
سىزدە مۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈپ باققانمۇ؟ يەنى شۇنچە بالدۇر ئۇخلىغان تۇرۇقلۇق بىر كېچە چۈش كۆرۈپ ئەتىگەندە تۇرغاندا بولسا شۇنداق ھېرىپ كەتكەندىن سىرت، كاللىڭىزمۇ شۇنداق قالايمىقان، ئازراقمۇ ئارام ئالغاندەك تۇيغۇ يوق.
چۈش دېگەن زادى نېمە؟

مەيلى شېرىن چۈش بولسۇن ياكى قورقۇنچلۇق چۈش بولسۇن، چۈش ھامان بىرخىل سىرلىق تۈس ئالغان بولىدۇ. ئالىملار چۈش توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بۈگۈنگە قەدەر ھېچكىم چۈشنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا ئېنىق چۈشۈندۈرۈش بېرەلىگەن ئەمەس.
ئۇنداقتا چۈش قەيەردىن كەلگەن؟
چۈش كۆرۈش تەبىئىيلا ئۇخلاش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئەلۋەتتە. ئۇخلاش بولمىسا چۈش كۆرۈشمۇ بولمايدۇ. ئۇيقۇ يېتەكلەش ئەسۋابىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئادەم مەيلى يېنىك ئۇيقۇ ھالىتىدە بولسۇن ياكى ئېغىر ئۇيقۇ ھالىتىدە بولسۇن ئوخشاشلا چۈش كۆرۈش مۇمكىن ئىكەن.
كۆپ چۈش كۆرۈش دېگەن قانداق ئىش؟

كۆپ چۈش كۆرۈش جۇڭگو تېبابەتچىلىكىدە بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق، قالايمىغان چۈش كۆرۈش، ئويغانغاندىن كېيىن بېشى قىيىپ، نېرۋىسى چارچاش قاتارلىق ئالامەتلىرى بار. كۆپ چۈش كۆرۈش داۋاملىق ئۇيقۇسىزلىق بىلەن بىللە كۆرۈلىدىغان بولۇپ، نورمال ئۇخلىيالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن سىرت، يەنە باش قېيىش، ئۇنتۇغاقلىق قاتارلىق روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەنمۇ ئىپادىلىنىدۇ.
كۆپ چۈش كۆرۈشنىڭ ئەڭ روشەن كېسەللىك ئالامىتى شۇكى، چۈشلىرى ئېگىز-پەس بولۇش، تىنچ ياتالماسلىق، بۇ خىل ئەھۋالدا ئادەم كېچىلىرى ئۇيقۇسى ياخشى بولمىسا كۈندۈزلىرى روھسىز، ھارغىن بولىدۇ. ھەممە ئادەم چۈش كۆرىدۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئويغانغاندىن كېيىنلا چۈشىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، پەقەت مەلۇم تۇيغۇلىرى ئېسىدە قالىدۇ. چۈشىنىڭ مەزمۇنىنى ئېسىدە ساقلىيالايدىغانلار شۇ ئۇيقۇسى ناچار ياكى كۆپ چۈش كۆرىدىغان كىشىلەر.
ئادەم نېمە سەۋەبتىن كۆپ چۈش كۆرىدىغان بوپ قالىدۇ؟

كۆپ چۈش كۆرۈش ئۇيقۇسىزلىقنىڭ بىرخىل ئىپادىسى بولۇپ، چوڭ مېڭېنىڭ تولۇق دەم ئالالمىغانلىقىنى، خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب كۆپ خىل بولىدۇ، مەسىلەن : روھىي بېسىم ئارتىپ كېتىش، تۇرمۇشى تەرتىپسىز بولۇش، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭ بولماسلىق، بەدەندىكى كېسەللىك دېگەندەك.

كۆپ چۈش كۆرۈش ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ كەيپىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، ئەندىشە قىلىش ،تىت-تىت بولۇش، كەيپىياتى ناچار بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇيقۇسىزلىق ۋە كۆپ چۈش كۆرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىللار. ئۇنىڭدىن باشقا ھەرىكەت كەمچىل بولۇشمۇ ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ناچار بولۇشىنىڭ بىر سەۋەبى.
ئۇنىڭدىن قالسا، تۇرمۇش تەرتىپسىز بولۇش، كېيىن ئۇخلاپ كېيىن تۇرىدىغان ھەتتا تۈنەيدىغان ئەھۋاللار دائىم يۈز بەرسە ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ناچار بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال. يەنە يۈرەك كېسىلى، بۆرەك كېسىلى، زىققا كېسىلى، ھەزىم يولى كېسەللىكلىرى، قان بېسىم، بوغۇم كېسەللىكلىرى، ئۇخلىغاندا نەپەس توختاپ قېلىش دېگەندەك كېسەللىكلەرمۇ ئۇيقۇسىزلىق ۋە كۆپ چۈش كۆرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، كلىماكتېرىيە مەزگىلى ئاياللارنىڭ ئۇيقۇسىنىڭ سۈپىتىنىڭ ناچار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قانداق قىلغاندا ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟
1.ئۇخلاشتىن بۇرۇن چوقۇم ئۆزىنى ئازادە تۇتۇش، ياخشى كەيپىيات بىلەن ئۇخلاش.
2.مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش. مۇۋاپىق ھەرىكەت چوڭ مېڭىنى تىنچلاندۇرىدىغان بىرخىل ماددىنىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، چوڭ مېڭىنى راھەتلەندۈرىدۇ ؛ ھەرىكەت ئۇيقۇسىزلىققا گىرىپتار بولغان كىشىنىڭ ئۇيقۇسىنى ياخشىلايدۇ. لېكىن ھەرىكەت مىقدارى ئارتىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
3.بالدۇر ئۇخلاپ بالدۇر تۇرۇش، تۈنىمەسلىك دېگەندەك ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
4.ئەگەر كېسەللىك تۈپەيلىدىن بولغان كۆپ چۈش كۆرۈش ئەھۋالى بولسا، ۋاقتىدا كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىش ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاشنىڭمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىدۇر.

