
يېقىندا، خەلقئارادا نېفىت باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسىمۇ خېلى ئۆستى، نۇرغۇن رايونلار «سەككىز يۈەنلىك دەۋر» گە قەدەم قويدى، كىشىلەر ماي باھاسىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن بەكلا نارازى بولۇشتى، چۈنكى بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا ماشىنا ئىگىلىرى بىر باك ماي قاچىلاش ئۈچۈن خېلى تەرلىمىسە بولمايدىغان بولدى. بىراق ماي باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقاندا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ماشىنا ئىگىلىرى ئازراقمۇ تەسىرگە ئۇچرىمىدى، ھەتتا بارا-بارا بۇنىڭدىن مەغرۇرلىنىشقا باشلىدى، چۈنكى ماي باھاسى ھەر قانچە ئۆسسىمۇ، بۇ ئۇلار بىلەن «مۇناسىۋەتسىز».
يېڭى ئېنېرگىيەلىك ماشىنا كۆپچىلىككە ناتونۇش ئەمەس، ئۆتكەن نەچچە يىلدا دۆلىتىمىز كۆپچىلىكنى يېڭى ئېنېرگىيە ماشىنا سېتىۋېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ كەلدى، بۈگۈنكى كۈندە تۇرمۇشىمىزدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ماشىنىلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئېلىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى 9-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ سانى 390 مىليونغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ماشىنا 297 مىليونغا يەتكەن. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ سانى 476 مىليونغا يەتكەن. 2021-يىلى 3-پەسىلدە يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ماشىنا 767 مىڭغا يەتكەن، 9-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ماشىنا سانى 6 مىليون 780 مىڭغا يېتىپ، ماشىنا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %2.28 نى ئىگىلىگەن.
بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن جەمئىيىتىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ماشىنىغا بارغانسېرى كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، نۇرغۇن ماشىنا ئىگىلىرىمۇ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ماشىنا بولغان قىزىقىشىنى ئىپادىلىدى، بولۇپمۇ ماي باھاسى بارغانسىرى ئۆرلەۋاتقان بۇنداق مەزگىلدە، ماشىنا ئىگىلىرىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ماشىنا سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولدى. 2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىنغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ماشىنا جەمئىي 1 مىليون 871 مىڭغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 مىليون 199 مىڭى كۆپىيىپ، %178.49 ئاشقان، نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر كەلگۈسىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ماشىنا تەرەققىياتنىڭ يۈزلىنىشى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، دەپ قارىماقتا.
ئەمەلىيەتتە، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ماشىنا ئاللىقاچان چوڭ يۈزلىنىش بولۇپ قالدى، نۇرغۇن دۆلەتلەر يەنە ماي يېقىلغۇلۇق ماشىنا سېتىشنى چەكلەش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەتتا بۇ دۆلەتلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى پىلانىدا يەنە ماي ماشىنىسىنىڭ يولغا چىقىشىنى چەكلەش ۋاقتىمۇ ئېنىق كۆرسىتىلگەن. مۇشۇنداق خەلقئارالىق چوڭ يۈزلىنىش ئالدىدا، ئېلىمىزمۇ «ئەگىشىش» نى تاللىدى، نۇرغۇن كىشىلەر، كەلگۈسىدە ئېلىمىزمۇ بەزى دۆلەتلەرگە ئوخشاش ماي ماشىنىسىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەيدۇ، دەپ قاراۋاتىدۇ.
يېڭى ئېنېرگىيەلىك ماشىنىنى ماي ماشىنىسىغا سېلىشتۇرغاندا، ئەڭ روشەن ئەۋزەللىكى مۇھىت ئاسراش ۋە پۇل تېجەش، نېمىلا دېگەن بىلەن توكنىڭ تەننەرخى نېفىتقا قارىغاندا تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. لېكىن، ماي ماشىنىسىنىڭ ماتورىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ يېتەرلىك، تېخىمۇ ئۇزۇن يۈرگىلى بولىدۇ، كەلگۈسىدىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ماشىنىلارنىڭ تەرەققىيات يولىدا يەنە نۇرغۇن خىرىسلار بار. دۆلىتىمىز يېڭى ئېنېرگىيەلىك ماشىنا تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن نۇرغۇن سىياسەتلەرنى يولغا قويدى، شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش ماي ماشىنىسىنى سېتىشنى چەكلەشنى سىناق قىلىشقا باشلاپ، كونكرېت رايون ۋە ئىجرا قىلىش ۋاقتىنى ئېلان قىلدى.
نۆۋەتتە ئېلىمىز ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، خەينەن ئۆلكىسىدە ئالاقىدار سىناق خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلىۋىتىپتۇ، خەينەن ئۆلكىسى ماي ماشىنىسى سېتىشنى چەكلەش پىلانىنى يولغا قويغان بولۇپ، 2030-يىلى يولغا قويۇلۇشى مۆلچەرلەنمەكتە. خەينەن ئۆلكىسى دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى بولۇپ ماي ماشىنىسى سېتىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان رايون، مۇتەخەسسىسلەر دۆلىتىمىزنىڭ باشقا رايونلىرىنىڭمۇ بۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2030-يىلىغا بارغاندا ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ماشىنا سانى 64 مىليون 200 مىڭغا يېتىدىكەن ھەمدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ماشىنىنىڭ ئاساسىي يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ماشىنا بىلەن زەرەتلىگۈچنىڭ 1:1 نىسبەتتە بولۇش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ماشىنا ھازىر خەلقئارادىكى چوڭ يۈزلىنىش بولۇپ قالدى، دۆلىتىمىزمۇ چوقۇم داۋاملىق زور كۈچ بىلەن قوللايدۇ.

