大数跨境

باققۇچىلارنىڭ كىرىمى يۇقىرى تۇرۇپمۇ نېمىشقا يەنە ئادەم كەمچىل

باققۇچىلارنىڭ كىرىمى يۇقىرى تۇرۇپمۇ نېمىشقا يەنە ئادەم كەمچىل EMINBIZ
2021-10-16
1

  


ئېلىمىز ھازىر ياشانغانلار جەمئىيىتىگە قەدەم قويدى، 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار 261 مىليونغا يەتتى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2030-يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىزدىكى ياشانغانلار سانى 300 مىليونغا يېتىدىكەن، بۇ چاغدا يەر شارىدىكى ھەر تۆت ياشانغان ئادەمنىڭ ئىچىدە بىرسى جۇڭگولۇق بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، نۇرغۇن كاپىتال ئارقا-ئارقىدىن كۈتۈنۈش كەسپىگە كىردى، بەزىلەر ساقلىق ساقلاش بۇيۇملىرىنى ياسىدى، بەزىلەر ياشانغانلار ساناتورىيەسى قۇردى، يەنە بەزىلەر ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ساناتورىيەسى قۇردى، ياشانغانلارنىڭ كەلگۈسى ئېھتىياجىغا قارىتىلغان مۇلازىمەت كەسپلىرى تەدرىجىي گۈللەنمەكتە. بۇ خىل يۈزلىنىش ئاستىدا، ياشانغانلارنى باققۇچىلىق كەسپىمۇ تەدرىجىي قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

ئەمەلىيەتتە، ياشانغانلارنى باققۇچىلىق كەسپى كەلگۈسىدە قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىدۇ ئەمەس، ئاللىبۇرۇن قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ بولدى. مەلۇم خىزمەتچى قوبۇل قىلىش تور بېكىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئىش ئورنىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق ئىش ھەققى 9660 يۈەنگە يەتكەن. يەنى ئائىلە مۇلازىمەتچىلىرىنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى 10 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشقان. لېكىن، دۆلىتىمىز ئېلان قىلغان 2020-يىلىنىڭ 4-پەسلىدىكى دۇنيا بويىچە «خىزمەتچى ئەڭ كەمچىل ئىش تۈرى» تىزىملىكىدە، ياسىمىچىلىق ئىشچىلىرى، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىدىن كېيىنلا باققۇچىلىق كەسپىنىڭ ئىش ھەققى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئىشلەشنى خالىمايدىغان كەسىپ بولۇپ تىزىلغان. ئۇنداقتا، باققۇچىلىق كەسپىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 10 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشاي دەپ قالغان تۇرسىمۇ، يەنە نېمىشقا ئادەم قوبۇل قىلىش تەس بولىدۇ؟

بىرىنچى، خىزمەت سىجىللىقى يۇقىرى، پاراۋانلىق تەمىناتى ناچار. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، باققۇچى پەقەت ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ، ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسىلا بولىدۇ. لېكىن، ئەمەلىيەتتە، ئۆيدە تۇرىدىغان باققۇچىنىڭ خىزمەت سىجىللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بەزى بالا باققۇچىلار تازىلىق قىلىپلا قالماي، يەنە بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكېلىدۇ، يەنە بىر كۈنلۈك ئۈچ ۋاق تاماقنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشلارمۇ ناھايىتى كۆپ. گەرچە بالا باققۇچىنىڭ خىزمەت سىجىللىقى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن دائىم ئۆي ئىگىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ، ياللىغۇچىلار دائىم بەزى كىچىك ئىشلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مائاشىنى تۇتۇپ قالىدۇ، ھەم ئانچە ياخشى مۇئامىلە قىلمايدۇ. گەرچە، ئۆيدە تۇرىدىغان باققۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق مائاشى 10 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشسىمۇ، لېكىن، ئۇلار خوجايىن ئۈچۈن بىر كۈندە 24 سائەت خىزمەت قىلىدۇ، قاچان چاقىرسا شۇ چاغدا تەييار تۇرىدۇ، ئەگەر مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا، ئۇلارنىڭ سائەتلىك ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى كىرىمى ئانچە يۇقىرى ھېسابلانمايدۇ. شۇڭا بەزىلەر خوجايىننىڭ ئۆيىدە 24 سائەت خىزمەتكار بولۇپ، يەنە ھەر خىل دەرد-ئەلەملەرگە چىداپ يۈرگەندىن كۆرە، ئادەتتىكىراق خىزمەت تاپقان ئەۋزەل دەپ قارايدۇ.

ئىككىنچى، باققۇچىدىن ئىبارەت بۇ خىزمەتنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى ئەمەس، دائىم «باشقىلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغان» خىزمەت دەپ قارىلىدۇ. باققۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ خىزمەتنىڭ تېخنىكا ۋە ئوقۇش تارىخىغا بولغان تەلىپى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، شۇڭا بىر قىسىم باققۇچىلار ياللىغۇچىلار تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ چاكىرى دەپ قارىلىپ، ئازراقلا ئىشنى خاتا بېجىرسە، ياللىغۇچىنىڭ تىل-دەشنامىغا ئۇچرايدۇ. بۇ نۇرغۇن باققۇچىلارنىڭ بۇ ساھەدە ئۇزاق مۇددەت بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئۈچىنچى، كەسىپنىڭ باققۇچىغا بولغان تەلىپى بارغانسېرى يۇقىرىلاپ، نۇرغۇن باققۇچىلار مۇناسىۋەتلىك كەسپىي ئىقتىدارى كەمچىل بولغانلىقتىن شاللىنىپ كېتىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ياشانغانلارنى باققۇچىلار ھەرىكىتى قولايسىز ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان بولۇشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئاساسىي ماھارەتنى ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ. يەنە مەسىلەن، ھازىر باققۇچىلار قىرىقى ئىچىدىكى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقچى بولسا، تۇغۇت باققۇچىلارغا ئالاقىدار تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. يەنە بەزى بالا باققۇچىلار پۇلدارلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مەسئۇل بولۇپ، بىردىن ئىككىگىچە چەت تىلنى بىلىشى ھەمدە بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا يېتەكچىلىك قىلالىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ باققۇچىلىق كەسپىگە تېخىمۇ يۇقىرى ئوقۇش تارىخى تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، سۈپىتى تۆۋەنراق باققۇچى قوبۇل قىلىش ناھايىتى ئاسان، لېكىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە يۇقىرى سۈپەتلىك باققۇچى تاپماق تەس.

ئېلىمىزدە ياشانغانلار جەمئىيىتىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، جەمئىيەتنىڭ باققۇچىغا بولغان ئېھتىياجى بارغانسېرى ئاشتى، باققۇچىدىن ئىبارەت بۇ كەسىپ چوقۇم داۋاملىق جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىدۇ. ئەمما، باققۇچىلارنىڭ خىزمەت سىجىللىقى يۇقىرى، پاراۋانلىق تەمىناتى ناچار ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبىدىن، ئاز ساندىكى كىشىلەرلا بۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن ئۇزاققىچە چىقالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جەمئىيىتىمىزدە باققۇچىلارنىڭ تېخنىكا ماھارىتىگە بولغان تەلەپمۇ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ، ھازىر ئادەتتىكى باققۇچىلارنى تاپماق ئاسان، ئەمما يۇقىرى سۈپەتلىك باققۇچىلارنى تاپماق تەس. كەلگۈسىدە جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشى ۋە باققۇچىلىق كەسپىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەر باققۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ ساھەگە كىرىدۇ.

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 307
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读282
粉丝0
内容307