大数跨境

بانكا تور نۇقتىلىرى تاقىلىۋاتىدۇ، خىزمەتچىلەرنىڭ چىقىش يولى نەدە

بانكا تور نۇقتىلىرى تاقىلىۋاتىدۇ، خىزمەتچىلەرنىڭ چىقىش يولى نەدە EMINBIZ
2021-10-08
2




بانكىدا ئىشلەش ئىزچىل تۈردە بىر تۈرلۈك ياخشى خىزمەتلەرنىڭ بېرى سانىلىپ كەلگەن، لېكىن ھازىر ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 8-ئاينىڭ باشلىرىغىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ بانكا تور نۇقتىلىرىدىن 1528 ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، ئېلىمىزنىڭ بانكا پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدا ئىشلەيدىغانلار 3 مىليون 900 مىڭغا يېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئومۇمىي ساننىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىغانلار تور نۇقتىسىدىكى خىزمەتچىلەر بولۇپ، سانى 2 مىليونغا يېتىدىكەن. بانكىلارنىڭ ئەمەلىي تور نۇقتىلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، بۇ خادىملار كەسىپ ئۆزگەرتىش بېسىمىغا دۇچ كېلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، 2 مىليونغا يېقىن بانكا خىزمەتچىسىنى كەسىپ ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاۋاتقان سەۋەب ئاساسلىقى ئىككى: بىرى، ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھازىر نۇرغۇن بانكىلار توردا ئۆزىنىڭ ئورگان تور بېكىتىنى قۇرغاندىن سىرت، يەنە يانفوندا بانكا ئەپى ئىشلەۋاتىدۇ، نۆۋەتتە خېرىدارلار كەسپىنىڭ %95 تىن كۆپرەكىنى توردىلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ، بۇنداق بولغانىكەن، كىشىلەر ئەلۋەتتە بانكىغا بېرىپ كەسىپ بېجىرىپ يۈرمەيدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، كىشىلەرنىڭ بانكا پوكەي خادىمىغا بولغان ئېھتىياجى بارغانسىرى كىچىكلەۋاتىدۇ، چۈنكى خېرىدارلار نەق پۇلنى ئالماقچى ياكى سالماقچى بولسا، بانكىنىڭ ATM سىدىنلا بىجىرەلەيدۇ، بانكا پوكىيىگە ئۆچرەت ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوق.

يەنە بىرى، ھازىر نۇرغۇن بانكىلارنىڭ ھەممىسى پېيى بازارغا سېلىنغان بانكىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەسپىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكىمۇ ناھايىتى يۇقىرى تەلىپى بار، ئەگەر ئەمەلىي تور نۇقتىلىرى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، مائاش، ئىجارە ھەققى قاتارلىق بىر قاتار تىجارەت  چىقىمى ئېشىپ كېتىدۇ، ئەگەر بانكا تور نۇقتىلىرىنىڭ كۆلىمى ئازايتىلسا، ھەر يىلى نۇرغۇن چىقىمنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. شۇڭا، زۆرۈر بولمىغان ئەمەلىي تور نۇقتىلىرىنى تاقاش دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بانكىلارنىڭ جىددىي قىلىدىغان ئىشى بولۇپ قالدى. بەزىلەر بانكا خادىملىرىنىڭ چىقىش يولى قەيەردىلىكىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈشى مۇمكىن، ئۇنداقتا ئەگەر راستىنلا كەسىپ ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەپ قالسا، بانكا خادىملىرىنىڭ چىقىش يولى قەيەردە؟

بىرىنچى، ئۆزى ئىشلەيدىغان بانكا ئەمەلىي تور نۇقتىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، بانكا پۇكەي خادىملىرى مەخسۇس خېرىدارلارنىڭ ئامانەت پۇلىنى جەلپ قىلىپ، خېرىدارلارنى كۆپەيتىدىغان خېرىدارلار دىرېكتورلۇقىنى سىناپ باقسا بولىدۇ. چۈنكى، بانكا ھەر يىلى خېرىدارلارنى ئىزدەپ ئامانەت پۇل توپلايدۇ، يەنە خېرىدارلارغا قەرز پۇل بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بانكا پۇكەي خادىملىرى يەنە مالىيە باشقۇرۇش دىرېكتورى بولۇپ، مەخسۇس خېرىدارلارغا بانكىنىڭ مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرى، بانكا كاپالىتى مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرسىمۇ بولىدۇ. شۇڭا، بىر قىسىم بانكا پۇكەي خادىملىرى يەنىلا كەسپىنى بويلاپ باشقا ئىشلارنى قىلسا بولىدۇ.

ئىككىنچى، ئەگەر بانكا خادىملىرى ئەسلىدىنلا ئۇزاق مۇددەت پۇل ئامانەت قويۇش، مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى ئورۇنلىيالمايۋاتقان بولسا، كەسىپ ئالمىشىپ ئاكسىيە شىركىتىگە بارسا، مەسىلەن، پايچىكلارنى باشلاپ كېلىپ ھېسابات ئاچتۇرسا ياكى خېرىدارلارغا پاي چېكى ئويناش يۇمشاق دېتالى ساتسا بولىدۇ. ياكى خېرىدارلارغا ئاشكارا توپلانغان فوندقا مەبلەغ سېلىشنى تونۇشتۇرسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر پاي چېكى بازىرىنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولسا، مەبلەغ ۋە ئاكسىيە يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق كەسىپلەرنى سىناپ باقسىمۇ بولىدۇ. قىسقىسى، ئەسلىدىكى بانكا خىزمەتچىلىرىدىن كۆپ ساندىكى كىشىلەر مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەردە قېلىپ، بىر كىشىلىك خىزمەتكە ئېرىشەلەيدۇ. ئەمما، ئاكسىيە شىركىتىدە ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ نىسپىي كىرىمى ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرىنىڭكىدىن يۇقىرىراق چىقىشى مۇمكىن.

ئۈچىنچى، بەزى بانكا پۇكەي خادىملىرى بانكىدا خىزمەت قىلغاندا، خېرىدارلارغا بانكا سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىنى تەۋسىيە قىلىپ باققان بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ پايدا تەقسىملەش سۇغۇرتىسى قاتارلىق سۇغۇرتا تۈرلىرىگە بىر قەدەر پىششىق كېلىدۇ. شۇڭا، بۇ بىر قىسىم كىشىلەر سۇغۇرتا شىركىتى ياكى مالىيە باشقۇرۇش شىركىتىگە بېرىپ، مەخسۇس شۇ شىركەتلەرگە ۋاكالىتەن سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىنى ساتسا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار بانكا كەسپىدە ئۇزۇن يىل ئىشلىگەچكە، قولىدا بىر قىسىم خېرىدار مەنبەسى بار بولىدۇ، شۇڭا خىزمەت ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى خېرىدارلار بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنالايدۇ.

يىغىنچاقلىساق، ئىنتېرنېت تورى تېخنىكىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بانكىلارنىڭ نۇرغۇن كەسىپلىرى تورغا كۆچۈرۈلدى، شۇڭلاشقا كۆپلىگەن ئەمەلىي تور نۇقتىلىرىنى يۈرۈتۈشكە ھاجەت قالمىدى. شۇڭا نۇرغۇن بانكىلار خىزمەت نەتىجىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەمەلىي تور نۇقتىلىرىنى بارا-بارا تاقاۋاتىدۇ، كەلگۈسىدە مۆلچەرلىنىشچە 2 مىليونغا يېقىن بانكا ئىشچى-خىزمەتچىسى كەسىپ ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر داۋاملىق بانكىدا قېلىپ خېرىدارلار دېرىكتورى، مالىيە دېرىكتورى بولسا بولىدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئاكسىيە شىركەتلىرىگە بېرىپ، ئۆزلىرى ئىلگىرى پىششىق بىلىدىغان نەرسىلەرنى، مەسىلەن، فوند، ھاۋالە مەھسۇلاتلىرىنى ساتسا بولىدۇ. يەنە بەزىلەر سۇغۇرتا شىركىتىگە بارسا بولىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى خېرىدار مەنبەسىنىمۇ تەڭلا ئېلىپ بارىدىغان بولغاچقا، يېڭى شىركەتنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىپ كېلەلەيدۇ

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0