大数跨境

ئوتتۇزيىل يوقاپ كەتكەن ئەرپەيدا بولدى،كىشىلەرئۇنى زامان ھالقىغان

ئوتتۇزيىل يوقاپ كەتكەن ئەرپەيدا بولدى،كىشىلەرئۇنى زامان ھالقىغان EMINBIZ
2021-10-08
2


يېقىندا رۇمىنىيەدە بىر غەلىتە ئىش يۈز بېرىپ، شۇ جايدا زىلزىلە پەيدا قىلدى. 30 يىل بۇرۇن يوقاپ كەتكەن بىر ياشانغان كىشى قايتىدىن ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. 


ئۇ ئۇچىسىغا ئەينى يىللاردا يوقاپ كەتكەن ۋاقىتتىكى كىيىمىنى كىيگەن بولۇپ، يانچۇقىدا يەنە ئەينى يىلى ئۆيدىن ئايرىلغان چاغدا سېتىۋالغان پويىز بېلىتى بار ئىكەن! 


لېكىن مۇشۇ يوقاپ كەتكەن 30 يىلدىكى كەچۈرمىشلىرىنى سۈرۈشتۈرگەندە، بۇ بوۋاينىڭ ھېچقانداق ئىش ئېسىدە قالمىغان... 



بۇ بوۋاينىڭ ئىسىمى Vasile Gorgos بولۇپ،  ئىلگىرى رومىنىيەنىڭ بۇخوچ يېزىسىدىكى كالا سودىگىرى ئىدى،  دائىم كاماندىروپكىغا چىقىپ ئەتراپتىكى بىر نەچچە شەھەرگە بېرىپ، كالا ئېلىپ-سېتىش سودىسى توغرىسىدا پاراڭلىشاتتى، لېكىن ھەر قېتىم بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قايتىپ كېلەتتى. 


1991-يىلىنىڭ بىر كۈنى، ئۇ ئادەتتىكىگە ئوخشاش كاماندىروپكىغا پويىز بېلىتىنى سېتىۋېلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ يولغا چىقتى، نەتىجىدە ئويلىمىغان يەردىن Vasile ئۆيگە قايتىش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ قايتىپ كەلمىگەن. 


ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر جىددىيلىشىشكە باشلىدى، ئارقىدىن ئۇلار ساقچىغا مەلۇم قىلدى ھەمدە ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنىڭ خەۋىرىنى سۈرۈشتۈردى، لېكىن يەنىلا ئىز-دېرىكى بولمىدى، ئۇ خۇددى كىشىلەر ئارىسىدىن پارغا ئايلىنىپ كەتكەندەكلا يوقاپ كەتكەن ئىدى. ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنى كېلىشمەسلىككە ئۇچرىدى دەپ قاراپ، 15 يىل ئىلگىرى ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى.



ھالبۇكى، ئارىدىن 30 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ يىل 8- ئاينىڭ بىر يەكشەنبە كۈنى كەچتە، ناتونۇش بىر ئاپتوموبىل تۇيۇقسىز Vasile ئائىلىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختىدى. ئارقىدىنلا 93 ياشلىق Vasile ماشىنىدىن ئاستا چۈشتى! 


شۇ چاغدا بۇ ئىش ئەتراپتىكىلەرنى، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن قوشنىلارنى چۆچۈتۈۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ماشىنا نومۇرى بىلەن شوپۇرنىڭ سىياقى بىرمۇ ئادەمنىڭ ئېسىدە يوق ئىدى. 



بۇ تېخى ھېچقانچە ئىش ئەمەس، ئەڭ غەلىتە بولغىنى Vasile قايتىپ كەلگەندە ئۇچىسىغا 30 يىل بۇرۇن ئۆيدىن ئايرىلغان ھېلىقى كىيىمنى كىيىۋالغان بولۇپ، يانچۇقىدا يەنە كىملىكى ۋە ئەينى چاغدىكى پويىز بېلىتى بار ئىدى! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئۈستبېشى ناھايىتى پاكىز ۋە رەتلىك بولۇپ، ناھايىتى ياخشى كۈتۈنۈشكە ئېرىشكەنلىكى ئېنىق ئىدى، سىرتتا كۆپ يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ھالەتتە بولۇشى تامامەن مۇمكىن ئەمەس ئىدى! 


ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى تونۇيالىغان بولسىمۇ، بىراق 30يىلدا نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى، مۇخبىر ئۇنىڭدىن بۇ 30 يىلدىن بۇيان قەيەرگە كەتكەنلىكىنى سورىغاندا، ئۇ: « مەن ئۆيدە بارغۇ» دەپ جاۋاب بەردى.



بۇ ئىش خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، تورداشلارنىڭ بۇنىڭغا بولغان قارىشىمۇ ئوخشاش بولمىدى، بەزىلەر بۇنى ھازىرقى نورمال ئىلىم ـ پەن ئۇقۇمىدىن ھالقىپ كەتكەن غەلىتە ئىش دەپ قارىدى.


بەزىلەر بولسا« بىردىنبىر مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش شۇكى، ئۇ ۋاقىت ـ بوشلۇق ساياھىتى قىلدى! »دىيىشتى. 



يەنە بەزىلەر:« ئەڭ چوڭ ئېھتىماللىق شۇكى، ئۇ ئىلگىرى تاشقى پىلانېتا ئادەملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان! چۈنكى ئۇ قايتىپ كەلگەندە يەنە ئەينى يىلى يوقاپ كېتىشتىن بۇرۇنقىغا ئوخشاش كىيىم كىيىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچە يىل ئايرىلغانلىقى ئېسىدە يوق ئىدى. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئۆيگە قايتىپ كەلدىم دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە نەچچە ئون يىل ئۆتۈپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خېلى قېرىپ قالدى» دېدى.


 

يەنە بەزىلەر ئۇنى نوقۇل ھالدا كېسەل بولۇپ قالغان، شۇڭا ئۆتكەن 30 يىلدا قەيەرگە كەتكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالدى خالاس دەپ قاراشتى. 



يەنە بەزى كىشىلەر: « ئۇ بەلكىم ئېغىر دەرىجىدىكى ئايرىلىش خاراكتېرلىك سىرلىق ساياھەت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن، ياكى بىر خىل سالاھىيەتنى ئېتىراپ قىلىش توسالغۇسىغا ئوخشاش كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن! ئۇ دەسلەپتە سەۋەبسىزلا يۇرتىدىن ئايرىلىپ باشقا يەرگە كەتكەن، ئۇ يەردە تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەل يېڭى خاراكتېر ئالغان ھەم نورمال تۇرمۇش كەچۈرگەن، يەنە كېلىپ بۇرۇنقى ئۆيىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەن، تا ھازىرغا كەلگەندە تۇيۇقسىز ئېسىگە كېلىپ قالغان... » دېگەندەك قاراشلاردا بولدى.



ئۇنداقتا سىزنىڭچە بۇ بوۋاي راستىنلا ۋاقىت بوشلۇق ساياھىتى قىلغانمىدۇ ياكى تاشقى پىلانت ئادەملىرى تەرىپىدىن تۇتىۋىلىنغانمىدۇ؟

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 307
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读282
粉丝0
内容307