大数跨境

ئاياللارنىڭ كۆكسىگە زىيانلىق 8 ئامىل

ئاياللارنىڭ كۆكسىگە زىيانلىق 8 ئامىل EMINBIZ
2021-12-18
2


1. كىيىم - كېچەكنىڭ زىيادە تار بولۇشى ، سۈنئىي تالالىق بولۇشى كۆكسىگە زىيانلىق بولۇپ ، قىز - ئاياللار تار لىپتەكلەرنى تاقىسا ۋە تار كىيىملەرنى كىيسە ، كۆكرەك قىسىمى بېسىمغا ئۇچراپ ، سۈت بېزى كىچىكلەپ كېتىدۇ . ئەمچەك توپچىسى ياخشى يېتىلمەي ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ . سۈت نەيچىسى قىسقىرىپ كېتىدۇ ، ھەتتا ئېتىلىپ قالىدۇ . بۇنىڭ بىلەن كۆكسى سولىشىپ ، شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ ، توپچىسى ئولتۇرۇشۇپ قالىدۇ .

2. يېمەك - ئىچمەكنىڭ ناچار بولۇشى ، قۇۋۋەتلىك يېمەسلىك ، ئورۇقلاش دورىلىرىنى كۆپ ئىشلىتىشنىڭمۇ  زىيىنى بولۇپ ، ئەمچەكنىڭ تولۇق ئۆسۈپ يېتىلىشىنى توسۇپ قويىدۇ . بەك مۇھىمى ئاياللارنىڭ ھاراق ئىچىشى ئەڭ زىيانلىق بولۇپ ، سۈت بېزى راكىنى پەيدا قىلىدۇ .


3. كۆكسى تازىلىقنىڭ ياخشى بولماسلىقى ، ياز پەسىلىدە ۋە باشقا ۋاقىتلاردا ئۇنى پات - پات يۇيۇپ تۇرماسلىق ، بولۇپمۇ ھامىلىدارلىق ، بالا ئېمىتىش مەزگىلدە يۇيۇپ تۇرمىغاندا ئاسانلا كېسەل پەيدا قىلىدۇ ، يەنى سۈتنىڭ بۇزۇلۇپ قېلىشى ، سۈت بېزى ياللۇغى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .


4. ئېغىر بېسىمغا يەنى ئۇرۇلۇش ، سوقۇلۇشقا ئۇچراش ، ئەمچەك زەخىملىنىش قاتارلىقلارمۇ ئەمچەككە زىيانلىق بولۇپ ، ئاسانلا ئەمچەكتە تۈگۈنچە شەكىللىنىپ قىلىپ، ئۇنى ۋاقتىدا داۋالىماسلىقتىن ھەرخىل يامانن كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە ئەمچەك توپچىسىنىڭ زەربە تۈپەيلىدىن ئىچىگە كىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ .


5. بالىنى تولۇق ئېمىتمەسلىك ، بالدۇر سۈتتىن ئايرىۋېتىش ، ۋاقتىدا ئېمىتمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۈتىنىڭ ئەمچەكتە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ بۇزۇلۇپ ،  يەرلىك ئورۇننى غىدىقلىشى سەۋەبىدىنن سۈت بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم ئەمچەك دائىم چىڭقىلىش ھالىتىدە تۇرۇۋېلىپ ، ئەمچەكتە مونەكچە شەكىللىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئېغىر بولغاندا سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .


6. مۇۋاپىق چېنىقماسلىق . ئەمچەككە مۇناسىۋەتلىك تەنتەربىيە ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانماسلىق  سەۋەبىدىن ئەمچەك تولۇق يېتىلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .


7. زىيادە سېمىزلىك ۋە رادىياكتىپلىق نۇرلار بىلەن كۆپ ئۇچرىشىشمۇ سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ  چىقىرىدۇ .



8. روھى ئامىلنىڭمۇ سۈت چىقىرىشقا تەسىرى بولىدۇ . ئېمتىش مەزگىلىدىكى روھى ئازاب، ھەددىدىن زىيادە ئاچچىقلىنىش ، خىيالچان بولۇش قاتارلىقلارمۇ چوڭ مېڭە پوستىلىقى ئارقىلىق ھىپوفىزنىڭ رولىغا تەسىر كۆرسىتىپ ، سۈت كەلتۈرگۈچى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشنى ئازايتىش نەتىجىسىدە سۈت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىۋىتىدۇ .


سالونىمىز تەۋسىيەسى : - خانىم-قىزلار كۆكسىنىڭ ساغلام ، گۈزەل بولماسلىقىدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى دەل كۆكسىنى مۇۋاپىق ئۇۋۇلاپ ، ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئىشلەپ ، يەرلىك ئورۇننىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بەرمىگەنلىكتە . ئەگەر بۇ تەرىپىگە دىققەت قىلىنسا ، ئەمچەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولۇپ ، قېرىشى كېچىكىپ ، كىچىك بولسا مۇۋاپىق چوڭىيىپ ، بوش بولسا چىڭپ دېگەندەك ساغلاملىقى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

ساغلاملىق چىن ھۇزۇردىن باشلانغۇسى


【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 307
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读282
粉丝0
内容307