
بىز ياشاش ئۈچۈن خىزمەت قىلامدۇق ياكى خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ياشامدۇق؟
كەلگۈسى ئۈچۈن تۇرمۇشتا بولۇشقا تېگىشلىك ھۇزۇرنى قىسقارتسىڭىز، تۇرمۇشىڭىز % 10 ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ؛ئەگەر ئەركىنلىك ۋە قېرىنداشلىق مېھرىنى قۇربان قىلسىڭىز، تۇرمۇشىڭىز % 70 ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ؛ ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇسى ۋە مۇھەببىتىدىن ۋاز كەچسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز تەڭدە تەڭ ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ.

ھالبۇكى ، ھەرقانچە باياشات تۇرمۇشمۇ بۇ ئېتىبارلارغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ !
مەن بىر چەت ئەل كارخانىسىدا ئىشلەۋاتقان ۋاقتىمدا، بىر كۈنى ئايال باشلىقىمغا ھەمراھ بولۇپ بازارغا چىىپ روژدېستۋا بايرىمىلىق سوۋغات سېتىۋالدىم . بىز چوڭ ـ كىچىك سومكىلارنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىچىۋاتقىنىمىزدا، ئايال باشلىق مەندىن — يېڭى يىل كېلەي دەپ قالدى، ئۆيدىكىلەرگە ئازراق سوۋغات ئېلىپ بەرمەمسىز؟
مەن كۈلۈپ تۇرۇپ — ئاتا ـ ئانام بەك تېجەشلىك، قالايمىقان پۇل خەجلىمىسەملا، ئۇلار مېنى ياخشى كۈن ئۆتكۈزىدۇ، كەلگۈسىدە بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىدۇ ، دەپ ئويلايدۇ — دېدىم .
ئايال باشلىق ماڭا ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى :
— بىلەمسىز؟ مەنمۇ ئىلگىرى كەلگۈسىدىن ئەنسىرەيدىغان ئادەم ئىدىم، مەن دائىم كەسىپتىن ئەنسىرەيتتىم، دائىم تېخىمۇ كۆپ پۇل يىغىپ، تېخىمۇ كۆپ كىتاب ئوقۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئىلمىي ئۇنۋان ئېلىشنى ئويلايتتىم، 36 ياشقا كىرگەندە، مەن بىر بالىغا ھامىلدار بولدۇم ، لېكىن شۇ چاغدا مەن ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورلۇقىغا ئۆتكەن ئىدىم . ئۆگىنىش بەك جىددىي ئىدى ، تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بولۇش ئۈچۈن، كېچىچە جاپالىق ئوقۇدۇم، نەتىجىدە بالامنىڭ بويىدىن ئاجراپ كەتتى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەن قايتا ھامىلدار بولۇپ باقمىدىم. ھازىر مېنىڭ نۇرغۇن پۇلۇم بار بولدى، ئەپسۇس بىر ئۆمۈر ئۆزۈمنىڭ بالىسىنى كۆرەلمەيمەن .
ئايال باشلىقنىڭ گېپى مېنى بەكلا ھەيران قالدۇردى.
ئۇ يەنە — نۇرغۇن كىشىلەر تېجە تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بىخەتەر قىلىدۇ دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئۇلار ھازىرقى تۇرمۇشىنى قالايمىقان ھەم ئەرزان ماقامدا ئۆتكۈزىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ يوقلىقىنىڭ ئىپادىسى. مەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ بۇزۇپ ـ چېچىپ ئىسراپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلمايمەن، لېكىن بىلىشىڭىز كېرەككى، ساغلام ھۇزۇرلىنىش كىشىلىك ھاياتتىكى ئىلگىرىلەشتۇر . كەلگۈسى ئۈچۈن تۇرمۇشتا بولۇشقا تېگىشلىك ھۇزۇرنى قىسقارتسىڭىز، تۇرمۇشىڭىز % 10 ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ؛ ئەگەر ئەركىنلىك ۋە قېرىنداشلىق مېھرىنى قۇربان قىلسىڭىز، تۇرمۇشىڭىز % 70 ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ؛ ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇسى ۋە مۇھەببىتىدىن ۋاز كەچسىڭىز، ئۇنداقتا تۇرمۇشىڭىز تەڭدە تەڭ ئېتىبارغا ئېرىشكەن بولىدۇ، ۋاھالەنكى ھەر قانچە باياشات تۇرمۇشمۇ بۇ ئېتىبارلارغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ !

ئەمەلىيەتتە پۇللا ئەمەس، ۋاقىت ۋە زېھىنمۇ ئوخشاش، سىز بارلىقىڭىزنى خىزمەتكە سەرپ قىلىپ، قېرىنداشلىق مېھرى ۋە مۇھەببەتكە تەقسىم قىلمىغان ۋاقتىڭىزدا، يوقىتىپ قويۇشتىن خالىي بولالمايسىز. قىممىتى چۈشۈرۈلگەن تۇرمۇشنى قوغلاشماڭ ، بۇلارنىڭ سىزدە بارلىقىنى بايقىغىنىڭىزدا، پىشىپ يېتىلىشكە باشلىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ :
1. ئۆزىڭىزنىڭ قارىغۇلارچە شامالغا ئەگىشىشكە ئوخشاش بىر توپ كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى بايقىغىنىڭىزدا، ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ ، ئۆزىڭىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىشقا باشلايسىز. ئۆزىڭىزنىڭ تۈرلۈك پىلانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا، ئۆزىڭىزنىڭ يۆنىلىشىنى پىلانلاشقا باشلايسىز ، يالغۇزلۇقىڭىزمۇ مەنىگە تولىدۇ .
2. سىز نۇرغۇن تاللاشلارغا دۇچ كەلگەندە، يەنە ئارىسالدى بولمايسىز ، كاللىڭىزدا ناھايىتى تېزلا ئۈچتىن ئارتۇق مەلۇم تاللاش تۈرىنى تاللاشنىڭ زۆرۈر سەۋەبى چاقناپ كېتىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ مۇستەقىل ئىدىيىسى بولغاندىن كېيىن، تەمكىنلىك بىلەن مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىشنى ئۆگىنىشكە باشلايسىز .
3. ۋاقىتنىڭ ئىشلىتىشكە ئېنىقلا يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغىنىڭىزدا، ئاستا ـ ئاستا قېنىپ ئۇخلاش، بازار ئايلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ۋاقىت ۋە پۇلنى خېلى ئىسراپ قىلىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتىكى ۋاقىت ئۇقۇمى بىردەكلىككە كېلىپ، ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەنىلىك تۇرمۇش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان دۇنياغا باشلاپ كىرىسىز .
4. سىز تورغا چىققاندا ياكى كىتاب ئوقۇغاندا، مۇھىم نۇقتىنى ھەدېسىلا كۆڭۈل ئېچىش قىسىمىدىن دۆلەت ئىشلىرى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يۈزلىنىشىكە يۆتكەيدىغان بولىسىز .
5. يېمەك ـ ئىچمەك ئادىتى جەھەتتە يېمەكلىكنىڭ سۈپىتىگە بارغانسېرى ئەھمىيەت بەرگەن چاغدا ، كۈتۈنۈش يولىغا مېڭىشتەك ئوي كاللىڭىزغا بۆسۈپ كىرىدۇ ، ناشتا قىلىشنى ۋە ھەر كۈنى بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولىسىز . كونىلاردا جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان دېگەن گەپ بار ، بۇ قائىدە ئېسىڭىزدە مەھكەم تۇرسۇن .
6. باشقىلار سىزدىن يەنە بىر قېتىم مۇھەببەت، دوستلۇق، قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ سالمىقىنى سورىغاندا، ئالدى بىلەن ئويلايدىغىنىڭىز ئۆيدىكى ئانىڭىز بولىدۇ ، چۈنكى قاننىڭ سۇدىن قويۇق بولۇشى مەڭگۈلۈك ھەقىقەتتۇر .
7. سىز يەنە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان ئىشلارغا يولۇققاندا يىغلاش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلمايدىغان بولسىىز . كۆز يېشىنى يۇيۇۋېتەلەيدىغىنى مەڭگۈ چىرايدۇر ، ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغىنى بولسا پەقەت ھەرىكەت.

8. دوستىڭىزغا، سۆيگەن ئادىمىڭىزگە ئەھمىيەت بېرىڭ. چۈنكى بۇ كىشىلەر ھەر زامان سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايدۇ، بەلكىم كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يېنىڭىزدىن غايىب بولۇشى مۇمكىن . ئۇلارنىڭ ئالدىدا ساختىلىق قىلىشىڭىزنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق، سەبىيلىكنىڭ ئۆزى دەل بۇ كەڭ دۇنيادا ئۇلار ئۈچۈن يارالغان .
9. ئۆزىڭىزنى خۇشال تۇتۇڭ، ئەتراپىڭىزدىكىلەرنى خۇشال قىلىڭ. چۈنكى بۇلارنىڭ مۇتلەق پۇلغا قارىغاندا قىممىتى بار.
10. ئېرىشىش ۋە يوقىتىش، كېتىش ۋە قېلىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەندە، كەڭ قورساقلىق ۋە ئوچۇق-يۇرۇقلۇق مۇرەككەپ ئىشلارنى ئاددىيلاشتۇرىدۇ، ئاددىي ئىشلارنى مەنىگە باي قىلىدۇ.
11. ھەر قانداق ۋاقىتتا ياشانغانلار ۋە بالىلار بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماسلىق كېرەك. چۈنكى ھاياتنىڭ باشلىنىشى نادانلىق ئىچىدە باشلىنىدۇ ، شۇڭا ھاياتنىڭ ئاخىرلىشىشى كۆڭۈللۈك بولۇشى كېرەك.
12. ھەر بىر ئادەمنى، ھەر بىر جانلىقنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنىڭ، خۇددى ئاپتاپپەرەس قۇياشقا يۈزلەنگەندە ئاندىن كۈلۈمسىرەشنى ياخشى كۆرگەنگە ئوخشاش.
13.ساغلام تىنچ روھىي ھالەت مۇۋەپپەقىيەت يولىغا باشتىن ـ ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن فىشكىدۇر، شۇڭا ئالغا ئىلگىرىلەش نىشانىنى توغرا تۇرغۇزۇپ، تۇرمۇش نىشانىنى ئېغىر كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنى بەك چارچىتىۋەتمەڭ، بولمىسا تۇرمۇشنىڭ قىممىتى پۈتۈنلەي يوقىلىدۇ.
14. ئۆزىگە ئىشىنىپ ياشاڭ ، خۇشال ـ خۇرام كۈلۈڭ ، مۇۋەپپەقىيەت بىلەن خۇشاللىقنى تەڭ ئورۇنغا قويۇڭ .
15. ئۆچمەنلىكنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. چۈنكى كۆڭۈل قانچە چوڭ بولسا، سەھنە شۇنچە چوڭ بولىدۇ. 

