
ئادەتتە گىرىم قىلىدىغان قىزلارنىڭ گىرىم قىلمايدىغان قىزلارغا قارىغاندا ئەقىللىق ئىكەنلىكى شۇنداقلا كىرىمىنىڭمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. گىرىم قىلغانلىكى قىزنىڭ ھەممىسى مۇنەۋۋەر بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما مۇنەۋۋەر قىزلار چوقۇم گىرىم قىلىدۇ.
▼
سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن چوقۇم گىرىم قىىڭ
ئەگەر سىز گىرىم قىلىشنى پەقەت بىر كۈن چىرايلىق يۈرۈش دەپلا ئويلىغان بولسىڭىز خاتالىشىپسىز. بەلكىم ئويلاپ باقمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن، ھازىر ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ئېغىر، مۇشۇنداق ۋاقىتتىمۇ سىز گىرىم قىلمىسام تېرەم تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلىغان بولسىڭىز ئەكسىچە بارا-بارا تېرىڭىز تېخىمۇ ناچارلىشىپ كىتىدۇ. گەرچە ئەتىگەن-كەچ يۈزىڭىزنى پاكىز يۇيۇپ، تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلەتسىڭىزمۇ، كۈندۈزى بۇلغانغان ھاۋا بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقان تىرىڭىز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماي قالمايدۇ.

▼
خىزمىتىڭىز قانچە ئالدىراش بولسا شۇنچە گىرىم قىلىشىڭىز كېرەك
چۈنكى خىزمىتىڭىز قانچە ئالدىراش بولغانسېرى تېرىڭىز شۇنچە ناچارلىشىپ كىتىدۇ، شۇڭلاشقا چوقۇم گىرىم بىلەن باشقىلارغا جانلىق تەسىر بېرىشىڭىز كېرەك، باشقىلارنىڭ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ خۇنۇك، نۇرسىز چىرايىڭىزغا قاراپ ئىشلىگۈسى كەلمەيدۇ، شۇنداقلا ئۆزىڭىزمۇ ياخشى كەيپىيات بىلەن خىزمەت ئۈنىمىڭىزنى ئاشۇرالمايسىز.

ئورنىڭىز قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە گىرىم قىلىشىڭىز كېرەك
▼
ھەرقانداق خىزمەت ئورنىدا مەرتىۋىسى يۇقىرى خىزمەتچى خانىم –قىزلار ئۆزىنىڭ يۈرۈش تۇرىشى ھەم سالاپىتىگە چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك، شۇندىلا خىزمەتچىلىڭىزنىڭ ئالدىدا ئىناۋىتىڭىز يۇقىرى بولىدۇ.

كەيپىياتىڭىز قانچە ناچار بولسا شۇنچە گىرىم قىلىشىڭىز كېرەك
▼
تۈگىمەس ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەشلەر، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمۈدنىڭ سۇسلاپ كىتىشى، مۇھەببىتىڭىز بىلەن تۈگىمەس سوقۇشۇشلار....كەيپىياتىڭىز ئىنتايىن ناچار شۇنداقمۇ؟ بەزى قىزلار مۇشۇنداق كەيپىياتى ناچار چاغدا بەكلا ئۆزىنى تاشلىۋىتىدۇ، بۇ ئىنتايىن خاتا ئەھۋال. سىز چوقۇم كەيپىياتىڭىز قانچە ناچار بولغانسېرى شۇنچە گىرىم قىلىپ ئۆزىڭىزنى ياساپ يۈرىشىڭىز كېرەك، بولمىسا بۇنداق ناچار كەيپىيات قوينىدىن مەڭگۈ قۇتۇلۇپ چىقالمايسىز.

يولدىشىڭىزنىڭ ئالدىدا چوقۇم گىرىم قىلىشىڭىز كېرەك
▼
يولدىشىڭىز بىلەن مىڭ تەستە بىر ئائىلىنى بەرپا قىلىپ، ئاخىرىدا يولدىشىڭىز كۆزگە ئىلمايدىغان ئايالغا ئايلىنىپ قېلىشنى خالىمايسىز ھەقىچان، شۇنداق بولغانىكەن مۇھەببەتنى يېڭىچە ساقلاپ قېلىشقا ئىنتىلىڭ، ھەرگىزمۇ بىز يات ئادەم ئەمەس دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ ئالدىدا ۋەيرانە يۈرمەڭ، يولدىشىڭىز ھەرۋاقىت سىزنىڭ گۈلدەك ياسانغان ھالىتىڭىزنى كۆرۈپ تۇرسۇن.


