدە 3-ئورۇندا تۇرغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بانكا كەسپىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى ئېنىقلا بۇنىڭكىدىن يۇقىرى چىقىدۇ.
ئۇزۇندىن بۇيان، پۇل-مۇئامىلە كەسپى كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدە ئىزچىل ياخشى كەسپ ھېسابلىنىپ كەلدى، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ كەسىپ تاللىشىغا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتتى. پۇل-مۇئامىلە كەسپىدىكى بانكا كەسپىمۇ ئىزچىل تۈردە كۆپ پايدا، كۆپ مائاش ئالىدىغان، كۆپ باج تاپشۇرىدىغان «ئۈچ كۆپ» ساھە بولۇپ كەلدى. ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، «يۇقىرى مائاش» كەسپ تاللاشقا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل. غايە ئامىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تۇرساق، خىزمەت قىلىشتىن مەقسەت پۇل تېپىپ تىرىكچىلىك قىلىش ئەمەسمۇ.
2020-يىلى ھەر قايسى چوڭ بانكىلار يىللىق سانلىق مەلۇمات دوكلاتىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە بەزى بانكا باشلىقلىرىنىڭ يىللىق مائاشى مىليون يۈەنگە يەتكەن، بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىدى. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ نەزىرى بارغانسىرى بانكىغا مەركەزلىشىپ جەمىيەتتىكى بىر قىزىق تېمىغا ئايلىنىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت بانكىنىڭ «يۇقىرى ئىش ھەققى»نى «يوقلىما» قىلىپمۇ ئۈلگۈردى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا بانكا كەسپىدە مائاشنىڭ غەيرىي يۇقىرى بولۇش ئەھۋالى تىلغا ئېلىنغان، شۇنداقلا بانكىلارغا: «مائاشنى يېرىم چۈشۈرۈش كېرەك!» دېيىلگەن.
ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتتى، ئۇنداقتا بانكا كەسپى راستىنلا مائاشنى يېرىم چۈشەردىمۇ؟ يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە بانكىلارمۇ خېلى زور زەربىگە ئۇچرىدى، پاي چېكى بازارغا سېلىنغان ھەرقايسى چوڭ بانكىلارنىڭ مالىيە دوكلاتىدىن قارىغاندا، «مائاشنى تۆۋەنلىتىش دولقۇنى»نىڭ ھەقىقەتەن يېتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
2020-يىلى 6-ئايغىچە، نۇرغۇن بانكىلارنىڭ مائاشىدا داۋالغۇش كۆرۈلدى. داۋالغۇش ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغىنى يەنىلا پىڭئەن بانكىسى بولدى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مائاش يۇقىرى بولغاندا 34 مىڭ 500 يۈەن تۆۋەنلىتىلدى. جېجياڭ سودا بانكىسىمۇ بۇ داۋالغۇشتىن قۇرۇق قالمىدى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مائاش 23 مىڭ 900 يۈەن تۆۋەنلىتىلدى. بانكا كەسپىنىڭ مائاشىنىڭ بىراقلا ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرمىگەن بولساقمۇ، لېكىن نۇرغۇن بانكىلارنىڭ مائاش تۆۋەنلىتىش ھەرىكىتى كۆپچىلىككە بانكىنىڭ مائاش سەۋىيەسىنىڭ ئەسلى نەقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ بەردى.
بىراق، بۇنىڭغا نىسبەتەن بانكىدا ئىشلەيدىغانلار ئوخشىمايدىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەلۇم بىر بانكىنىڭ خادىمى بانكا كەسپىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىكى سەۋەب يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ مائاشىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بولغانلىقىدا، دېدى. لېكىن ئاساسىي قاتلامدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى ئەمەلىيەتتە ئادەتتىكىچە بولۇپ، ئەگەر مائاشنى بىراقلا تۆۋەنلىتىۋەتسە، ئاساسىي قاتلام خادىملىرىنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىغا تەسىر يېتىدۇ. بانكا كەسپىدىكى مائاش سىرتتىكىلەرگە ئىزچىل بىر سىر بولۇپ كەلدى. بەزىلەر بىر ئايلىقى ئاران ئۈچ-تۆت مىڭ يۈەن دەيدۇ، يەنە بەزىلەر يىلدا 100 مىڭ يۈەن مائاش ئالىمەن دەيدۇ. خىزمەتچى خادىمنىڭ دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، تېخىمۇ كۆپ مائاش ئالىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنىڭ كۆپ بولغانلىقى بانكا خادىملىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ بەكلا يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئەلۋەتتە، بانكىدىكى ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەيدىغان خادىملار مائاشنى تۆۋەنلىتىشنى قوبۇل قىلالمايدۇ، چۈنكى بانكىنىڭ ئۈنۈم مائاشىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى ئەزەلدىن ئىنتايىن چىڭ. ئادەتتىكى خادىملار ھەر ئايدا باشقىلارغا يالۋۇرۇپ دېگۈدەك پۇل ئامانەت قويغۇزۇپ، مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ، ئاخىرىدا ئاران نەچچە مىڭ يۈەن مائاش ئالىدۇ. ئەگەر بۇنچىلىك مائاشى يەنە تۆۋەنلىتىلسە، خادىملارنىڭ خىزمەت قىزغىنىلىقى سۇسلاپ كېتىدۇ.

