
ساغلاملىقىڭىزغا ئەمىن بىز ھەمراھ
كۆپلىگەن جىگەر راكى ئوتتۇرا ياكى ئاخىرقى
باسقۇچقا كەلگەندە ئاندىن بايقىلىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ، بىرلەمچى جىگەر راكى دۆلىتىمىزدە دائىم كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ بىرسى بولۇپ ، ئۆلۈش نىسبىتى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. دۆلىتىمىز ئەزەلدىن جىگەر كېسەللىكى كۆپ دۆلەت بولۇپ ، پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى تەخمىنەن 750 مىڭ يېڭى جىگەر راكىغا گىرىپتار بولغان بىمار بار ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاسىيادىن كەلگەن ، ئۇلارنىڭ تەخمىنەن يېرىمى جۇڭگودىن كېلىدۇ .

تەخمىنەن %85 بىمار ئېنىق دىئاگنوز قويغاندا ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالىدۇ. ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى باسقۇچتىكى بىمارلار ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغاچقا ، داۋالاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ . ئاخىرقى باسقۇچتىكى جىگەر راكى بىمارلىرىنىڭ ياشاش مەزگىلى تەخمىنەن بىر يىل ، بەش يىل ياشاش نىسبىتىمۇ ئارانلا %12 . شۇڭا ، جىگەر راكىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېلىمىز خەلقى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر .

جىگەر راكى پەيدا بولغاندا ، بەدەن قانداق سىگنال بېرىدۇ؟
جىگەر راكى بايقالغان ھامان ئوتتۇرا ، ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالىدۇ ، بىردىن بىر سەۋەب بىمارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ۋاقتىدا بايقىيالماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، جىگەر راكى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ، بەدىنىمىز ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقىرىدۇ ، بىز ۋاقتىدا دىققەت قىلىشىمىز ھەم بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرۈنۈشىمىز كېرەك .
1. ئۇخلىغاندىكى نورمالسىز ئىپادە : - ئۇيقۇسىزلىق ، تەرلەش ، قورساقنىڭ ئوڭ تەرىپى ئاغرىش ، كېچىدە كۆپ ئويغىنىش ئالامەتلىرى ئەگەر ئۇزاق مۇددەت كۆرۈلسە ، جىگەر ساغلاملىقىدا مەسىلە بار-يوقلۇقىنى ئويلىشىش كېرەك . ئۇنىڭدىن باشقا ئاخىرقى باسقۇچتىكى جىگەر راكى بىمارلىرىدا ، جىگەر ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەنگەنلىكتىن ، جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسىلى قوشۇلۇپ كېلىپ ، بىمارنىڭ ئۇيقۇسىراش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

2. ئىشتىھاسىزلىق : - جىگەر ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ چوڭ ھەزىم قىلىش بېزى بولۇپ ، جىگەردە ئۆسمىنىڭ ھۇجۇمى بولغاندا ، ھەزىم قىلىش خىزمىتى تەسىرگە ئۇچراپ ، بىماردا ئاسانلا ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ، قورساق كۆپۈش ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ، كۆڭلى ئېلىشىش ، قۇسۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ .

3. جىگەر ئەتراپى ئاغرىش : - كۆپ قىسىم ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى باسقۇچتىكى جىگەر راكى بىمارلىرىدا جىگەر رايونى ئاغرىش تۇنجى كېسەللىك ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ ، جىگەر رايونى ئاغرىقىنىڭ ئورنى ئوڭ قوۋۇرغا ياكى خەنجەرسىمان ئۆسۈكچە ئاستىدا بولۇپ ، بىمار تېلىپ ئاغرىش ياكى سانجىپ ئاغرىشنى ھېس قىلىدۇ . ئادەتتە ئارىلاپ ئاغرىش ياكى داۋاملىق ئاغرىش بولۇپ ، ئاغرىقتىن بۇرۇن قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستى قىسمى بىئارام بولغاندەك ھېس قىلىدۇ .

4. قان شېكىرى تۆۋەنلىك كېسىلى : - جىگەرنىىڭ زەخىملىنىش كۆلىمى %70 ~% 80 تىن ئېشىپ كەتكەندە ، بىماردا روشەن قان شېكىرى تۆۋەنلىك كۆرۈلىدۇ ، باش قېيىش ، ماغدۇرسىزلىنىش ، سوغۇق تەرلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .

5. باشقا ئالامەتلەر : - تېرە سارغىيىش ياكى كۆز ئاقىرىش ، سۈيدۈك قېنىق چاي رەڭگىگە ئۆزگىرىش قاتارلىق نورمالسىز ئىپادىلەرگىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك ، چۈنكى جىگەر« بىلىرۇبىن» نىڭ مېتابولىزم مەركىزى بولۇپ ، ئەگەر جىگەردە كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلسە ، ئۇنداقتا بىلىرۇبىن نورمال ماددا ئالماشتۇرالماي، ئارقىدىنلا ئالاقىدار كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزۇن مەزگىل چىرايى قارىداپ، نۇرسىز بولۇپ قالسىمۇ جىگەرنىىڭ ساغلاملىق مەسىلىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك. نۇرغۇن سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى، جىگەر قېتىش بىمارلىرىنىڭ چىرايى سارغىيىپ، قارىداپ كېتىدۇ.

جىگەر راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چوقۇم يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ ، قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك . بالدۇر تەكشۈرۈش ، بالدۇر بايقاش ، بالدۇر داۋالاش بىمارنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى . ئادەتتە جىگەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى ئاز قىلىش كېرەك .
ئۇنداقتا قايسى خىل ھەرىكەت ئادەتلىرى بىزنىڭ جىگىرىمىزنىڭ ساغلاملىقىغا ئاسانلا زىيان يەتكۈزىدۇ؟
1. تۈن بويى كىرپىك قاقماسلىق : - ئۇزۇن مەزگىل تۈنەش ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، كېچە دەل جىگەرنىىڭ دەم ئېلىش ۋاقتى بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل تۈنەش جىگەرنىىڭ نورمال ئارام ئىلىشىنى توسۇيدۇ ، ئېغىر يۈككە بەرداشلىق بېرەلمەي، تەبىئىي ھالدا بىر قاتار كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش : - ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش جىگەرگە زىيانلىق، بولۇپمۇ ھاراقنى كۆپ ئىچسە، ئىسپىرت جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى زەخىملەندۈرۈپ، ئىسپىرت جىگەرنى زەخىملەندۈرىدۇ. ئۇزاق مۇددەت ھاراق ئىچىش جىگەرنىىڭ مېتابولىزم ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، جىگەرنىىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈپ، ھەر خىل جىگەر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. كەيپىيات چىگىشلىشىش : - ئۇزاق مۇددەت ئاچچىقلىنىش، ئىچى تىتىلداش، بېسىم چوڭ بولۇش، دەرغەزەپكە كېلىش روھىي ھالىتىدە تۇرغاندا، ئاسانلا سەپرا چىگىلىپ قالىدۇ. كەيپىياتنىڭ جىگەر ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرىگە سەل قارىماڭ، ياخشى كەيپىياتنى ساقلاشمۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى .

4. دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش : - دورىنى كۆپ يېيىشكە، خالىغانچە ئىچىشكە بولمايدۇ، بەزى دورىنىڭ ئۈچ ئۈلۈشى زەھەرلىك . بۇ زەھەرلەر جىگەر ئارقىلىق ماددا ئالماشتۇرىدۇ، بىر قىسىم دورىلارنى ئىچكەندىن كېيىن جىگەرگە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيان يەتكۈزۈپ، دورا مەنبەلىك جىگەر ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا دورا ئىشلىتىشتە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش كېرەك.

قانداق قىلغاندا جىگەرنىىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىغىلى بولىدۇ؟
جىگەرنى ئاسراشتا، يېمەك ـ ئىچمەك ئادىتىنى تەڭشەش ئىنتايىن مۇھىم. يېمەك-ئىچمەكتە مۇۋاپىق، قانۇنىيەتلىك بولۇش، كۆپ يەپ-ئىچىشتىن ساقلىنىش، تازىلىققا دىققەت قىلىش كېرەك، بەزى جىگەر كېسەللىك تارىخى گەندە-ئېغىز ئارقىلىق تارقىلىدۇ، تاماقتىن بۇرۇن، چوڭ-كىچىك تەرەتتىن كېيىن ئىككى قولنى پاكىز تۇتۇش، پاكىز بولمىغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.

ھاراق-تاماكىنى تاشلاش، بولۇپمۇ ئۇزاق مۇددەت ھاراق ئىچىدىغانلار ھاراقنى ئاز ئىچىش ياكى ئىچمەسلىك، جىگەرنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. يېمەك-ئىچمەكتىن باشقا، ياخشى كەيپىياتنى ساقلاشمۇ جىگەرنى ئاسراش، ئامال بار ئېغىر-بېسىق، ئۈمىدۋار، ئوچۇق-يورۇق بولۇش، دائىم ئاچچىقلانماسلىق، كەيپىياتنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. ئەگەر بېسىم بەك چوڭ بولۇپ كەتسە پەسەيتىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش كېرەك، ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى بېسىم ھالىتىدە تۇرماسلىق، ئۇيقۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ياخشى بولغان ئۇيقۇ سۈپىتى ئادەمگە بىر قەدەر ياخشى بولغان روھىي ھالەتنى ئېلىپ كېلىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ 40 ياشتىن كېيىن ھەر يىلى بىر قېتىم جىگەر تەكشۈرتۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. جىگەرنىڭ كومپېنساتسىيەلىك ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغاچقا، كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تىپىك كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرى بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ جەھەتتىكى تەكشۈرۈشلەرگە كۆپرەك دىققەت قىلىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كېسەلنى بالدۇر داۋالاش كېرەك.



