大数跨境

پۇل تېجەشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل

پۇل تېجەشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل EMINBIZ
2020-12-06
0


توۋتىياۋ تورىدىن تەرجىمە قىلىندى :


1. ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولغاندا ئاندىن سېتىۋېلىڭ

ئەرزان بولغانلىقى ئۈچۈن مالنى ئالدىن سېتىۋالسىڭىز، سىزنى ئىككى تۈرلۈك زىيانغا ئۇچرىتىدۇ:بىرىنچىدىن، ھازىرقى پۇل كېيىنكى پۇلغا قارىغاندا تېخىمۇ پۇلغا يارايدۇ، سىز پۇلنىڭ قوشما پايدا قىممىتىنى سودىگەرلەرگە سوۋغا قىلىۋەتتىڭىز . ئىككىنچىدىن، سىز سودىگەرلەرگە ياردەملىشىپ ئامبارغا بېسىلىپ قالغان مالنى تازىلاپ بەردىڭىز، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەسلىدە سودىگەرلەر ئامبىرىدا دۆۋلىنىپ قالغان نەرسىلەر ھازىر سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە.

 

2. باھا سېلىشتۇرۇپ يۈرمەي، قايسىسىنى ياقتۇرسىڭىز شۇنى سېتىۋېلىڭ

نەرسە ـ كېرەك سېتىۋالغاندا، ئەسلىدىنلا پۇل خەجلەپ خۇشاللىق سېتىۋالغىلى بولاتتى.باھا سېلىشتۇرغاندا، كۆپىنچە ئۆزى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغاننى تاللىمايدۇ.ئەڭ ئاخىرىدا پۇلنى خەجلەپ بولدىڭىز، لېكىن ھەقىقىي خۇشال بولالمىدىڭىز، ئازراقمۇ مۇۋاپىق بولمىغاندەك ھېس قىلدىڭىز . ئۇنىڭدىن قالسا، سېتىۋالغاندىكىن ئېسلىنى سېتىۋېلىش، قىممىتىنىڭ ئەلۋەتتە قىممىتى بار دېگەن گەپ بار، سىز ئۆزىڭىزنى ئېنىق ھېسابلىدىم دەپ ئويلايسىز، ئەمەلىيەتتە ئاللىقاچان سودىگەرلەرنىڭ ئازگىلىغا چۈشۈپ بولدىڭىز .ئۇنىڭ ئۈستىگە، باھا سېلىشتۇرۇش دېگەن بۇ ئىشقا ۋاقىت بەك ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە مۇشۇ ۋاقىتنى پۇل تېپىشقا ياردەم بېرىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلغان تۈزۈك .

3. ئۈلگە بولۇپ ئىستېمال قىلماسلىق، ئالدىن ھېسابلاپ ئىش قىلىش

ئۇ بىۋاستە تارقىتىش ئۇستىلىرىنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماڭ، سىز ئۇ لەۋ سۇرۇخنى سېتىۋالغان تەقدىردىمۇ،ئۇ دېگەن چولپان بولالمايسىز . ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆزىڭىزنىڭ ھەميانىغا قاراپ بېقىڭ، پۇلنى تېخىمۇ ياخشى ئۆزىڭىزگە خەجلىسىڭىز، پۇلنى باشقىلارغا خەجلىگەندىن بەكرەك ئەمەلىي بولىدۇ.نېمىلا دېگەن بىلەن پۇلنى ئۆزىگە خەجلەش تىرىشىش، باشقىلارغا خەجلەش چۈش كۆرۈش. 

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 307
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读282
粉丝0
内容307