
ئەگەر كىشىلەردىن ھازىر قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغاندا ئەڭ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ دەپ سورىسىڭىز، ئىشىنىمەنكى، نۇرغۇن كىشىلەر ئالدى بىلەن تور سودىسى قىلىشنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. راستىنلا، ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدا تور سودا كەسپىنىڭ بازىرى ھەقىقەتەن قىزىپ كەتتى، قىسقىغىنە نەچچە يىلدا نۇرغۇن تور سودا ماگناتلىرى بارلىققا كەلدى. بىراق، كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ بازارمۇ بىر ئاز تويۇنۇپ قالدى، بۇ نۇقتىنى بارغانسېرى كۆپلىگەن تور سودا سۇپىلىرىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش قىلىشقا ئۆزگىرىۋاتقانلىقىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن دەۋرنىڭ يۈزلىنىشى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن تور سودا بازىرىنىڭ زىيادە تويۇنۇپ كەتكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەمما، دەۋر ئىزچىل ئىلگىرىلەۋاتسىمۇ، بىر كەسىپ بار «ئۇزۇنغىچە ئاجىزلاشمايۋاتىدۇ»، ئىزچىل تۈردە دۆلەت ئىچىدىكى «ئەڭ كۆپ پۇل تاپىدىغان» كەسىپلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇ دەل تاماكىچىلىق كەسپى.
ھەر قېتىم تاماكا بازىرى تىلغا ئېلىنغاندا، كۆپ ساندىكى كىشىلەر «نۇرغۇن پايدا ئالغىلى بولىدۇ» دېگەننى ئويلايدۇ. چۈنكى بۇ كەسىپنىڭ ھەر يىلى تاپشۇرىدىغان باج سوممىسىلا تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ كېتىدۇ، بۇنداق پايدا ئېلىش ئىقتىدارىغا بانكىمۇ يېتىشەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇ پەقەت بىر قىسىم سەۋەبى، تاماكىچىلىق كەسپىنىڭ ھەر يىلى تاپشۇرىدىغان باج سوممىسىنىڭ شۇنچە يۇقىرى بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇلارغا باج ناھايىتى يۇقىرى قويۇلغان. گەرچە تاماكىنى ئىزچىل دۆلەت «باشقۇرۇپ» كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما شۇنچە يىللاردىن بۇيان تاماكا بازارلىرىدا نۇرغۇن ماركىلار بارلىققا كەلدى. تېخىمۇ مۇھىمى، ماركا، ئۆلچەمدە پەرق بولغاندىن سىرت، بەزىدە ئوخشاش بىر ماركىنىڭ يەنە «قاتتىق قاپلىق»، «يۇمشاق قاپلىق» دەپ ئايرىلىشى. نۇرغۇن كىشىلەر تاماكىنىڭ نېمە ئۈچۈن قاتتىق قاپلىق بىلەن يۇمشاق قاپلىق دەپ ئايرىلىدىغانلىقىغا ھەيران قالىدۇ؟ قاتتىق قاپلىقنىڭ سۈپىتى ياخشىراقتەك بىلىنسىمۇ، لېكىن باھاسى يۇمشاق قاپلىق تاماكىغا يەتمەيدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟
ھەممىگە ئايانكى، يۇمشاق قاپلىق تاماكىنىڭ باھاسى ئادەتتە قاتتىق قاپلىق تاماكىدىن قىممەت بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئىككىسىنى ياساشقا كېتىدىغان چىقىم ئوخشاش بولمايدۇ. سېتىۋېلىپ باققانلار بىلىدۇ، ئادەتتە يۇمشاق قاپلىق تاماكىنىڭ ئورالمىسى تېخىمۇ نەپىس بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىرتقى قاپ يۇمشاق، شۇڭا ساقلاش قىيىنلىق دەرىجىسى ماس ھالدا ئاشىدۇ. توشۇش جەريانىدىمۇ بىر قاتار قوغداش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ. پەقەت مۇشۇ نۇقتىدىنلا ئېيتقاندىمۇ، يۇمشاق قاپلىق تاماكىنىڭ باھاسى قاتتىق قاپلىق تاماكىدىن قىممەت بولىدۇ. ئوراش-قاچىلاش، توشۇشتىن باشقا، تاماكا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەڭ چوڭ تەننەرخى تاماكا قەلەمچىسى ھېسابلىنىدۇ. بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، يۇمشاق قاپلىق تاماكىغا تاللىغان تاماكا قەلەمچىسى تېخىمۇ «ياخشى» بولىدىكەن.
ھەر قانداق بىر تاۋارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك، تۆۋەن دەرىجىلىكلىرى بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان ئىستىمالچىلار توپىغا قارىتا باھاسى ئوخشاش بولمىغان تاۋارلار بازارغا سېلىنىدۇ. تاماكىمۇ تەبىئىي ھالدا بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. بەزى تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر تەبىئىي ھالدا باھاسى تۆۋەنراق تاماكا سېتىۋالىدۇ. يۇقىرى كىرىملىك بىر قىسىم كىشىلەر كۆپ ھاللاردا «دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى»نى، يەنى بىز دەۋاتقان يۇمشاق قاپلىق تاماكىنى سېتىۋېلىشقا مايىل كېلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۇمۇ تاماكا كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنىڭ نەتىجىسى، تاماكىنىڭ ئوراپ قاچىلىنىش دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى ئىستېمالچىلارنى يۇمشاق قاپلىق تاماكا تېخىمۇ ياخشى دەيدىغان ئورتاق تونۇشقا ئىگە قىلدى. باھاسى قىممەترەك بولسىمۇ، سېتىۋالىدىغان خېرىدارلار كەم ئەمەس. ئىلگىرى بىر مەزگىل يۇمشاق قاپلىق تاماكىدا «مال كەمچىل» بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، كېيىن نورمال تەمىنلەنگەندىن كېيىن، بازاردا يۇمشاق قاپلىق تاماكا بىلەن قاتتىق قاپلىق تاماكا تەدرىجىي پەرقلەندۈرۈلگەن. ئەلۋەتتە، قاتتىق قاپلىق تاماكىنى چوقۇم پۇلى يوقلار تاللايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. مەسىلەن، يۇمشاق قاپلىقتا ئېھتىياتسىزلىقتىن تاماكا قېپىنى بېسىۋالسىڭىز، ئىچىدىكى تاماكىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. شۇڭا، جىسمانىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ياقتۇرىدىغىنى پەقەت باھاسى ئەرزانلىقىلا ئەمەس، بەلكى ئېلىپ يۈرۈشكە تېخىمۇ ئەپلىكلىكى.

