大数跨境

دۇنيادىكى ئەڭ رومانتىك ياتاق، باھاسىدىن چۆچۈپ كىتىسىز

دۇنيادىكى ئەڭ رومانتىك ياتاق، باھاسىدىن چۆچۈپ كىتىسىز EMINBIZ
2021-11-06
0

دەۋر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، جەمئىيەت ئىلگىرىلەۋاتىدۇ،كىشىلەرنىڭ يېڭىلىققا ئىنتىلىشىمۇ بارا-بارا كۈچىيىۋاتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلارنىڭ يېڭىلىققا ئىنتىلىش ئىستىكىنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە سودا پۇرسىتىنى ئالدىن بايقىغانلار ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ھەرخىل ئىجادىيەتلەر بارلىققا كەلمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، ئامازوننىڭ باش لىدىرى بېزوس ئالەم بوشلۇقىدا مېھمانساراي قۇرۇش پىلانى بار ئىكەن، بۇ ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقى ساياھەتچىلىكىگە يۈرۈش قىلغىلى ياكى بۇ ھەرىكەتتىن پايدىلىنىپ يوشۇرۇن خېرىدارلارنى ئالەم بوشلۇقى ساياھىتىگە جەلپ قىلغىلى بولىدىكەن.

ئەگەر باھاسى مۇۋاپىق بولسا چوقۇم نۇرغۇن كىشىلەر بەس-بەس بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ ساياھەت قىلىش پۇرسىتىنى تالىشىدۇ.

شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ يېڭىلىققا ئىنتىلىش ئارزۇسىنى بايقىغان بىرى تىك ياردىكى مېھمانخانىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

ساياھەتكە كەلگۈچىلەر بىر كېچىلىكى 88 مىڭ يۈەن بولغان بۇ مېھمانخانىدا يېتىپ بېقىش ئۈچۈن ئۆچىرەت تۇرۇپ زاكاس چۈشۈرىدىكەن.
ئىلگىرىمۇ بۇنىڭدەك كىشىلەرنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغان مېھمانخانىلارمۇ ئاز ئەمەس. ئورمانلىقتىكى ئاسما مېھمانخانا، بوشلۇقتا ئېسىلىپ تۇرغان تۇيغۇدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان كېچىلىك مەنزىرىنىمۇ كۆرەلەيسىز. 

بۇ مېھمانخانىنىڭ بىر كېچىلىكى تەخمىنەن 300 ئامېرىكا دوللىرى(1915يۈەن)، بۇنداق مېھمانخانىنى سىز ياخشى كۆرەمسىز؟ 
قەبرە شەكىللىك مېھمانخانا، بۇ مېھمانخانا شىۋىتسىيەگە جايلاشقان، ئىچىدە  توك يوق بولۇپلا قالماي، ھەتتا ئەڭ ئاساسلىق ھاجەتخانىمۇ يوق ئىدى، شۇنداقتىمۇ نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

ھەتتا نۇرغۇن چەت ئەللىكلەر ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي كىلىپ پەقەت قەبرىستانلىقتا تۇرۇشنىڭ تەمىنى تېتىپ باقماقچى بولغان.  شۇنداقتىمۇ بىر كېچىلىكى 1000 يۈەن ئەتراپىدا.

قار-مۇز مېھمانخانىسى، شىۋېيتسارىيەدىكى بىر ئېگىز تاغنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان،« دۇنيادىكى ئەڭ سوغۇق مېھمانساراي» دەپ ئاتىشىدۇ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سۇغۇققا جەڭ ئېلان قىلىدىغان كىشىلەر بۇ مېھمانساراينىڭ نامىنى ئاڭلاپ، ئېسكىموسلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان تۇرالغۇ شارائىتىنى ھېس قىلىپ باقماقچى بولغان. 

مۇشۇنداق جاننى قىينايدىغان مېھمانخانىنىڭ بىر كېچىلىكىمۇ 1000يۈەن ئەتراپىدا بولغان، يەنە شۇنداقتىمۇ ئالدىن زاكاس قىلىدىغانلارنىڭ سانى ئۈزۈلمىگەن.

ئۆڭكۈردىكى مېھمانخانا، بۇ سۈرەتنى كۆرگەندىن كىيىن غەرىپكە ساياھەت فىلىمىدىكى كالا دېۋىنىڭ ھوجۇرسىغا ئوخشايدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.

بۇ مېھمانخانا مەخسۇس يېڭى توي قىلغانلارغا قارىتا لاھىيەلەنگەن، بىر كېچىلىكى888يۈەندىن2000يۈەنگىچە.
مالدىۋېدىكى دېڭىز ئاستى مېھمانخانىسى،  قاراشتىنلا ھەرخىل دېڭىز جانلىقلىرى ۋە قورقۇنچلۇق ئاۋاز

ھەر ئادەمنىڭ قىزىقىشى باشقىچە دىگەندەك، يۇقارقى مېھمانخانىلار كىشىلەرنىڭ ھەرخىل قىزىقىشىنى قاندۇرۇپ كەلمەكتە، ئەمما يېقىندا توردىن يەر شارىدىكى تۇنجى يەتتە يۇلتۇزلۇق مېھمانساراينىڭ خەۋىرىنى كۆرۈپ قالدىم. دۇبەيگە جايلاشقان Burj Al Arab مىھمانسارىيى ئېگىزلىكى 321 مېتىر، جەمئىي 56 قەۋەت، سىرتقى شەكلى يەلكەنلىك كېمىگە ئوخشاپ كەتكەچكە، يەلكەنلىك كېمە مېھمانسارىيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 

ھالبۇكى، « دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس مېھمانساراي» دېگەن گۈزەل نامى بار، ھەشەمەتچىلىك بىلەن نامى چىققان بۇ مېھمانساراينىڭ باھاسى تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدەك ئۇنچە قىممەتمۇ ئەمەسكەن؟ ؟ 


مەلۇم ئەپتىن تەكشۈرۈپ باقسام، يېقىندا تۇرماقچى بولسىڭىز، ئەڭ ئەرزان بولغاندا بىر كىچىسىنى 10 مىڭ يۈەندىن، ئەڭ قىممەت بولغاندىمۇ ئاران 40 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن. كۆپ سۆزلىمەي،سىلەرنى بۇ مىھمانساراينى ئايلاندۇرۇپ چىقاي. 


بىر مۇنەۋۋەر مېھمانساراي بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەلۋەتتە ئۆزىڭىز قانداق بىرىشنى ئويلىشىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئايروپىلاندىن چۈشۈپ، ئايرۇدۇرۇمنىڭ دەرۋازىسىدىن بىخارامان چىققاندىن كېيىن، يەلكەنلىك كېمە مېھمانخانىسىغا ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن يېتىپ بارسىڭىز بولىدۇ. بىرى، مېھمانساراينىڭ مەخسۇس ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ بارسىڭىز بولىدۇ، ئاپتوموبىل ئادەتتىكى روللىس رويىس بولۇپ، پەقەت ئالتە تال بار، شۇڭا ئادەتتە ئالدىن زاكاز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. 
ئەلۋەتتە، ئەگەر سىزنىڭ بەك كۆپ يول ماڭغۇڭىز بولمىسا، سىز يەنە بىر خىل تېخىمۇ ئاسان ئىش تېجەيدىغان ئۇسۇلنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، يەنى تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرسىڭىز بولىدۇ. مېھمانساراينىڭ مەخسۇس ئايروپىلان توختىتىش مەيدانى بار، بېرىپ بىۋاستە ياتاق بېجىرسىڭىز بولىدۇ. ئادەتتە، كۆپ قىسىم كىشىلەر ماشىنىغا ئولتۇرۇشنى تاللايدۇ، چۈنكى تىك ئۇچار ئايروپىلان ھەققىنى ئايرىم تۆلەشكە توغرا كىلىدۇ.
نەق گەپكە كەلسەك، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ يەلكەنلىك كېمە مېھمانخانىسىغا كەلگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئىشىك ئېغىزىدىكى ئىككى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش توسىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن مېھمانخانىغا رەسمىي كىرگىلى بولىدۇ. زالغا كىرگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرق ئۇسلۇبىنى ھېس قىلىشنى باشلايسىز. ئارشاڭ بۇ يەردە يىڭىلىق ھېسابلانمايدۇ، بىراق پەلەمپەيسىمان فونتاننى مېنىڭ تۇنجى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، بولۇپمۇ ئەتراپىنى چوڭ ئالتۇن تۈۋرۈك ئوراپ تۇرىدىغان فونتاننى. 
زالنىڭ ئىككى تەرىپىدە سۇ جانلىقلىرى سارىيى بار بولۇپ، پەلەمپەيلىك لىفىت ئارقىلىق ئۈستىگە چىققاندا يېقىن ئارىلىقتىن كۆرگىلى بولىدۇ. سۇ ئاستى جانلىقلىرىنىڭ سىزگە ھەمراھ بولۇپ بىناغا چىقىشى ھەقىقەتەن ئاجايىپ تەسىرات. 
مېھمانخانىنىڭ ئوتتۇرا ھويلىسىنىڭ ئېگىزلىكى 180 مېتىردىن ئاشىدۇ، بىر قاراپلا چوققىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ھەتتا يەردىكى مەرمەر تاشلارمۇ مىكېلانگېلونىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىكەن. 
مېھمانخانىنىڭ ئەڭ كىچىك يۈرۈشلۈك ئۆيىمۇ 170 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. ئەڭ چوڭى خان جەمەتى يۈرۈشلۈك ياتىقى، مېھمانخانىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قەۋىتىدە، جەمئىي ئىككى يۈرۈش. چوڭلۇقى 780 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدۇ.
خان جەمەتى يۈرۈشلۈك ئۆيىدە جەمئىي ئىككى ياتاق ئۆي، مېھمانخانا، ئاشخانا، ھاجەتخانا ۋە كىتابخانا بار. ئىشىكنى ئاچقاندا، ئالدى بىلەن بىر كەڭ پەلەمپەي كۆزگە چېلىقىدۇ. يەنە بىر قېتىم قارىسىڭىز، كۆزىڭىزنىڭ چاقناپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز. چۈنكى ھەممە يەردە ئالتۇن بار، پەلەمپەي ئالتۇن، تامدىكى زىننەت بۇيۇملىرى ئالتۇندىن ياسالغان... 
ئىشىنىمەنكى، بىر قىسىم كىشىلەر ھازىر مېھمانسارايدا تۇرۇش ئۈچۈن پەلەمپەيدىن چىقىشقا توغرا كېلەمدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئالدىرىماڭ، يەتتە يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا بولغاندىكىن، باشقىلارمۇ چوقۇم بۇ مەسىلىنى ئويلىشىدۇ. مانا، ئۆيگە لېفىت ئورنىتىلغان، يەنە ئىچكى لىنىيە تېلىفونىمۇ بار. ھەر بىر قەۋەتكە 24سائەتلىك غوجىدار سەپلەنگەن بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن ھەممە مەسىلىنى ئۇلار ھەل قىلىپ بېرىدۇ. 
بىز ئالدى بىلەن بىرىنچى قەۋەتنى كۆرۈپ باقايلى، بۇ ئاساسلىقى مېھمانخانا، ئاشخانا ۋە كىتابخانا. پۈتۈن بېزەش ئۇسلۇبى ئوتتۇرا شەرق ئۇسلۇبىغا بىر قەدەر مايىل بولۇپ، ئاساسلىق رەڭگى قىزىل رەڭ ۋە ئالتۇن رەڭ. 
بارلىق كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان جايلارغا ئىمكانقەدەر ئالتۇن نەقىشلەنگەن. تۈۋرۈك، ئەينەك، ئۈستەل پۇتى، ھەتتا ئاسما چىراغ... بۇ يەر پەقەت سىز ئويلاپ يېتەلمەيدىغان مۇمكىنچىلىققا تولغان.
ئۇ يەرگە كىرىشتىن بۇرۇن، بۇ مېھمانخانىنىڭ ئايرىم زالى بارلىقىنى ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان بولغىيتتى. زالنىڭ چوڭلۇقى، بىر كۆرۈنۈش ئېلىش رامكىسىغا پاتمايدۇ. بۇ نەدىمۇ مېھمان قوبۇل قىلىش بولسۇن، شارائىت يار بەرسە، دوستلىرىنى چاقىرىپ ئولتۇرۇش قىلسىمۇ بولغۇدەك . 
ئەمدى 1-ياتاق ئۆيگە كېرىپ ئايلىنىپ باقايلى. ياتاق ئۆينىڭ بىرىنچى كۆرۈش تۇيغۇسى يەنىلا: چوڭ، نېمە دېگەن چوڭ. مېھماننىڭ ئۆينى قۇرۇقتەك ھېس قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك، ھۇجرىغا كىرىپ پەقەت كارىۋات بېشىدىكى ئىشكاپنىڭ كۇنۇپكىسىنى باسساقلا، كارىۋات ئاپتوماتىك ئايلىنالايدۇ، مېھمان ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن بۇلۇڭنى تەڭشىيەلەيدۇ. 
كارۋات ياپقۇچ ھەممىسىنى ئىتالىيەدىن ئىمپورت قىلغان بولۇپ، رەڭگىنى خالىغانچە ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. كارىۋاتنىڭ ئېگىز-پاكارلىقى، يۇمشاق-قاتتىقلىقى مېھمانلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەڭشىلىدۇ. مېھمانغا تېخىمۇ ئازادە تۇرالغۇ مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، پەقەت ياستۇقنىڭ تۈرىگىلا 17 خىلنى تەييارلىغان بولۇپ، مەخسۇس سىزنىڭ ياقتۇرىشىڭىزگە ئاساسەن تاللاپ بېرىدۇ. 
تازىلىق ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن، بۇ خىل ھەشەمەتچىلىك يۇقىرى پەللىگە يىتىدۇ. يەلكەنلىك كېمە مېھمانخانىسى ئالتۇندىن ياسالغان دېگەن سۆز-چۆچەكلەر دەل بۇ يەردە دەلىللەنگەن. تام ئالتۇن رەڭنى ئاساس قىلىدۇ، قارىماققا بەك قىممەت. ئىشىك ئالدىدىكى قارىماققا كۆزگە چېلىقمايدىغان تامغا يىپەك يېيىتىلغان، ئۈستىگە ئالتۇن ياپراقچە كەشتىلەنگەن. 
يۇيۇش، ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن ئەيماشىنىڭ .
كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى مۇنچا ئۆيى بولۇپ، ئالتۇن پارچىلىرىنى تۆت چاسا شەكلىدە تامغا يىيىتىلغان بولۇپ، كۆزنى چاقنىتىدۇ. ئۇنىڭ ئالدىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرەت قاچىسى، ئالتۇن سۇ تۇرۇبىسى، ئالتۇن قەغەز تارتقۇ گويا تىلغا ئالغۇچىلىكى يوقتەك كۆرۈنىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىكى 2-ياتاق ئۆي ، ئاياللارنىڭ ياتاق ئۆيى. تام يۈزى، يەر يۈزى ۋە كارىۋات بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن ھال رەڭ بولۇپ، خىيالىي تۇيغۇغا ئىگە. 
ئالدىدىكى تازىلىق ئۆيىگە سېلىشتۇرغاندا، ئاياللارنىڭ تازىلىق ئۆيىنىڭ رەڭگى تېخىمۇ يېقىملىق بولۇپ، بېزىلىشىمۇ ئۇنچە ھەشەمەت تۈسىدە ئەمەس، تامدىكى چوڭ ئەينەكمۇ ئالتۇندىن ياسالغان بولۇپ، گىرىم قىلىشقا ئەپلىك.

دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ مەرمەر تاش ۋاننىسىدا ئۈچ-تۆت ئادەم بىللە يۇيۇنسىمۇ يىتىپ ئاشىدۇ.

ئەگەر ياتاقنى ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن بەك زېرىكىشلىك ھېس قىلساق، سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرسەكمۇ بولىدۇ. مېھمانسارايدا چوڭ تىپتىكى دېڭىز ئۈستى ئوچۇق سۇپىسى Terrace بار، تاماق يېگىلى، سۇ ئۈزگىلى بولىدۇ، يېقىن ئەتراپتىكى دېڭىز ساھىلىدا سەيلە قىلغىلى بولىدۇ. 
يېڭىچە يەرلەرگە بارماقچى بولسىڭىز، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى رېستۇرانىنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ. دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ھەيران قالارلىق ئەمەس، بىراق بۇ تاماقخانىنىڭ ئورنى ئالاھىدە بولۇپ، دېڭىز ئاستىغا جايلاشقان، مېھمانلار سۇ ئاستى كېمىسىگە ئولتۇرسا ئاندىن يېتىپ بارالايدۇ. يول بويى، ھەر خىل دېڭىز بېلىقلىرى يېنىدىن ئۈزۈپ ئۆتىدۇ. 
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، پەقەت ياتاق بىلەن مېھمانخانىنى بىر ئايلىنىپ چىقىشقىلا بەلكىم يېرىم كۈن ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، مېھمانخانىدا داڭلىق كىشىلەر، چولپانلار بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىش پۈتۈنلەي غەلىتە ئىش ئەمەس. تەلىيى كېلىپ قالسا تېخى شاھزادە بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇپ غىزالىنىپ قىلىشىڭىزمۇ مۇمكىن. 

 
【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 307
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读282
粉丝0
内容307