大数跨境

ھەممىنى كۈلدۈرگەن پۇرچاقجان خامۇش بولۇپ بىزنى يىغلاتتى

ھەممىنى كۈلدۈرگەن پۇرچاقجان خامۇش بولۇپ بىزنى يىغلاتتى EMINBIZ
2020-12-13
2
导读:بىرئالىمنىڭ بىرئۆمۈر ساراڭنىڭ رولىنى ئالغىنىنى ئاڭلىغا

بىرئالىمنىڭ بىرئۆمۈر ساراڭنىڭ رولىنى ئالغىنىنى ئاڭلىغانمۇسىز؟
شۇنداق بۈگۈنكىسى دەل پۇرچاق ئەپەندى رولىنى ئالغان داڭلىق چولپاننىڭ ئاجايىب كەچۈرمىشى.ئىلگىرى ماشىنىلاريوق ئەمما ھارۋىلارئاستا بولغىنى بىلەن فىلىملەربىر-بىرىدىن قالتس ئىدى، خۇددى ئارانلا 14قىسم ئىشلەنگىنى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا داڭق چىقارغان «پۇرچاق ئەپەندى»فىلىمىدەك.
ئەنگىلىيەلىك ئارتىس روۋان ئەتكىنسون دېسەك جىق ئادەم تونۇماسلىقى مۇمكىن، لېكىن پۇرچاق ئەپەندىم دېسەك ھەممە ئادەم بىلىدۇ، ئۇ داڭلىق كومېدىيە چولپىنى، ئەنگىلىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق چولپانلىرىنىڭ بىرى، پۈتۈن دۇنيادا داڭقى بار.
بۇيىل پۇرچاق ئەپەندى فىلىمنىڭ قويۇلغانلىقىنىڭ 30يىللىقى بولۇپ 30يىل جەريانىدا ھەممىمىزپۇرچاق ئەپەندىنىڭ نۇرغۇنلىغان باشقا تۈرلۈك فىلىملىرىنى كۆردۇق.
1
ئولىمپىكتا چاقنىغان پۇرچاق 
 2012-يىلى يازدا نۇرغۇن يىل كۆرۈنمىگەن پۇرچاق ئەپەندى لوندۇن ئولىمپىك تەنھەرىكەت كىچىلىكىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا پەيدا بولىدۇ. مۇزىكىغا بىرلەشتۈرۈپ كۆرسەتكەن چىراي ئىپادىلىرى پۈتۈن دۇنيانى كۈلدۈرۋىتىدۇ.
ئۇتارىختىن بويانقى بىردىنبىر ئولىمپىك كىچىلىكىدە ئەركىن ھەرىكەت قىلالىغان كىشدۇر. ھېكايىنىڭ باشلىنىشىنى يەنىلا 1990-يىلىدىن باشلاپ سۆزلىشىمىزگە تۇغرا كىلىدۇ.  1990 - يىلى يېڭى يىل كېچىسىدە« پۇرچاق ئەپەندى »فىلىمى  تۇنجى قىتىم كۆرۈرمەنلەربىلەن يۈزكۆرۈشكەن ئىدى.
 بىرئەرنىڭ تويۇقسىزلا ئاسماندىن چۈشىشى بىلەن مانا بۇ ھىكايە باشلىنىپ كەتكەن .مانا بۇسالپاڭ قۇلاق ،يوغان كۈزلۈكيوغان بۇرنى ۋە M شەكىللىك قېشى بار ئەنگلىيە مۆتىۋىرى ، يىل بويى بىر كىچىك ماشىنسنى ھەيدەپ ، ئاسما قۇلۇپ بىلەن ماشىنا ئىشىكىنى قۇلۇپلاپ  ئەڭ ياخشى ھەمراھ تەيدى ئېيىقىنى قۇچاقلىغىنىچە كۈندىلا بىر قىسىم كۈلكىلىك ، باشقىلار تەرىپىدىن چۈشەنمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپلا يۈرۈيدۇ.
ئۇ شۇنچىلىك غەلىتىكى ھەتتاكى ئىمتىھان ئۈچۈن 10نەچچە قەلەم تەييارلايدۇ، پارتىدىشنىڭ ئالدىدا كۆزكۆزقىلىپ ئاخىرىدا بولسا بىرمۇ سۇئالغا جاۋاب بىرەلمەستىن ئولتۇرۇپ قالىدۇ.
دېڭىز بويىغا كىلىپ سۇئۈزۈش كىيىمنى ئالماشتۇرماقچى بولغىنىدا كۆز ئەينەك تاقىۋالغان بىرئەرنى كۆرۈپ قالغان ئۇ سۇئۈزۈش ئىشتىنىنى ئىشتىنىنىڭ سىرتىغا كىيۋالىدۇ، ھەممە ئىشلىرىنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن يىنىدىكى بۇئەرنىڭ بىرئەما ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ.
ئۇنىڭ فىلىملىرى ھەرخىل چىراي ئىپادىلىرىنى دىمەيلا قويايلى فىلىم قويۇلۇپلا 130مىليۇندىن ئارتۇن كۆرۈرمەننىڭ ياقتۇرىشغا ئېرىشىپ پۈتۈن ئەنگىلىيەدە قىززىپ كەتكەن.90-يىللاردا بولسا بۇفىلىم 145دۆلەتتە قويۇلغان.ئامرىكىدا قويۇلۇشتىن ئىلگىرىلا بېلەت كىرىمى مىليۇن ئامرىكا دوللىرىدىن ئىشپ كەتكەن.
مانا مۇشۇنداق قىزىقارلىق بىرفىلىم بىردەمدىلا پۈتۈن دۇنيانى قاپلىيالىغان. ئۇ يالغۇزئەنگىلىيەدىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنياغا تۇنۇلغان كومىدىيە شاھىغا ئايلانغان.
ئەمما مانا مۇشۇنداق بىررولنى ياخشى ئالغان روۋان ئەتكىنسون ئەمەلى تۇرمۇشتا بولسا بىر ئۇقۇمۇشلۇق دوكتور بولۇپ ئىلگىرى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن.
ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى ئۇ ئازراقمۇ كۈلكىلىك ئەمەس.
ئوكىسفورد ئونىۋىرسدستتىنىڭ بىرقىتىملىق كىچىلىكىدە ئۇ چىراي ئىپادىسى بىلەنلا 7مىنۇت پۈتۈن ئوقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلارنى كۈلدۈرىدۇ. ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتۈپ رىچارد ئۇنى ھەمكارلىششقا ھەمدە مانابۇ فىلىمدە رول ئېلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. 
روۋان ئەتكىنسون كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ بىر ساراڭنىڭ رولىنى ئىلىشنى خىيالىغمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى،  روۋان پۇرچاق ئەپەندىنى جانلاندۇردى. ھەم شۇنداقلا چارلىن چاپلىندىن كىيىنكى ئەنگىلىيەدىكى يەنە بىرئەسەرنى بارلىققاكەلتۈردى.
2
پۇرچاق ئەپەندى زادى كىم؟
پۇرچاق ئەپەندى1993-يىلى بىرقىتىملىق لايىق تۇنۇشتۇرۇش پىروگراممىسغا چىققىنىدا رىياسەتچى ئۇنىڭدىن سز قەيەردىن كەلدىڭىز؟دەپ سورىغىنىدا ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مەن «كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىن كەلدىم » دەپ جاۋاب بەرگەن.
رىياسەتچى ئۇنىڭدىن نېمە خىزمەت قىلىسز دەپ سورىغىنىدا ئۇ «مەن باشقىلاردىن بۇنداق سوئالنى سوراپ يۈرمەيمەن » دەپ جاۋاب بىرىدۇ.
ئۇنىڭ سالاھىيىتى ئەزەلدىن بىرسر،بىزئۇنىڭ بىرپۇرچاق ئەپەندى ئىكەنلىكىنىلا بىلىمىز.نۇرغۇن كىشلەر ئىلگىرى پۇرچاق ئەپەندى ئوبرازى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ئۇنى لوندۇندىكى بىر رەسمخانىدىكى بىرئامانلىق خادىمى بولىشى مۇمكىن دەپ قارىغان ئىدى.
ئۇ زادى كىم ؟
بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ جوڭگۇنىڭ بۇرۇنقى نادىر ئوبرازلىرىدىن بىرى جۇباجى بولىشى مۇمكىن دەپ قارىغان. چۈنكى ئۇ فىلىمدە دوختۇرخانىدا ئۆچرەت تۇرغاندا 25-نۆۋەتنى 52دەپ ئوقۇيدۇ.
تاللا بازىرى ئايلانغاندا بولسا ئۆزىنىڭ چىش پاستىسىنى سەپ قويۇپ يىڭى چىش پاستىسىنى ئاندىن ئالىدۇ.
نۇرغۇن كىشلەرگە نىسبەتەن پۇرچاق ئەپەندى بەكلا ئاجىز بولۇپ خۇددى بولۇت بالىدەكلا يۇمشاق. بەزىدە ساراڭلىق قىلغىنى بىلەن ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان ئاقكۆڭۈل تەرەپلىرى بار.«پۇرچاق ئەپەندى»نىڭ 2-بۆلۈمى قويۇلغادا باشلىنشىدا پۇرچاق ئەپەندى يولدا بىرساكىس چالغان سەنئەتكارنى كۆرۈپ قىلىپ پۇل بەرمەكچى بولىدۇ.
بىراق يىنىدىكى پۇلىغا قاراپ يەنە پۇل بىرىشكە قىيمايدۇ.ئاخىرىدا بولسا ئۇنىڭ قىشدا تۇرۇپ ھەرخىل ھەرىكەتلەرنى چىقىرىپ باشقىلارنىڭ بىر تەڭگىسىگە ئىرىشكەندىن كىيىن ئاندىن ساكىسچىغا بىرىۋىتىپ كىتىپ قالىدۇ.
ئۇ تەيدى قۇنچاقنى دوستىدەك بىلىپ پاراڭلىشىپ يىنىدىن ئايرىمايدۇ. 
بەزى كۆرۈنۈشلەركۈلكىلىك بولغىنى بىلەن بەزىلىرىنى كۆرۈپ كۆڭلىڭىز يىرىم بولىدۇ. رىژىسسور مۇنداق دەيدۇ:«مەن پۇرچاق ئەپەندى 11ياشلىق بالا دەپ ئويلىدىم ،ئۇ چوڭلاردەك بولۇشقا تىخى تەييارلانمىغان . ئۇنىڭ قىزىقارلىق تەرىپى شۇكى ئۇ چوپچوڭ تۇرۇپ چوڭلاردا يوق بىرقسىىم قىلىقلارنى قىلالايدۇ.
مۇشۇنداق بىركىشنىڭ دۇنيادا شۇنداق ئالقىشنىشدا يەنە بىرسەۋەب بار، ئەلۋەتتە ھەرقانداق بىر قورامىغا يەتكەن ياشانغان ۋەياكى ئاتا- ئانا بولغۇچىلارمۇ ئىلگىرى بىر بالا ئىدى.
پۇرچاق ئەپەندى بىكىنمىچىلىك كىسلىگە گىرىپدار بولغان بىمار، ئۇنىڭ ئىسمىدىكى پۇرچاققا كەلسەك ، پۇرچاق ئەنگىلىيە ئۈستىلىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان يىمەكلىك.
3
يالغۇزلۇق كىسلىگە گىرىپدار بولغان پۇرچاق ئەپەندى 
ھەرخىل قىزىقارلىق قىلىقلىرى بىلەن چولپانغا ئايلانغان پۇرچاق ئەپەندى ،ئەنگىلىيەدىكى ئوتتورا قاتلىمىدىكى بىر مۆتىۋەر تۇرۇپ ئۇنىڭ جەمئىيەتكە بەزى ئىشلارغا بولغان چۈشەنچىسى 0، ئەمما ئۇ ئەنگىلىيە مۆتىۋەرلىرىنىڭ كۈلكە دورىسى .
ئۇخالىغان ئىشلىرىنى قىلالايدىغان خالىغانچە چوڭ مۇراسىملاردا تەرتىپنى قالايمىغان قىلىۋىتىدىغان كەمپۈت يەيدىغان يەنە تېخى ئايال خانىش دىئاننا بىلەن كۆرۈشكىندىمۇ ئايال خانىشنى ھەيران قالدۇرۋەتكەن مۆتىۋەر.
ئۇنىڭ ئاقكۆڭۈللىكى بىلەن فىلىم بەكلا ئالقىشلانغان،ئۇ كومىدىيە بىلەن بىرلەشكەن ئەمەلىي تۇرمۇشنى ئىپادىلىگەن بۇ فىلىمىدە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلىرىنى كۈلكسىى بىلەن ئاخىرلاشتۇۋىتىدۇ.
ئۇنىڭ ھاياتى بىرئازابلىق ھىكايە، ئۇنىڭ پاراڭلىشدىغان بىرلا دوستى بار، ئۇ بولسىمۇ بىر ئىيقچاق، قىزدوستى باربولغىنى بىلەن مۇناسىۋىتى ناچار. ئۇئۆزى يالغۇز توغۇلغان كۈن ئۆتكۈزىدۇ. ئۆزىنى ئۆزى تەبرىكلەيدۇ.
ئۇنىڭ زورلاپ كۈلگەن كۈلكىسنى كۆرسىڭىز كۆڭلىڭىز يېرىم بولىدۇ. ئۇ ئۆزى يالغۇز سۇ ئۈزىدۇ، دوختۇرغا كۆرۈنىدۇ.
ئۇ يالغۇزلۇقىنى كۈلكىگە ئايلاندۇرۇپ ياشايدۇ، كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئۇنىڭ بۇ فىلىمىنى كۈلكىلىككەن دەپ كۆرگەن بولساق ئەمدى بىلسەك بۇ فىلىمدىكى مانا بۇ پۇرچاق ئەپەندىنىڭ تۇرمۇشى دەل ھەممىمىزنىڭ تۇرمۇشىكەن. بەلكىم مانا بۇبىزنىڭ نەچچە يىللاردىن كىيىن « پۇرچاق ئەپەندى»فىلىمنى كۆرگىنىمىزدە كۈلەلمىگىنىمىزنىڭ سەۋەبى بولسا كىرەك.
مانا بۇ پۇرچاق،مەيلى يالغۇزلۇق كىسلىگە گىرىپداربولغان بىماربولسۇن ياكى بىرقىزىقچى بولسۇن، ئەمما ئۇبىزگە قانداق قىلىپ يالغۇزياشىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتتى، ئەلۋەتتە شۇ يالغۇزلۇقتا ئۆزىمىزنى قانداق كۈلدۈرىشمىز كىرەكلىكىنىمۇ ھەم.


【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0