大数跨境

ئامىرخانغا تۆنۈگۈن ئىنق دىئاگنوزقۇيۇلدى! شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا

ئامىرخانغا تۆنۈگۈن ئىنق دىئاگنوزقۇيۇلدى! شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا EMINBIZ
2021-03-28
1

توۋتىياۋ تورى تەرجىمىسى 

ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 24-مارت خەۋەر قىلىشىچە، داڭلىق ئارتىس ئامىرخان تاجىسمان ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مۇسبەت چىقىپ، يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن ئايرىۋېتىلگەن. نۇرغۇن تورداش بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بەس ـ بەستە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

01
ئامىرخاندىن باشقا چولپانلارمۇ بۇ كېسەللىكدىن يىراق ئەمەس
ئامىرخان كۆپچىلىك ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان ئارتىس، ئۇ رول ئالغان كىنو كەڭ كۆلەمدە ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. شۇڭا ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلمەن. 
دەرۋەقە، ئامىرخان كىنوچىلىق ساھەسىدە خېلى زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، ئۇ ھىندىستاننىڭ بوللىۋود ئارتىسى بولۇپلا قالماي، يەنە بىر مۇنەۋۋەر رېژىسسور، فىلىم ئىشلىگۈچى. ۋاستىچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامىرخاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ياخشى ئىكەن. ۋاستىچىلەر يېقىندا ئامىرخان بىلەن ئۇچراشقانلارنى تېزدىن ۋىرۇسنى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا ھەمدە مۇناسىپ ئايرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا مۇراجىئەت قىلدى. 
ئامىرخان بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ھىندىستاندىكى داڭلىق كىنو ئارتىسى، رېژىسسور، فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە رىياسەتچى. ئۇ نۇرغۇن ھىندىستان كىنولىرىدا باش رول ئالغان.

بۇ خىل ئالاھىدە كېسەللىك ئەھۋالى يامراۋاتقان ئەھۋالدا، ئامىرخاندىن باشقا يەنە باشقا چولپانلارمۇ بۇ كېسەللىكدىن يىراق ئەمەس.

02

ياپۇنيە دۆلەت دەرىجىلىك ئارتىسى شىيۈەنلىمېينىڭ نەتىجىسى مۇسبەت بولغان

1- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ياپۇنيەلىك داڭلىق دۆلەت دەرىجىلىك ئارتىس شىيۈەنلىمېي يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرگەندە، تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولغان، لېكىن ئۇنىڭدا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن. شۇڭا ئۇ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى بولغان.

شىيۈەنلىمېي ئۆزىنىڭ يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، شۇ چاغدا دەرھال قولىدىكى بارلىق خىزمىتىنى توختاتتى ھەمدە ئايرىپ كۈزىتىشكە كىرىشكەن. 

ياپونىيە دۆلەت دەرىجىلىك ئارتىس بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭغا ئېنىق دىئاگىنوز قۇيۇلغانلىقىنى بىلگەن نۇرغۇن مەستانىلەر ۋە تورداشلار ئۇنىڭدىن ناھايىتى ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

03

ھوللىۋودنىڭ داڭلىق ئارتىسى تامخانكس بىلەن ئايالنڭ نەتىجىسى مۇسبەت بولغان

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ھوللىۋودنىڭ داڭلىق ئارتىسى تامخانكس بىلەن ئايالىغا ئاۋسترالىيەنىڭ كۋېنسلاند ئىشتاتىدا دىئاگنوز قويۇلغان، ئاشۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئالتۇن دېڭىز قىرغىقى دوختۇرخانىسىدا تۇرغان.

تامخانكىس بۇ يىل 64 ياشقا كىرگەن بولۇپ، « ئاگەننىڭ رەسمىي تەرجىمىھالى» ناملىق كىنودىكى ئاگەننىڭ رولى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان. بۇ ئەر-خوتۇن ئاۋسترالىيەدە « Elvis Presley» ناملىق كىنوغا تەييارلىق قىلىش سەۋەبىدىن ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان. 

تامخانكسمۇ ئۆزى ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدە بۇ خەۋەرنى جەزملەشتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان. خۇددى ئادەتتىكى تارقىلىشچان زۇكامغا ئوخشاش، پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىپ، بەدىنى مۇزلايدىغان ھەم ئاغرىيدىغان بۇلۇپ قالغان.

04

كىرىستىيانو رونالدونىڭمۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولغان

2020-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، پورتۇگالىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى كىرىستىيانو رونالدونىڭ يېڭى تاجسمان ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان. 

35 ياش بولسىمۇ، ئەمما بەدەن يېشى 20 ياش بولغان كىرىستىيانو رونالدومۇ ۋىرۇسدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. كىرىستىيانو رونالدو كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئايرىۋېتىلگەن، ھەمدە ئۆزىنىڭ بولغۇز ئايالى جورجىنا بىلەن پاراڭلاشقان كۆرۈنۈشنى تارقاتقان، بۇ كۆرۈنۈشدىن قارىغاندا ھازىر كىرىستىيانو رونالدونىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بۇلاتتى.

ئەمما كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى،  2020-يىلى 10-ئاينىڭ 12- كۈنى پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەن فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ پۈتۈن كوماندا تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولغان. مۇسابىقىدىن كېيىن كىرىستىيانو رونالدو بىلەن بىرگە تاماق يېگەن پورتۇگالىيەلىك سەپداشلىرىنىڭ نەتىجىسىمۇ مەنپىي چىققان. . . 

ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ھەقىقەتەن ياخشى ئىش ئەمەس، نۇرغۇن توپچىلارنىڭ يۇقۇملانغاندىن كېيىن سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى مىساللار ئارقىلىق ئىسپاتلانسىمۇ، توپ مەستانىلىرىنىڭ ئەندىشە قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن چولپانلارنىڭ ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقى بىر ئىشنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، مەيلى ئادەتتىكى ئادەم ياكى چولپان بولسۇن، كۆپچىلىك مۇداپىئەگە دىققەت قىلىپ، تەدبىر قوللىنىشتىن ساقلىنىش كىرەك. ئەڭ ئامىرخاننىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0