大数跨境

تۇنجى 70 يىللىق ئۆيلەرنىڭ ۋاقتى توشتى

تۇنجى 70 يىللىق ئۆيلەرنىڭ ۋاقتى توشتى EMINBIZ
2021-12-18
2


بۇ يىلمۇ ئاخىرلىشىپ قالدى، ئېلىمىزدە ئۆي باھاسى يەنىلا يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. 58 توڭچىڭ، ئەنجۈكى ئېلان قىلغان «10-ئايدىكى پۇقرالارنىڭ ئولتۇراقلىشىش كۆرسەتكۈچى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى نۇقتىلىق نازارەت قىلىنىدىغان 65 شەھەردە 10-ئايدا يېڭى ئۆيلەرنىڭ ھەر كىۋادراتىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 17 مىڭ 462 يۈەنگە، نىمكەش ئۆيلەرنىڭ ھەر كىۋادراتىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 16 مىڭ 895 يۈەنگە يەتكەن.

بىراق، ئۆي باھاسى شۇنچە يۇقىرى بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى سۇسلىمىغان، چۈنكى ئۆي ئەڭ ئاساسىي ئېھتىياج، بولۇپمۇ توي قىلماقچى بولغان ياشلار بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالمىسا بولمايدۇ. شۇڭا، دۆلىتىمىزدە تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش كۆلىمى يەنىلا خېلى چوڭ. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، دۆلىتىمىزدە تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش كۆلىمى 1 مىليارد 303 مىليون 320 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.3 ئاشقان.

ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسىنى قولىغا ئالغانلار ئادەتتە ئۆيگە قارىتا كۆپ باش قاتۇرۇپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ، پەقەت بىرلا مەسىلە بارلىق ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنى ئەندىشىگە سالىدۇ، ئۇ بولسىمۇ مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئۆي قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟ ئىلگىرى 70 يىللىق ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، ئۆي ئىگىسى بۇ ئۆينىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدۇ، دەيدىغان گەپلەر چىققان، شۇڭا ئۆي سېتىۋالغىنىغا ئۇزۇن بولغان كىشىلەر تەشۋىشكە چۈشۈپ قالغانىدى. لېكىن ئەمەلىيەت بۇ خىل ئەندىشىنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

2021-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى» تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقى توغرىسىدا ئەڭ يېڭى بەلگىلىمە بار، يەنى، 70 يىللىق مۇددەت توشقاندىن كېيىن، مۇددەت ئۆزلۈكىدىن ئۇزارتىلىدۇ، مۇددەتنى ئۇزارتىشقا ھەق تاپشۇرۇلىدۇ، دېيىلگەن. شۇڭا، ئۆيى بارلار 70 يىلدىن كېيىن بۇ ئۆيدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە پەقەت پۇل تاپشۇرۇپ مۇددەتنى ئۇزارتسىلا بولىدۇ.

لېكىن قانداق ئۇزارتىش، قانچىلىك ھەق تاپشۇرۇش توغرىسىدا ھازىرچە تېخى ئېنىق ھۆكۈم يوق، چۈنكى بۇ يىلغىچە دۆلىتىمىزدىكى كۆپ ساندىكى تاۋار ئۆيلەرنىڭ 70 يىللىق مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى تېخى توشمايدۇ، شۇڭا ھازىر كونكرېت ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ. بىراق، دۆلىتىمىزدە ئاز بىر قىسىم ئۆيلەرنىڭ 70 يىللىق مۇددىتى توشقان، مەسىلەن، شاڭخەيدىكى ئىككى ئولتۇراق رايوندىكى ئۆيلەرنىڭ 70 يىللىق مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى توشقان.

شاڭخەيدىكى بۇ ئىككى ئولتۇراق رايون خېلى بۇرۇن قۇرۇلغان بولۇپ، بىرى پېڭپۇ يېڭى كەنتى، 1958-يىلى قۇرۇلغان، 2021-يىلىغىچە 63 يىل بولغان، يەنە بىرى ساۋياڭ يېڭى كەنتى، 1951-يىلى قۇرۇلغان، 2021-يىلىغا كەلگەندە دەل 70 يىل بولغان. بۇ ئىككى ئولتۇراق رايون بۇ ھەقتىكى تۇنجى مىسال بولغاچقا، قانداق بىر تەرەپ قىلىش تەبىئىي ھالدا كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغايدۇ.

بۇ ئىككى ئولتۇراق رايۇننىڭ قورۇلغىنىغا ئۇزۇن بولغان، مۇھىتى ناچار، بوشلۇقى تار، كۈن نۇرى ياخشى چۈشمەيدۇ، بىناكارلىق ھۈنەر-سەنئىتىمۇ دەۋرنىڭ كەينىدە قالغان. شۇڭا، بۇ ئىككى ئولتۇراق رايوننى بىر تەرەپ قىلىشتا مۇنداق ئىككى خىل لايىھە ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بىرى داۋاملىق ئولتۇرغىلى بولسا، يېڭىلاپ رېمونت قىلىش؛ يەنە بىرى، ئولتۇراق مۇھىتى ھەقىقەتەن بەك ناچار بولسا، ئۆينى چېقىپ، ئورنىغا ئۆي سېلىش.

ساۋياڭ يېڭى كەنتى يېڭىلاپ رېمونت قىلىش لايىھەسىنى قوللانغان، چۈنكى ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا ئولتۇرغىلى بولىدۇ؛ پېڭپۇ يېڭى كەنتى ئەسلىدىكىنى چېقىپ، قايتا سېلىش لايىھەسىنى تاللىغان، يەنى ئەسلىدىكى كۆلىمى قانچىلىك بولسا، چېقىپ ئوخشاش كۆلەمدە قايتا سېلىش لايىھەسىنى تاللىغان. بۇ ئىككى ئولتۇراق رايوننىڭ تاللىغان لايىھەسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئوخشاش يېرى شۇكى، كىشىلەر ئىلگىرى ئەنسىرىگەندەك مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت يەرنى قايتۇرۇۋېلىپ باشقا ئىشقا ئىشلىتىدىغان ئەھۋال يۈز بەرمىگەن، ئۆي ئىگىسى قولىدىكى بۇ بىر يۈرۈش ئۆيىدىن ئايرىلىپ قالمىغان، ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى ئوڭۇشلۇق ئۇزارتىلغان.

گەرچە ئۆي ئىگىسى 70 يىلدىن كېيىن ئۆيىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىمىسىمۇ، لېكىن يەنە بىر چوڭ مەسىلە كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، ئۇ بولسىمۇ 70 يىلدىن كېيىن، ئۆي ئەسلىدىكى چىرايلىق تاۋار ئۆي رايونىدىن كونا ئولتۇراق رايونغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇ چاغدا ئولتۇراق رايوننىڭ مۇھىتى ناچارلىشىپ كېتىدۇ، مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتقىلى بولغان تەقدىردىمۇ، بۇيەردە تۇرغاندا ئانچە راھەت ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. لېكىن بۇ مەسىلىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، چۈنكى كىشىلەرنىڭ نەچچە ئون يىل بۇ ئولتۇراق رايوندا ئولتۇرۇپ كۆچۈپ كەتمىگەنلىكى، بۇ ئۆي ئىگىلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆي ئالماشتۇرىدىغان ئۇنچە كۆپ پۇلىنىڭ يوقلۇقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ساۋياڭ يېڭى كەنتى بىلەن پېڭپۇ يېڭى كەنتىنىڭ پۈتۈن مەھەللىنى رېمونت قىلىشى ۋە ئەسلىدىكى ئۆينى چېقىپ قۇرۇشىنى شاڭخەي ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، چۈنكى شاڭخەينىڭ «يەرلىك» مالىيەسى خېلى كۆپ. 2020-يىلى شاڭخەي شەھىرىنىڭ GDP ئومۇمىي قىممىتى 3 تىرىليون 870 مىليارد 58 مىليون يۈەنگە يەتكەن، شۇڭا مەھەللىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىش خىراجىتىنى تۆلىيەلەيدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ئۇزارغاندىن كېيىن، ئۆينىڭ يەنە رېمونت قىلىنىشى ياكى قايتا سېلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، لېكىن باشقا «يەرلىك» لەرنىڭ مالىيەسى ئانچە يېتەرلىك ئەمەس، شاڭخەي شەھىرىنى دورىشى تەسكە توختايدۇ.

ھازىر يەنە بىر بىر خىل بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى بار، ئۇ بولسىمۇ كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى. كونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى 2020- يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان، 2021-يىلى ئۆزگەرتىلگەن ئولتۇراق رايونلارنىڭ سانى كۆپەيتىلىپ، ئۆزگەرتىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدىكونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ھەقىقەتەن نۇرغۇن كونا مەھەللىلەرنى يېڭىباھارغا چۆمدۈردى، لېكىن مەسىلە شۇكى، نەچچە ئون يىلدىن كېيىن كونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى يەنە مەۋجۇت بولامدۇ؟ چۈنكى ھازىر يولغا قويۇلغان كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ مەقسىتى ئۆي بازىرىنىڭ زىيادە ئېچىلىشى، ئۆي باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈشىنى توسۇش ئۈچۈن. كېيىن بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ناتايىن، شۇڭا نەچچە ئون يىلدىن كېيىن، كونا ئۆي مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش ھازىرچە نامەلۇم. بىراق ئۆيى بارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قولىدا ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسى بولسىلا، بۇ ئۆي ئىزچىل شۇ كىشىگە تەۋە بولىدۇ، باشقا مەسىلىلەر كىچىك مەسىلە ھېسابلىنىدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن دۆلىتىمىزدە نۇرغۇن كىشىلەر ئۆمۈر بويى شەھەردىن ئۆي ئېلىپ بولالماسلىقى مۇمكىن.




【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 307
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读282
粉丝0
内容307