
ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، بۈگۈنكى جۇڭگو جەمئىيىتىدە قورسىقى تويمايدىغان، كىيىمى ئىسسىمايدىغان كەمبەغەللەر ئاساسىي جەھەتتىن قالمىدى. يېزىلاردا نۇرغۇن ئائىلىلەر يېڭىدىن بىنا سالدى. 2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىمۇ 9248 يۈەنگە يەتتى. شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمۇ داۋاملىق ياخشىلاندى، 2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىرىم 24 مىڭ 100 يۈەنگە يەتتى.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئېلىمىز پۇقرالىرى تەدرىجىي بېيىپ، كىيىش-تويۇش چېكىدىن ھالقىپ، بېيىش يولىغا قەدەم قويدى. يېزا ئاھالىلىرى ئۆزى ئۆي سالغاندىن باشقا، يەنە شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنىڭ ئۆيى بار بولدى، دۆلىتىمىزدە %96 ئائىلە بىر يۈرۈش ئۆي-مۈلۈككە ئىگە بولدى، بۇ دۇنيادا ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدۇ.
قائىدە بويىچە بولغاندا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆيى، پۇلى بولغان ئىكەن، تۇرمۇشى چوقۇم بەختلىك دېگەن گەپ. لېكىن ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس، دۆلىتىمىزدە شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ قەرز نىسبىتى %56.5 كە يېتىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، نۇرغۇن كىشىلەر قارىماققا ناھايىتى باي كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە قەرزگە بوغۇلغان يېڭىچە نامراتلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەرز قايتۇرۇش بېسىمىمۇ ناھايىتى ئېغىر، تۇرمۇش سۈپىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. ئۇنداقتا بۇ خىل ئىجتىمائىي ھادىسىنى نېمە كەلتۈرۈپ چىقارغان؟
بىرىنچى، يۇقىرى ئۆي باھاسى ئۆي سېتىۋالغۇچىنىڭ جۇغلانمىسى ۋە كىرىمىنى خورىتىۋەتتى. ھازىر دۆلىتىمىزدە 200 مىليون ئائىلە قەرز ئېلىپ ئۆي ئالغان، 400 مىليون ئادەم ئۆي قەرزى قايتۇرۇۋاتىدۇ. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى ئېلىمىزدىكى 65 شەھەردە يېڭى ئۆيلەرنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىۋادرات مېتىرى 17 مىڭ 300 يۈەن، نىمكەش ئۆيلەرنىڭ 17 مىڭ يۈەن بولغان. بۇ خالىغانچە بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن نەچچە مىليون يۈەن كېتىدىغانلىقىدىن، چوڭ شەھەرلەردىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن ھەتتا نەچچە ئون مىليون يۈەن كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆي سېتىۋالغاندىن كېيىن، تۇرمۇش سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن، لېكىن ھەر ئايدا تۆلەيدىغان نەچچە مىڭ يۈەن ئۆي قەرزى، ئۇلارنى ھالسىرىتىپ قويغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئەھۋال يەنە نەچچە ئون يىل داۋاملىشىدۇ.
ئىككىنچى، ماشىنا سېتىۋالغاندىن كېيىنكى تۈرلۈك چىقىملارمۇ ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. ھازىر مەيلى شەھەرلىكلەر بولسۇن ياكى يېزىلىقلار بولسۇن، ھەممىسى ماشىنا سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ماشىنا ھەيدىسە ئابرويلۇق بولىدۇ، ھەم سەپەرگە چىقىشمۇ ناھايىتى قولايلىق بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ماشىنا ئانچە قىممەت ئەمەس، ياخشىراقى نەچچە يۈز مىڭ يۈەن، ناچارراقى نەچچە ئون مىڭ يۈەن بولىدۇ، بىراق ماشىنىنى بېقىش خىراجىتى ناھايىتى كۆپ. بىرى، ماشىنا توختىتىش ھەققى قىممەت، چوڭ شەھەرلەردە بىر سائەتلىك ماشىنا توختىتىش ھەققى 10 يۈەندىن باشلىنىدۇ. يەنە بىرى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدە ماي باھاسى ئۇدا ئۆرلىگەچكە، ماشىنا ئىگىلىرىنىڭ ھەر ئايلىق ماي پۇلى چىقىمىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە تازىلاش ھەققى، ئاسراش ھەققى، رېمونت ھەققى، يول ئاسراش ھەققى، تۈرلۈك سۇغۇرتا ھەققى قاتارلىق چىقىملار بار، بۇلارنى يىغىپ ھېسابلىغاندىمۇ خېلى كۆپ پۇل كېتىدۇ. قارىماققا ھوزۇر كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ماشىنا بېقىش چىقىمىمۇ ناھايىتى زور بولۇپ، بېسىمى ھەر ئايدا ئۆي قەرزىنى قايتۇرۇشتىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئۈچىنچى، يېقىندا مال باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىگەن بولسىمۇ، مائاش ئانچە ئۆسمىدى. 20 يىل ئىلگىرى كىرىم يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن مال باھاسىمۇ ناھايىتى تۆۋەن ئىدى، ھازىر كىرىم سەل ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما مال باھاسى يىلدىن يىلغا ئۆرلەۋاتىدۇ. ئىلگىرى تاللا بازىرىغا بىر قېتىم بارساق 100 يۈەننى خەجلەپ بولالمايتتۇق، ھازىر تاللا بازىرىغا بېرىپ مال سېتىۋالساق 100 يۈەن يەتمەيدۇ. ئىلگىرى خالىغانچە چۈشلۈك تاماق يېيىش ئۈچۈن 12 - 13 يۈەن كېتەتتى، ھازىر چۈشتە سىرتقا چىقىپ تاماق يېيىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە 20 يۈەندىن ئارتۇق پۇل كېتىدىغان بولدى. روشەنكى، مائاشنىڭ ئۆسۈشى مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدەك تېز بولمىسا، تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئايلىق مائاشنى تېزلا ئىشلىتىپ تۈگەتكەندىن كېيىن، قەرز ئېلىپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغاندا، قەرز قايتۇرۇش بېسىمى تېخىمۇ ئاشىدۇ.
يىغىنچاقلىساق، ھازىر جەمئىيەتتە بىر خىل يېڭى تىپتىكى كەمبەغەللەر پەيدا بولدى، ئۇلار قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولۇشتىن ئەنسىرىمەيدۇ، قارىماققا تۇرمۇش سۈپىتى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا ئۆي قەرزى قايتۇرۇش، ماشىنا بېقىش، مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى قاتارلىق ھەر خىل بېسىملارغا ئاران بەرداشلىق بېرىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «كەمبەغەل» لىكى ئاچ قورساق قالغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى ھەر خىل تۇرمۇش بېسىمى، قەرز بېسىمىغا دۇچ كەلگەندىكى نامراتلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كىشىلەر كۈن بويى پۇل تېپىش بىلەن ئالدىراش بولسىمۇ، لېكىن تۇرمۇش سۈپىتى تۆۋەن، يىغقان ھېچقانداق پۇلى يوق دېيەرلىك. ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئامال بەلكىم ئىستېمال چىقىمىنى كونترول قىلىش، زىيادە كۆپ قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش بولسا كېرەك.

