
شۋېتسىيەلىك ئۆسۈملۈكشۇناسلار ئىككى تۈپ ئۆسۈملۈكنى ئوخشاش نىسپىي ناچار شارائىت ئاستىغا قويغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈپ ئۆسۈملۈك ئىگىسى ھەر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ: مەن سىزگە موھتاج، سىزنىڭ ھايات قېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، دېگەن. بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن ھەر كۈنى دەردىنى تۆككەن بۇ ئۆسۈملۈك مۆجىزىلەرچە ھايات قالغان، يەنە بىر تۈپى بولسا جىمجىتلا ئۆلۈپ كەتكەن. ئۆسۈملۈكلەر بىز ئىنسانلارغا ئوخشاش ئاڭ ۋە ھېسسىياتقا ئىگە.
بەزى گۈلچى دوستلار مەلۇم بىر ئۆسۈملۈكنى قانداق ياخشى پەرۋىش قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ، گۈل بېقىشتىن بۇرۇن سىز ئۇلارنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك.
1. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئادىتى
سىز مەلۇم ئۆسۈملۈكنى بېقىشقا تەييارلىق قىلغاندا، چوقۇم بۇ گۈلنىڭ خۇسۇسىيىتىنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك، ئۇ ئېھتىياجلىق بولغان كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى، نەملىك دەرىجىسى، ئىسسىقتىن، سوغۇقتىن قورقۇش ئەھۋالى، سىزنىڭ بېقىشقا ۋاقتىڭىز بارمۇ ـ يوق، ئەھۋالنى تولۇق ئىگىلىگەندىن كېيىن ئاندىن قول سېلىش كېرەك.
2. تەشتەك ۋە توپا تاللاش
تەشتەكلەردىن ساپال تەشتەك، سۆسۈن قۇم تەشتەك، ئېمال تەشتەك، سۇلياۋ تەشتەك قاتارلىقلار بار بولۇپ، ساپال تەشتەكنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئەڭ ياخشىسى نازۇك ۋە سۇ تەركىبى كۆپ بولمىغان گۈللەرگە بىر قەدەر ماس كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا سۆسۈن قۇم تەشتەك ۋە فارفور تەشتەك بولۇپ، سۇلياۋ تەشتەكنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئەڭ ناچار بولغاچقا، سۇ سۈمۈرمەيدۇ. ئادەتتە سۇلياۋ تەشتەكتە گۈل باققاندا ئەڭ ياخشىسى تەشتەكنىڭ ئاستىغا بىر قەۋەت ساپال پارچىسى يېيىتىپ، سۇ سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

توپىنى تەييارلىغىلى بولىدۇ، بىۋاستە سېتىۋېلىشقىمۇ بولىدۇ، پەقەت ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرغىنى بولسىلا، ئادەتتە باغ توپىسى + تورف توپىسى + مەرۋايىت تاش + ۋېرمىكۇلىت. ۋېرمىكۇلىتنىڭ سۇ قۇلۇپلاش خۇسۇسىيىتى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، ئادەتتە قۇرغاقراق يەرگە ئامراق گۈللەرگە ۋېرمىكۇلىت قوشماسلىق كېرەك.
3. ئوغۇت ۋە ھاشارات يوقىتىش بۇيۇملىرى
گۈلنى ئوغۇتلىغاندا ئۇ گۈزەل بولىدۇ، گۈل ئوغۇتى ئورگانىك ئوغۇت ۋە خىمىيەۋى ئوغۇت دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ، ئورگانىك ئوغۇتنى ئۆزى ياسىسا بولىدۇ، ئېچىتىلغان توخۇ مايىقى ئوغۇتى، قوي قىغى قاتارلىقلار، يوپۇرماق چىقارغاندا، مەسىلەن ئورىيا، گۈرۈچ يۇيغان سۇ، سۈت بوتۇلكىسىنى يۇيغان سۇ بولسا بولىدۇ، غۇنچە شەكىللىنىشكە باشلىغاندا فوسفورلۇق ئوغۇت ۋە كالىيلىق ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش كېرەك.

چېچەكلەشتىن بۇرۇن ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم يوپۇرماق يۈزىگە پۈركۈش كېرەك، چېچەكلىگەندە قايتا ئوغۇتلىماسلىق، ياز ۋە قىش پەسلىدە ئوغۇتلىماسلىق كېرەك. كېسەللىك ۋە ھاشارەت زىيانداشلىقى گۈل ـ گىياھلارنىڭ ئۆلۈشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئەگەر غول چىرىش كېسىلى، يوپۇرماق چىرىش كېسىلى ۋە ئاق توزان كېسىلى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغاندا كاربېندازىم ياكى خلوروتالونىل ئىشلىتىش، ئەگەر دائىم كۆرۈلىدىغان كۆكپىت، قىزىل ئۆمۈچۈك، قاسراقلىق قۇرت قاتارلىقلار بايقالسا ھاشارەت يوقىتىش دورىسى بىلەن ھاشارەت يوقىتىش كېرەك.
4. سۇغىرىش مۇۋاپىق بولۇش
سۇغىرىش قارىماققا ئاددىي ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما گۈل ـ گىياھلارنىڭ ھايات ـ ماماتىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ھالقا، چوقۇم قۇرۇمىغۇچە سۇغارماسلىق، قۇرۇغاندا قاندۇرۇپ سۇغىرىش كېرەك.

سۇغىرىشتىن ئۆلۈش سەۋەبى:
1. يېرىمىنى قۇيۇپ، چالا سۇغىرىش
2. تەشتەك توپىسى قۇرىمىسىمۇ سۇغىرىش (گۈلنى كۈندە سۇغىرىش كېرەك دەپ قاراش، نۇرغۇن گۈللەر قۇرۇپ ئەمەس بەلكى تولا سۇغىرىشتىن ئۆلگەن).

5. ئۆسۈملۈك ئۇچىنى ئۈزۈش
(ئۆسۈملۈكنىڭ شەكلى چىرايلىق بولۇش ئۈچۈن، ئۇچىنى ئۈزۈش كېرەك) ئالدىن قالدۇرۇلغان قۇرۇق شاخ، ئاساسىي شاخ ياكى يان شاخنى بىر تەرەپ قىلىش، ئۇچىنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈزۈش، بىخلىنىپ چىققان يېڭى شاخنىڭ ئۇچىنى ئۈزۈش كېرەك.
بىرىنچى خىلى، ئۇچىنى ئۈزۈش ۋاقتى يېڭى شاخنىڭ ئۇچىنى يېرىم ياغاچلىغاندا، ئادەتتە 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولىدۇ، يېڭى شاخنى ئۈزۈۋېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۇچىنى ئۈزگەندىن كېيىنكى شاخنىڭ ئالدى ئۇچىدىن 3-1 تال يوپۇرماقنى ئېلىۋېتىپ، بىخنىڭ بىخلىنىشىغا پايدىلىق بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:
گۈلنىڭ قۇرىغانلىقىنى باھالاش:
1. تەشتەكنى دەڭسەپ باقساق يىنىكلەپ قالغان بولسا، توپا يۈزى ئاقىرىپ قالغان بولسا؛
2. چىش كولىغۇچ بىلەن توپا ئىچىگە 1 سانتېمىتىر سانجىساق، چىش كولىغۇچ قۇرۇق بولسا.


