
يېقىندا، دۇڭۋۇ ئاكسىيە شىركىتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان باش ئىقتىسادشۇناسى دوكتور رېن زېپىڭ «11-ئايلىق سانلىق مەلۇماتنى چۈشەندۈرۈش، تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ تەسىرى، 2022-يىلىدىكى پۇرسەت»نى چۆرىدەپ، ئالتۇننىڭ ئانالىز رامكىسى، ھەل قىلغۇچ ئامىللار ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. رېن زېپىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئالتۇن ئىشلىتىش قىممىتى ۋە مەبلەغ سېلىش قىممىتىگە ئىگە. ئالتۇن تەمىنلەش كەمچىل بولغان قىممەتلىك مېتال بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەقسىملەش قىممىتىگە ئىگە.
ئالتۇن مۇھىم قىممەتلىك مېتال بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۇل-مۇئامىلە خۇسۇسىيتى ۋە تاۋارلىق خۇسۇسىيتىگە ئىگە. بۇنىڭ ئىچىدە، پۇل-مۇئامىلە خۇسۇسىيتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان پۇل خۇسۇسىيتىنى ئېلىپ ئېيىتساق، ئالتۇن پۇلنىڭ سەپلىمە بويۇمى بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى پۇلمۇ ئالتۇن ۋەكىللىكىدىكى قىممەتلىك مېتال ئىدى. تاۋارلىق خۇسۇسىيەت دېگىنىمىز، ئالتۇننىڭ ھۈنەر-سەنئەت، ئىستېمال جەريانىدا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاش ئەنئەنىسى ۋە ئادىتى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئالتۇن ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە مەبلەغ سېلىش قىممىتىگىمۇ ئىگە، بۇ ئىككى خىل قىممەتنى ئۆزىدە تەڭلا ھازىرلىغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى تاۋارلارنىڭ بىرى. بۇ ئىككى خىل قىممەت ئالتۇننى ئورنىنى باسالمايدىغان قىلىپ، ئالتۇننى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مۇھىم مۈلۈك تەقسىملەش تۈرىگە ئايلاندۇرغان.
ئالتۇننىڭ ئۆرلەش-چۈشۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللارنى چۈشىنىش مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق پەيتنى تاللاپ ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىشىغا پايدىلىق. تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئەھۋالدا ئالتۇن باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلەيدۇ، ئەكسىچە بولغاندا تۆۋەنلەيدۇ:
بىرىنچى، بازاردا ۋەھىمە كۆرۈلگەن، خەتەردىن ساقلىنىش كۆرسەتكۈچى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن چاغدا. ئالتۇن تەبىئىي پۇل، شۇنداقلا تەبىئىي خەۋپتىن ساقلىنىش مۈلكى. شۇڭا كونىلاردا «ئەنسىز دەۋردە ئالتۇن ئال، گۈللەنگەن دەۋردە ئاسارە-ئەتىقە» دەيدىغان گەپ بار. ئۇرۇش، پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە باشقا ئىجتىمائىي كىرىزىسلارنىڭ پارتلىشى بازاردا ۋەھىمە پەيدا قىلىشى مۇمكىن، بۇنداق ۋاقىتتا كىشىلەر خەۋپتىن ساقلىنىدىغان مۈلۈك ئىزدەيدۇ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئالدى بىلەن ئالتۇننى ئويلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىككىنچى، پۇل ھەددىدىن ئارتۇق تارقىتىلىپ، پۇل پاخاللىقى كېلىپ چىققان چاغدا. ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا، پۇل ئارتۇق تارقىتىلغانلىقتىن، كەڭ مەنىدىكى پۇل بىلەن تەمىنلەش مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، پۇلنىڭ قىممىتى بارغانسىرى چۈشۈپ كەتتى. ۋەھالەنكى، بىز ھازىر پۇل ئالتۇنغا باغلانمىغان ئىناۋەتلىك پۇل سىستېمىسىدا تۇرۇۋاتىمىز، دۇنيادىكى ئالتۇننىڭ مەھسۇلات مىقدارى، زاپاس مىقدارى مۇقىملىشىپ قالغان، بۇ ئالتۇننىڭ ئارتۇق تارقىتىلمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا ئەگەر پۇل ئارتۇق تارقىتىلسا، ئارتۇق تارقىتىشقا بولمايدىغان ئالتۇننىڭ باھاسى ئۆرلەيدۇ؛ ئەگەر پۇل ئارتۇق تارقىتىلىپ پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئالتۇندا يەنە ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلىدۇ.
ئۈچىنچى، بازارنىڭ ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجى ئاشقاندا. بۇ ئەھۋال جۇڭگو، ھىندىستان قاتارلىق ئالتۇن ئىستېمال ئادىتى بار دۆلەت ۋە رايونلاردا ناھايىتى روشەن. ئېلىمىزدە تۆتىنچى پەسىل ئادەتتە زىقچا ئالتۇن ۋە تىللا سودىسى جانلىنىدىغان پەسىل. چاغان يېقىنلاپ قالغاچقا، كىشىلەرنىڭ سوۋغاتلىق ۋە پۇل ئامانەت قويۇش ئېھتىياجى ئاشىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا، ئالتۇننىڭ باھاسى تەبىئىيلا ئۆرلەپ كېتىدۇ. يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، بازاردىكى ۋەھىمە، خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى، پۇلنىڭ ئارتۇق تارقىتىلىشى، ئۆسۈمنىڭ تۆۋەنلىشى، ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسى ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
نۆۋەتتە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى پۇل سىياسىتىنى تارايتىۋاتىدۇ، بۇ دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلىشى ۋە كاپىتالنىڭ قايتىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، ئامېرىكىدا پۇل ئاساسەن نورمىدىن ئارتۇق تارقىتىلدى. يېقىنقى بىر يېرىم يىلدا نۆل ئۆسۈم، مەنپى ئۆسۈم، مىقدارلاشتۇرۇلغان كەڭرى قويۇۋېتىش ۋە بىۋاستە پۇل تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پۇلنىڭ نورمىدىن ئارتۇق تارقىتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دۆلەت زايومىنى يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈردى. رېن زېپىڭ ئامېرىكا پۇلنى ئارتۇق تارقىتىش تۇزىقىغا چۈشۈپ قالدى، پۇل پاخاللىقى ئۆرلەپ كەتتى، بۇمۇ ئالتۇن قاتارلىق قىممەتلىك مېتاللارنىڭ ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلدى. نۆۋەتتە، ئامېرىكا پۇل سىياسىتىنى تەڭشەپ، ئارتۇق پۇل تارقىتىشنى توختاتتى، بۇمۇ ئالتۇن قاتارلىق قىممەتلىك مېتاللارنىڭ باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا رېن زېپىڭنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئالتۇن باھاسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئازراق داۋالغۇشى مۇمكىن.
گەرچە ئامېرىكىنىڭ پۇل سىياسىتى نورماللىشىپ، دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلىشى ئالتۇن ۋەكىللىكىدىكى قىممەتلىك مېتاللاردا بەزى داۋالغۇشلارنى پەيدا قىلسىمۇ، لېكىن دۇنيا ھازىرمۇ يەنىلا ئومۇمىي جەھەتتىن پۇل ئارتۇق تارقىتىلىۋاتقان دەۋردە تۇرماقتا. ھازىر پۈتۈن دۇنيا، بولۇپمۇ ياۋروپا، ئامېرىكا پۇلنى ئارتۇق تارقىتىش قىيىن ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالدى. ئالتۇن ئىشلىتىش قىممىتى ۋە مەبلەغ سېلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە مۇھىم ئىستېمال بۇيۇمى بولۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تەقسىملەش قىممىتىگە ئىگە، ئالتۇن يەنە تەمىنلەش قىس بولغان قىممەتلىك مېتال ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا رېن زېپىڭ ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلارغا مۇنداق تەكلىپ بەردى: پۇل كۆپ تارقىتىلىۋاتقان ئەھۋالدا چوقۇم مەبلەغ سېلىش كېرەك، ئالتۇن سېتىۋېلىش مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇسۇللىرىدىن بىرى.

