
ئىلگىرىكى يىللاردا، كىشىلەر ھەمىشە ئامال قىلىپ يېزا نوپۇسىنى شەھەر نوپۇسىغا يۆتكەيتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ھازىر يېزا نوپۇسىنىڭ بازىرى تېخىمۇ ئىتتىك بولۇپ قالدى. لېكىن، ھازىر ئىلگىرى «سىرتقا چىقىپ كەتكەن» نۇرغۇن يېزا ئاھالىسىنىڭ يېزا نوپۇسىغا قايتا ئالمىشىشى ناھايىتى قىيىن بولۇپ قالدى.
بۇرۇن كىشىلەر نوپۇسنى يېزىدىن شەھەرگە يۆتكەيتتى، ھازىر شەھەردىن يېزىغا يۆتكەۋاتىدۇ. يېزا نوپۇسىنىڭ بازارلىق بولۇپ كېتىشىگە ئۈچ خۇش خەۋەر سەۋەب بولغان. بۇ ئۈچ خۇش خەۋەر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك، يەنە نوپۇسقا ئېلىش، تۇرالغۇ ئۆيلۈك يەر قاتارلىقلارغىمۇ چېتىلىدۇ. بۇ خەۋەرلەر ھەرگىزمۇ مىش-مىش پاراڭ ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى بۇيىل 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاشكارا ئېلان قىلغان خەۋەر. يەنى «يىرىك پىلاننى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، «يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى تولۇق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ».
گەرچە بۇ پەقەت قىسقىغىنە ئون نەچچە خەت بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇقتۇرۇشتا شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقانلارغا كۆڭۈل قويۇپ ياردەم قىلىش تەلەپ قىلىندى. ئايرىم دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرلەردىن باشقا جايلاردا نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسىنى قويۇۋېتىش ۋە بوشىتىش، دائىم تۇرۇشلۇق جايدا نوپۇس تىزىملاش تۈزۈمىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نوپۇسقا ئېلىش تۈزۈمى ئاددىيلاشقاندا، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلارنى ئولتۇراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ. 
نوپۇسقا ئېلىش ئىسپاتى ئالغاندىن كېيىن، بالىلارنىڭ ئوقۇش مەسىلىسى تەبىئىي ھالدا ھەل بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، نوپۇسقا ئېلىش مەسىلىسى ھەل قىلىنغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي كاپالەت، جامائەت مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ قولايلىق مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولالايدۇ. ئىلگىرىكى شەھەرگە كىرىپ ئىشلەيدىغان يېزا نوپۇسىدىكى ئاھالىلەر بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلىدۇ.
ئۇنداقتا تۇرالغۇ جەھەتتە، يەنە قانداق ئۆزگىرىشلەر بار؟
ئەمەلىيەتتە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھۆكۈمەت تارماقلىرى تۇرالغۇ ئۆي جەھەتتىكى ياخشى تەدبىرلەرنى ئۈزۈپ قويمىدى. نۇرغۇن شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقان يېزا ئاھالىسى تۇرالغۇ جەھەتتە قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلدى، بۇنى بايقاپ ھۆكۈمەت تارماقلىرى يەنە تەبىئىي ھالدا بىرىنچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ «ئۇقتۇرۇش»تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇندا، يېزا كۆچمە ئاھالىسىنىڭ نوپۇسقا ئېلىش سانى بىلەن كاپالەتلىك تۇرالغۇ كۆلىمىنى چېتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يەنى، يېزا نوپۇسى شەھەرگە يۆتكىلىش بىر قەدەر كۆپ بولغان شەھەرلەردە كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى سالمىقى زورايتىلىدۇ. ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئىگە قىلىپ، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي، ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئۆي قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىنىپ، تۇرالغۇ مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ.
ئەڭ ئاخىرقى بىر نۇقتا ئۆيلۈك يەر مەسىلىسى، بۇ نۇقتىدىمۇ ئىنتايىن روشەن ئۆزگىرىش بار. سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر يېزىدىكى ئۆيلۈك يېرىنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. لېكىن ھەممىمىزگە مەلۇمكى، دۆلىتىمىز ئۆيلۈك يەر بېرىشتە «بىر ئۆيلۈك يەردە بىر ئائىلە بولۇش» پىرىنسىپىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلدى.
يەنى سىز ئۆيلۈك يەرگە قانۇنلۇق ئېرىشكەن بولسىڭىزلا، شەھەرگە كىرىپ ئىشلىگىنىڭىزگە قانچە ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، يۇرتىڭىزغا ناھايىتى ئاز قايتقان تەقدىردىمۇ، سىزنىڭ يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىڭىز قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتكەنلىكىڭىزنى باھانە قىلىپ، ئۆيلۈك يەرنى قايتۇر دەيدىغان ھەرقانداق قىلمىش قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس. مۇنداقچە ئېيىتقاندا، سىز شەھەرگە كىرىپ ئولتۇراقلاشقان تەقدىردىمۇ، يۇرتىڭىزدىكى ئۆيلۈك يېرىڭىزنى يەنىلا ئىشلىتىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. باشقىلار ھەرگىز پايدىنىلىپ كېتەلمەيدۇ.

