大数跨境

كەچ ئۇخلايدىغا بۇنى قايناقسۇغا تاشلاپ ئىچىڭ - زەھەر ھەيدەيدۇ

كەچ ئۇخلايدىغا بۇنى قايناقسۇغا تاشلاپ ئىچىڭ - زەھەر ھەيدەيدۇ EMINBIZ
2021-10-30
1
导读:،



كۈندە 8 ئىستاكان سۇ ئادەم بەدىنى تەلەپ قىلىدىغان سۇ مىقدارى ، بۇنىڭدىن سىرت بۈگۈن سىلەرگە بىر مەخپىيەتلىكنى ئېيتىپ بېرەي ، سۇ ئىچكەندە تۆۋەندىكى نەرسىلەرنى قۇشۇپ ئىچسىڭىز ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپلا قالماي ، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

جۈخار گۈلى

 زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، ئىششىق ياندۇرىدۇ : - جۇخار گۈلى ، ياپونىيە ئۇچقېتى ، يەسىمەن گۈلى قاتارلىقلارنى چايغا دەملەپ ئېچىپ بەرگەندە ئىسسىقنى ياندۇرۇپ ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، گال ئاغرىش ، ئىسسىقىنى بىسىش قاتارلىق روللىرى بار

 كۆرۈش قۇۋىتىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش : - جۇخار گۈلىنى دەملەپ ئىچىپ بەرگەندە كۆزدىكى ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە پايدىسى بار


 رادىيەتسىيەنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ : - دائىم كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرىدىغانلار جۈخار چىيىنى كۆپ ئېچىپ بەرسە بولىدۇ كومىپيوتىر رادىيەتسىيەسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ


ئاچچىق كاۋا

زەھەر تازىلاش : - ئاچچىق كاۋىنىڭ تەركىۋىدە مول بولغان ۋىتامىن ماددىسى بولۇپ ، ھەر قانداق پەسىلدە چايغا سېلىپ ئېچىپ بەرسە بەدەندىكى زەھەرنى تازىلاش رولى بار

 قان بېسىم : - ئاچچىق كاۋىنىڭ قان تەركىبىدىكى ماي ماددىسى ۋە شىكەر ماددىسىنى تۆۋەنلىتىش ئىقتىدارى ئالاھىدە بولۇپ ، قان تەركىبىدىكى خولېستېرىن ماددىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ ، قان بىسىمغا ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدۇ

 ماددا ئالمىششنى ئىلگىرى سۈرىدۇ : - ئاچچىق كاۋىنىڭ تەمى قىرتاق تەبىئيىتى سوغۇق بولۇپ يۈرەك ، ئۆپكە ، ئاشقازانغا بولغان ئۈنۈمى ياخشى ، ماددا ئالمىششنى ئىلگىرى سۈرىدۇ


لىمون


 يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ : - لىمون سۈيىنىڭ تەركىبىدىكى كالتىسي ماددىلىرى قاننىڭ ئۇيۇشۇش ئىقتىدارىنى تېزلىتىپ ،يۇقىرى قان بىسىم ۋە يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

 بەلغەم كۆپ بولۇش : - لىموننىڭ بەلغەمنى بوشىتىش ئۈنۈمى بار بولۇپ ، بەلغەم كۆپ كىشىلەر لىموننى قايناقسۇ ياكى چايغا چىلاپ ئىچىپ بەرسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ

 بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ : - لىمون تەركىبىدە كۆپ مىقداردا سىترات بولۇپ كالتسىي تۇزنىڭ قېتىۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، بۇ ئارقىلىق بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، ھەتتا قىسمەن بۆرەكتە تاش بار بىمارلاردىكى تاشنى ئازايتىدۇ

ئالقات

 جىگەرنى ئاسراش : - ئالقاتنىڭ تەركىبىدىكى شىكەر ماددىسى جىگەرنى ئاسراشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ ، جىگەر ئىقتىدارىنى ئەسلىگە قايتۇرىدۇ

 يۈزدىكى قورۇقنى يوقىتىش : - ئالقاتنىڭ قېرىلىققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ ، ئالقاتنى چاي دەملەپ دائىم ئېچىپ بەرگەندە يۈز تېرىسى قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، ئالقاتنىڭ تەركىبىدە مول بولغان شىكەر ، ۋىتامىن ، سىنىك فلاۋون قاتارلىق ماددىلارنىڭ يۈز تېرىسىگە بولغان ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى

 قەنت سىيىش كىسىلى : - ئالقات قاندىكى شىكەر ماددىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ ، قان تومۇرلارنى يۇمشىتىپ ، قان تەركىۋىدىكى خولېستېرىن ماددىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ ، قەنت سىيىش كىسىلى بار كىشىلەر ئېچىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ


دولانا

ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ : - دولانا تەركىبىدە مول بولغان شىكەر ، ئاقسىل ، ماي ، كالتسىي ، فوسفورلۇق تۆمۈر ، ۋىتامىن قاتارلىق ماددىلار بولۇپ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ

 قاندىكى ماي ماددىسىنى تۆۋەنلىتىش : - دولانانىڭ قاندىكى ماي ماددىسىنى تۆۋەنلىتىش ئىقتىدارى بولۇپ ، قاندىكى ماي ماددىسى يۇقىرى كىشىلەر داۋاملىق ئېچىپ بەرسە بولىدۇ


 تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ : - دائىم قەۋزىيەت بولىدىغان كىشىلەر ئىچىپ بەرسە ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ


يالپۇز

 ئېغىز پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ : - يالپۇزنىڭ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش ئىقتىدارى بولۇپ ، ماددا ئالمىششنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ، ئىسسىقنى باسىدۇ ، ئېغىز پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

 دانخورەك يوقىتىدۇ : - داۋاملىق يالپۇزدا چاي دەملەپ ئېچىپ بەرگەندە ، يۈزدىكى دانخورەكلەرنى ئۈنۈملۈك يوقتىدۇ

 ئۇسسۇزلىقنى قاندۇرىدۇ : - يالپۇز سۈيىنى تەنھەرىكەتتىن كىيىن ئىچىشقا ماس كىلىدۇ ، بىر ئىستاكان بولسىلا ئۇسسۇزلىقىڭىزنى قاندۇرۇشقا يېتىدۇ ، شۇنداقلا بەدەندىكى زەھەر ۋە ئەخلەتلەرنى تازىلايدۇ


ئەتىرگۈل


 ئورۇقلاش : - ئەتىرگۈل بەرگى چىيى چايلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ ئۇزۇن مەزگىل ئېچىپ بەرگەندە بەدەندە يىغىلىپ قالغان مايلارنى سېرىپ ، ئورۇقلتىدۇ

 تەر تۆشۈكچىلىرىنى كىچىكلىتىدۇ : - ئەتىرگۈلنىڭ ئۆزگىچە زەھەر تازىلاش ئىقتىدارى بولۇپ داۋاملىق ئېچىپ بەرگەندە تېرىنى يۇمرانلاشتۇرىدۇ ، تەر تۆشۈكچىلىرىنى كىچىكلىتىدۇ

 ھەيىز مەزگىلىنى تەڭشەيدۇ : - ھەيىز مەزگىلىدىكى بەدەن ساغلاملىقىنى تەڭشەش تولىمۇ مۇھىم بولۇپ ، سەل قاراشقا بولمايدۇ ، ھەيىز مەزگىلىدە قورسىقى ئاغرىيدىغانلار ئەتىرگۈل چىيى ئېچىش ئارقلىق يۈز قىسمى تېرىسى خۈنۈك بولۇش ، بىئارام بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەڭشەشكە بولىدۇ


ھەسەل

ھارغىنلىقنى يوقىتىدۇ : - ھەسەل تەركىبىدە چوڭ مىڭىگە كىرەكلىك ئېنىرگىيە بولۇپ تەركىبىدىكى مىۋە شىكىرى ، گىلۇكۇزا ئاسانلا بەدەن تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ ، دائىم كىچىسى تۈنەيدىغانلار ھەسەل سۈيى ئېچىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ

 سەزگۈر تېرىلەرنى تەڭشەيدۇ : - ھەسەلنىڭ تەركىۋىدە بەلگىلىك مىقداردا گۈل چىڭى بولۇپ دائىم ھەسەل سۈيى ئېچىپ بەرگەندە  تېرىنىڭ سەزكۈرلىكىنى ئەسلىگە قايتۇرىدۇ

 ئۆپكىنى سىلىقلاشتۇرۇپ يۆتەلنى توختىدۇ : - ھەسەلنىڭ ياللۇغ قايتۇرۇش ، بەلغەم يۇمشىتىش ئۆپكىنى سىلىقلاش يۆتەلنى توختىش قاتارلىق روللىرى بار 




【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0