
يېقىنقى 10 نەچچە يىل ئىچىدە، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىمۇ بارغانسېرى ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇقرالارنىڭ ھەميانىمۇ بارغانسېرى تومپىيىپ، ئىستېمال سەۋىيەسىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆستى. نۆۋەتتە نۇرغۇن ياشلارنىڭ نەزىرىدە، ئايلىق كىرىمى 5000 يۈەنگە يەتسە ئاندىن لاياقەتلىك بولغان بولىدۇ، ئايلىق مائاشى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلارغىمۇ كىشىلەر ئانچە ھەيران قالمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، دۆلىتىمىزدە ئايلىق كىرىمى 5000 يۈەنگە يېتىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى كىشىلەر توپىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئانچە كۆپ ئەمەس، ئۇلار ئاساسلىقى چوڭ شەھەرلەردىكى IT، پۇل-مۇئامىلە، ئالاقە تورى قاتارلىق ساھەلەرگە ياكى ئىشتاتلىق كەسپىي ئورۇنلارغا، دۆلەت كارخانىلىرى قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئايلىق مائاشى 5000 يۈەنگە يەتمەيدۇ. جەمئىيەتتە 5000 يۈەننى لاياقەت سىزىقى قىلىۋېلىشنىڭ تارقىلىپ يۈرۈشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، نۇرغۇن خىزمەت ئىزدەش توربېكەتلىرى دىققەتنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرىراق مائاش ئۆلچىمىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن 5000 يۈەندىن تۆۋەن ئىش ھەققى يوق، ھەممىسى يەتتە-سەككىز مىڭ يۈەن ياكى ئون مىڭ يۈەندىن يۇقىرى ئىش ھەققىنى يازىدۇ، لېكىن يېڭى خىزمەتچىلەر كارخانىغا كىرگەندىن كېيىن، قولىغا ھەقىقىي تىگىدىغان مائاش بۇنداق يۇقىرى چىقىشى ناتايىن.
ھازىر ئىككى خىل قاراش بار، بىرى، دۆلەت ئىچىدە ئايلىق مائاشى 5000 يۈەندىن ئاشىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، يەنە بىرى، دۆلەت ئىچىدە ئايلىق كىرىمى 5000 يۈەنگە يېتىدىغانلار بىر قەدەر ئاز، ئۇنداقتا زادى قايسى قاراش توغرا؟
بىرىنچى، سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، 2020-يىلى مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى خۇسۇسىي بولمىغان ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ يىللىق مائاشى 97 مىڭ 300 يۈەن بولغان، خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق مائاشى 57 مىڭ 700 يۈەن بولغان. دۆلەت كارخانىلىرىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق كىرىمى 8000 يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن، خۇسۇسىي كارخانىلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمى ئومۇميۈزلۈك 5000 يۈەندىن تۆۋەن بولغان. لېكىن، ئەمەلىيەتتە دۆلىتىمىزدە خۇسۇسىي كارخانىلار %85 تىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ، دۆلەت كارخانىلىرى %15 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئايلىق مائاشى 5000 يۈەندىن ئاشىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئانچە چوڭ ئەمەس.
ئىككىنچى، ئايلىق كىرىمى 5000 يۈەن بولغانلارنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرغۇچىلارنىڭ سانىغا ئاساسەن ھېسابلاشقا بولىدۇ، چۈنكى ئادەتتە شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىش چېكى 5000 يۈەن بولىدۇ. بۇرۇن دۆلىتىمىزدە شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىش چېكى 3500 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەندە، باج تاپشۇرىدىغانلار تەخمىنەن 135 مىليون كىشىگە يەتكەن، شەخسىي تاپاۋەت بېجى 5000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەندە، شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرىدىغانلار 100 مىليونغا يەتمەي، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 60 مىليون ئەتراپىدا ئادەم ئازايغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، 2018-يىلى شەخسىي تاپاۋەت بېجى 5000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەندە، شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرالايدىغانلارنىڭ سانى 75 مىليون ئۆپچۆرىسىگە چۈشكەن.
ئۈچىنچى، بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلگىرى بىر تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلغان، 2020-يىلى 5-ئايدىكى دۆلەت دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە ئايلىق كىرىمى 5000 يۈەندىن ئاشىدىغانلار تەخمىنەن 71 مىليون 820 مىڭ بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇس سانىنىڭ %5.13 نى ئىگىلەيدىكەن. يەنى نوپۇزلۇق ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە ئايلىق كىرىمى 5000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە بولغان ئاھالىلەرنىڭ سانى 63 مىليون 280 مىڭ ئىكەن، بۇنىڭغا ئەگەر ئايلىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغان كىشىلەرنىڭ سانى (تەخمىنەن 8 مىليون 540 مىڭ ئادەم) نى قوشقاندا، 71 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم دېگەن يەكۈننى چىقارغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئەگەر ئايلىق كىرىمىڭىز 5000 يۈەندىن ئاشسا، مائاشىڭىز %90 تىن ئارتۇق ئادەمدىن يۇقىرى دېگەن گەپ.
يۇقىرىقى ئۈچ گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 1 مىليارد 400 مىليون ئاھالە ئىچىدە، ئايلىق مائاشى 5000 يۈەندىن ئاشىدىغانلار %10 كە يەتمەيدۇ. نېمىشقا نۇرغۇن كىشىلەر ئىش ھەققى 5000 يۈەندىن ئاشسا ئاندىن لاياقەتلىك بولىدۇ دەپ قارايدۇ دېگەندە، ئاساسلىقى ئۇلار چوڭ شەھەرلەردە ياشاپ، گۈللەنمە كەسىپلەر، مەسىلەن، IT، پۇل-مۇئامىلە، ئالاقە تورى قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بۇ كەسىپلەردە كىرىم ئومۇميۈزلۈك يۇقىرىراق بولىدۇ. ھالبۇكى، كەڭ ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەردىكى ئەنئەنىۋى كارخانىلاردىكى كۆپ ساندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققى بۇنچىلىك يۇقىرى ئەمەس. ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە، ئىشچى-خىزمەتچىلەر كۈن بويى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ، 5000~6000 يۈەن مائاش ئالالىشى ناتايىن.

