大数跨境

پېنسىيەنى كېچىكتۈرۈشتە ئىستاژ ئاساس قىلىنامدۇ

پېنسىيەنى كېچىكتۈرۈشتە ئىستاژ ئاساس قىلىنامدۇ EMINBIZ
2021-11-19
1


ئون ئۈچ يىل غۇلغۇلا قىلغاندىن كېيىن، پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش بىزگە بارغانسېرى يېقىنلاشتى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش 2022-يىلى رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىكەن، بەش يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىل بولۇپ، 2027-يىلىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىكەن. پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش سىياسىتىنىڭ 60-، 70-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارغا بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ ئەمەس، 70-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلار كۆپ بولغاندا نەچچە ئاي كېچىكىپ پېنسىيەگە چىقىدۇ. لېكىن، 80-، 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، يەنى بۇ 80-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ 65 ياشقا كىرگەندە ئاندىن رەسمىي پېنسىيەگە چىقىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش سىياسىتىگە ئاساسىي قاتلامدىكى نۇرغۇن ئىشچى-خىزمەتچىلەر قارشى پوزىتسىيە بىلدۈردى:

بىرىنچى، نۇرغۇن كىشىلەر 60 ياشتا پېنسىيەگە چىقىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان زېھنىي كۈچى بولىدۇ، يەنە باشقا جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى بالدۇرراق خاتىرجەم ئۆتكۈزەلەيدۇ. ئەگەر 65 ياشتا پېنسىيەگە چىقسا، ۋاقتى كەلگەندە ھەم كىچىكلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايدۇ، ھەم ساياھەت قىلغىلى جىسمانىي ۋە زېھنىي كۈچى بولمايدۇ-دە، ئادەم ئۆمرىدە خىزمەتلا قىلغان بولۇپ، ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلارنى قىلىشقا ۋاقتى چىقمايدۇ.

ئىككىنچى، ھازىر خىزمەت رىقابىتى كەسكىن بولۇپ، ئومۇمەن 35 ياشتىن تۆۋەن ياشلارنىلا قوبۇل قىلىدۇ، 40، 50 ياشلارغا بارغاندا خىزمەت تېپىش تەس بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئاسانلا ئىشسىز قالىدۇ. يېشى چوڭىيىپ قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشسىز قالغاندىن كېيىن، ۋاقىتلىق ئىشچى بولۇپلا ئىشلىيەلەيدىغان بولۇپ، ئەسلىدە 60 ياشقا كىرگەندىلا پېنسىيەگە چىقالايتتى، ھازىر 65 ياشقا ئۇزارتىلغاندا ئاندىن پېنسىيەگە چىقسا، ۋاقىت خېلىلا ئۇزىراپ كېتىدۇ.

ئۈچىنچى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى بەزى ئىشچى-خىزمەتچىلەر مەخسۇس ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئادەم 50 ياشقا كىرگەندىن كېيىن، مەيلى زېھنىي كۈچى ۋە جىسمانىي كۈچى جەھەتتە بولسۇن، بۇرۇنقىغا يەتمەيدۇ. ئەگەر پېنسىيەگە چىقىش يېشى 65 ياشقا كېچىكتۈرۈلسە، ئۇلار پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن بىر نەچچە يىل ئاخىرقى ئۆمرىدىكى تۇرمۇشتىن بەھرىمان بولالماسلىقتىن ئەنسىرەيدۇ.

ئاساسىي قاتلام ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈشكە قارشى تۇرۇشىغا قارىتا بەزى مۇتەخەسسىسلەر پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش خىزمەت ئىستاژى بويىچە پېنسىيەگە چىقىشقا ئۆزگەرتىلسە بولىدۇ، خىزمەت ئىستاژى 30 يىلغا يەتكەندىلا ۋاقتىدا پېنسىيەگە چىقسا بولىدۇ، بۇ ناھايىتى ئادىل بولىدۇ، دېگەن تەكلىپنى بەردى. خىزمەت ئىستاژى بويىچە پېنسىيەگە چىقىش سىياسىتى ئاساسىي قاتلامدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپلا قالماي، ھەتتا مەمۇرلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

مەمۇرلارنىڭ خىزمەت ئىستاژى بويىچە پېنسىيەگە چىقىشنى قوللىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب شۇكى، مەمۇرلار ھازىرمۇ خىزمەت ئىستاژى بويىچە ئىلتىماس قىلىپ پىنسىيىگە چىقىدۇ. ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، مەمۇرلارنىڭ يېشى 55 ياشتىن ئاشقان، خىزمەت ئىستاژى 30 يىلغا يەتكەنلەر پېنسىيەگە چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

ئوقۇتقۇچىلار نېمىشقا خىزمەت ئىستاژى بويىچە پىنسىيىگە چىقىشنى قوللايدۇ دېگەندە، ئوقۇتقۇچىلار ئومۇمەن ياش ۋاقتىدىن پىنسىيىگە چىققۇچە ئىشلەيدۇ، خىزمەت ئىستاژى قانچە ئۇزۇن بولسا، تەمىناتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ، ئوقۇتقۇچىلار پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈشكە قارشى تۇرۇپ، خىزمەت ئىستاژى بويىچە پېنسىيەگە چىقىشنى قوللايدىغان كىشىلەر توپى بولۇشى كېرەك. چۈنكى، پېنسىيەگە چىقىش يېشى 65 ياشقىچە كېچىكتۈرۈلسە، نۇرغۇن پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئادەتتە ئوقۇتقۇچىلار نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ دەرس تەييارلايدۇ، دەرس تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر نەچچە سائەت دەرس ئۆتىدۇ، نەچچە سائەتلەپ ئۆرە تۇرىدۇ، بۇ ئوقۇتقۇچىلارغا جىسمانىي ۋە زېھنىي جەھەتتە ناھايىتى يۇقىرى كۈچ تەلەپ قىلىدۇ، ئەگەر خىزمەت ئىستاژى بويىچە پېنسىيەگە چىقسا، پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىستاژى پېنسىيە يېشىغا توشقاندىن كېيىن، بالدۇرراق پېنسىيەگە چىقىپ، ئىش ئورنىنى ياشلارغا ئۆتۈنۈپ بېرەلەيدۇ. بىراق، خىزمەت ئىستاژى بويىچە پېنسىيەگە چىقىشتىمۇ بىر قانچە نۇقسان مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنى ھەقىقىي ئىجرا قىلىش ناھايىتى قىيىن.

بىرىنچى، مەمۇرلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىستاژىنى سىتاتىستىكا قىلىش بىر قەدەر ئاسان. لېكىن بەزى خۇسۇسىي كارخانىلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر پات-پات خىزمەت ئالماشتۇرىدۇ، بەزىدە يەنە ئۆيدە بىر مەزگىل ئىش كۈتۈپ تۇرىدۇ، بۇلارنىڭ خىزمەت ئىستاژى بويىچە پېنسىيەگە چىقىشىنى ھېسابلاش ناھايىتى تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان بەزى كىشىلەر ئالدىراش چاغلىرىدا قوش دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دەم ئالمايدۇ، لېكىن بوش ۋاقىتلىرىدا ئۇدا بىر نەچچە ھەپتە قىلىدىغان ئىشى يوق، بۇنداق كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئىستاژىغا قاراپ پېنسىيەگە چىقىشىنى ھېسابلاش ناھايىتى تەس.

ئىككىنچى، ئەگەر خىزمەت ئىستاژى بويىچە پېنسىيەگە چىقسا، بىر ئادەم 22 يېشىدىلا خىزمەتكە قاتناشقان بولسا، 30 يىل ئىشلىسىلا پېنسىيەگە چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، بۇ چاغدا ئۇ 52 يېشىدىلا پېنسىيەگە چىقالايدۇ. لېكىن بالدۇر پېنسىيەگە چىقسا ئادەم كۈچى بايلىقى ئىسراپ بولىدۇ، شۇنداقلا ھازىرقى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىدىكى پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش ئىدىيەسىگە خىلاپ، شۇڭا خىزمەت ئىستاژى بويىچە پېنسىيەگە چىقىش تۈزۈمىنى ئەمەلىي ئىجرا قىلىش قىيىن.

ئۈچىنچى، خىزمەت ئىستاژى بويىچە پېنسىيىگە چىقىش كېيىنرەك خىزمەتكە قاتناشقانلار ئۈچۈن ئادالەتسىزلىك بولىدۇ. ھازىر بەزىلەر ئاسپىرانتلىقتا، دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ، ئادەتتە 30 نەچچە ياشقىچە ئوقۇپ ئاندىن خىزمەتكە قاتنىشىدۇ، ئەگەر خىزمەت ئىستاژى بويىچە پېنسىيەگە چىقسا، ئۇلارنىڭ پېنسىيەگە چىقىش يېشى زور دەرىجىدە كەينىگە سۈرۈلىدۇ. روشەنكى، خىزمەت ئىستاژى بويىچە پېنسىيەگە چىقىش تۈزۈمى خىزمەتكە كېيىنرەك قاتناشقانلار ئۈچۈن ئادالەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، مەمۇرلۇق، ئوقۇتقۇچىلىققا ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ خىزمەت ئىستاژىنى بىر قەدەر ئاسان ئىستاتىستىكا قىلغىلى بولىدۇ. پۇقراۋى كارخانىلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ خىزمەت ئىستاژى بويىچە پېنسىيەگە چىقىشىنى ئىستاتىستىكا قىلىش ناھايىتى تەس، شۇڭا خىزمەت ئىستاژى بويىچە پېنسىيەگە چىقىش گەرچە كەڭ قوللاشقا ئېرىشسىمۇ، لېكىن كونكرېت ئىجرا قىلىش ناھايىتى تەس. پېنسىيىگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈشتە بولسا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەيدۇ، ئوخشىمىغان كەسىپ، ئوخشىمىغان ئىش ئورنىغا قاراپ، ئېلاستىك پېنسىيىگە چىقىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلغۇچىلار بالدۇرراق پېنسىيەگە چىقىرىلىپ، ئەقلىي ئەمگەك قىلغۇچىلارنىڭ پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتى بىر قانچە يىل كېچىكتۈرۈلىدۇ. شۇڭا بۇنداق پېنسىيىگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش تۈزۈمىنى تېخىمۇ ئادىمىيلىككە ئىگە دەيمىز.

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0