
28-ئۆكتەبىردىلرابانىڭ ئالاقە سۇپىسىدا بىر يۈرۈش ئەڭ يېڭى، ئەڭ گۈزەل سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرلەندى.



سۈرەتتە تەڭداشسىز گۈزەللىكى ۋە قالتىسلىقى بىلەن ھەممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ساھىبجامال چولپان دىلرابائاق رەڭلىك قىسقا مۇراسىم كۆينىكى كىيىپ، يامغۇرلۇق ئاسماندىكى سۈزۈك كۈنلۈك ئاستىدا گۈزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.




دىلرابانىڭ دۇنياۋى چولپانلىقىنى ھەممىمىزبىلىمىز، سۈرەتتە ئۇنىڭ كىيگەن كۆينىكىنىڭ گۈزەلللىكىگىمۇ گەپ كەتمەيدۇ ئايىقىچۇ تېخى.
ئۇ چولپانلارنىڭ ئارىسىدىكى گۈزەل ئاققۇ گۈزەللىكىنى تەسۋىرلەپ تۈگىتەلمەيمىز،دۇنياۋى گۈزەللەرنىڭ ئالدىدا ئەمدى بىرلىكتە ئۇنىڭ باشقا مۇراسىم پائالىيەتتىكى ئۇزدەك ھالىتىدىن ھوزۇرلىنايلى :



گۈزەل چىچىغا قۇشۇلغان روخسارىچۇ تىخى.

داڭلىق چولپان ئاۋدىلى ھىپرونغا ئوخشاپ قالغان ھالىتىنى دىمەيلا قوياي.

ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى يۇقىرى، ھەر قانداق بىر تىياتىردىكى ئوبرازى كىشىگە ئۆزگىچە زوق بېغىشلايدۇ.

دىلرابا ھەتتا ئۆزىنىڭ قىزىل گىلەملەردە نامايان قىلغان گۈزەل ئوبرازلىرى بىلەن «قىزىل گىلەم خانىشى» دەپمۇ ئاتالغان.


ئۇنىڭ كىيگەن گۈزەل مۇراسم كۆينەكلىىرنى ساناپ تۈگىتەلمەيمىز.



يانغا تاشلانغان قاپقارا چاچلار، ئۇزۇن مۇراسىم كىيىمى، دىلرابانىڭ بۇ تۇرقىنى گۈزەللىكنىڭ ناماياندىسى دېيىشكە بولىدۇ.

زەڭگەر رەڭلىك بۇ مۇراسىم كىيىمىدىكى دىلرابا گۈزەللىكىدىن ھوشىڭىزدىن كەتمەي قالمايسىز.


ئۇچىسىغا ئالتۇن رەڭدىكى پارقىراق زەرچىلەردىن نەقىش قويۇپ تىكىلگەن ئىنتايىن كۆركەم ئۇسلۇبتىكى مۇراسىم كۆينىكى كىيىپ، چاچلىرىنى چىرايلىق ياسىۋالغان دىلرابا نەپىس گىرىملىرىگە قوشۇلغان لاتاپىتى مەستانىلەرنى جەلىپ قىلدى.

ئۇنى ھەقىقەتەن دۇنياۋى ساھىبجامال دىيشىكە بولىدۇ.

سىپتا لايىھەلەنگەن كۆك رەڭلىك مۇراسىم كىيمى كىيگەن ئوبرازىمۇ تور دۇنياسىدابەكلا ئالقىشقا ئېرىشكەن.





ئاخىرىدا بۇ ساھىبجامالنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز.


