大数跨境

كورېيە يېزا ئىگىلىكىدىكى ئۈچ چوڭ كىرىزىس قايسى

كورېيە يېزا ئىگىلىكىدىكى ئۈچ چوڭ كىرىزىس قايسى EMINBIZ
2021-01-24
2
导读:深藏着韩国农业的三重危机是什么?


ھەممىمىزگە مەلۇم، كورىيەنىڭ سانائىتى ناھايىتى كۈچلۈك، ئەمما كورىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ناھايىتى تۆۋەن. 2018ـ يىلى كورىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 32 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئاران %2 نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۈنسېرى خارابلىشىپ، ئاخىرىدا ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكەنلىكىدە. نېمىشقا كورىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى بارغانسىرى خارابلىشىپ قالدى؟


كورىيە يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك بولماسلىقىنىڭ ئارقىسىغا كورىيە يېزا ئىگىلىكىدىكى ئۈچ چوڭ كىرزىس يوشۇرۇنغان، يەنى تېرىلغۇ يەر كەمچىل بولۇش، يېزا ئىگىلىك ئەمگەك كۈچى يېتەرسىز بولۇش، رىقابەت كۈچى كەمچىل بولۇش، بۇ بۈگۈنكى كورىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى قىيىن ۋەزىيەتنى بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقارغان.

كورىيە ئۈچ تەرىپىنى دېڭىز ئوراپ تۇرىدىغان يېرىم ئارال دۆلىتى بولۇپ، دۆلەت زېمىنى كىچىك، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەر دۆلەت زېمىنىنىڭ %17 گىمۇ يەتمەيدۇ. سوغۇق مۆتىدىل بەلباغنىڭ كىلىماتى زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كەلمەيدۇ. ئەسلىدىنلا كۆلىمى كىچىك تېرىلغۇ يەرنى سانائەت تەرەققىياتى ئىگىلىۋالغان بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 0.6 مو ئەتراپىدا، ئېلىمىزنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى بولسا 1.38 مو. ئەمەلىيەتتە كورىيەنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى يەنىلا داۋاملىق تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىدە تۇرماقتا، كورىيە دېھقانلىرىنىڭ كىرىمى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى بارغانسىرى يۇقىرى بولۇۋاتقان ئەھۋالدىمۇ، يەنىلا يىلمۇ يىل ئازىيىپ بارماقتا.


كورېيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 51 مىليوندىن كۆپرەك، تاغ كۆپ، يەر ئاز، نوپۇس زىچ. يېزا نوپۇسى ئاران 2 مىليون 500 مىڭ ئەتراپىدا، بۇنىڭ ئىچىدە %51 ئاتمىش ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار بولۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى نوپۇس قۇرۇلمىسىغا تەۋە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، بولۇپمۇ ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار زور مىقداردا شەھەردىكى زاۋۇتلارغا ئېقىپ كىرىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئارقىدا قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەسلىدىكى تارقاق دېھقانچىلىقتىن ئۆزگەرگەن كورىيە سانائەتلىشىش جەريانىدا يېزا ئىگىلىكىگە ئىزچىل سەل قارىغان، گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلگەن بولسىمۇ، ئىلگىرى كېلىپ چىققان زىياننى قىسقا ۋاقىتتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەس بولغاچقا، بۈگۈنكىدەك يېزا ئىگىلىكىدە قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن.

يەر ئەسلىدىنلا يېتىشمەيدىغان كورىيەنىڭ سانائەتلىشىش مۇساپىسىدە، شەھەرلىشىش يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا زىيان يەتكۈزگەن. 2ـ دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، كورىيە ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىسىنى ئاساس قىلغان. بۇ مەزگىلدە، خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى سانائەتلىشىشنى مەركەز قىلغان زامانىۋىلاشتۇرۇش قىلىپ بەلگىلەنگەن. سانائەتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغاندا، يېزا ئىگىلىكىگە سەل قارالغان. بۇ ئۆزگىرىش جەريانىدا يېزا ئىگىلىكىنى قوغداش تەدبىرى، ئۆتكۈنچى تەدبىر كەمچىل بولغان. سىياسەت دۆلەتنىڭ ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچى، مالىيە كۈچىنى يېزىلاردىن شەھەرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە يۈزلەنگەن. بولۇپمۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا «يېزا ئىگىلىكىگە تايىنىپ سانائەتنى بېقىش» خاھىشى كۈچلۈك بولغاچقا، بۈگۈنكى ۋەزىيەت كېلىپ چىققان. كورىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك سانائەتلىشىشىنىڭ ئارقىسىدا كۈنسېرى خارابلىشىپ، ئاخىرىدا ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان يېزا ئىگىلىكى بار.



كورېيە ئاشلىق كىرىزىسىنى تونۇپ يەتكەندە، ئىلگىرى ئۆزى قىلغان يېزا ئىگىلىك سىياسىتى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىپ، ئەڭ دەسلەپكى زور كۈچ بىلەن يۆلەشتىن كېيىنكى جان تىكىپ قىسىشقىچە، ئاندىن ھازىرقى تەلۋىلەرچە قوغداشقىچە بولغان جەرياننى باشتىن كەچۈردى. بۇنىڭ ھەممىسى كورېيە سىياسىيونلىرىنىڭمۇ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئارقىدا قېلىش مەسىلىسىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، بىراق نەچچە قېتىملىق تەڭشەش ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ئانچە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى.

مەسىلەن، كورىيە ھۆكۈمىتى بۇرۇنلا ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېزىلارنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلاپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئەنئەنىسى ۋە يەر مۇھىتىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، كورىيەدە ھازىر يەنىلا ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكى ئۇسۇلى قوللىنىلىۋاتىدۇ، ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردەك كەڭ كۆلەمدە، كەسىپلەشكەن تېرىقچىلىق ئۇسۇلى كەمچىل. بۇنداق ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ كورىيىنىڭ كاپىتالىستىك سىياسىي تۈزۈلمىسىگە يېتىشەلمەسلىكى، كېيىنكى سانائەتلەشتۈرۈش تەرەققىياتىغا، يەنى كورىيىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز ئىكەنلىكى ئېنىق.

بىراق بۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردە كورېيەنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە نىسبەتەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تەرىپىمۇ بار ئىدى، دەل مۇشۇ مۇۋەپپەقىيەت كورېيەنىڭ ئىزچىل ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكى تەپەككۇرىنى ساقلاپ قېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئاشلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىكىنى تىرىشىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىغان. ئەينى ۋاقىتتا، يېزا نوپۇسى بىر مەھەل پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %80 گە يەتكەن بولۇپ، گۈرۈچ مەھسۇلاتى خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايتتى، ئىمپورت قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمىغانىدى. ئاندىن سانائەتلىشىش مۇساپىسىدىن ئىبارەت بۇ تەرەققىيات يۈزلىنىشى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.

كورىيە دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى تەڭشەپ، سانائەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئېشىشى بىلەن «ئاسىيادىكى تۆت كىچىك ئەجدىھا» نىڭ بىرىگە ئايلاندى، بۇ جەرياندا يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچى، يېزا ئىگىلىك يەرلىرى ئىگىلىۋېلىنىپ زاۋۇت، شەھەر قاتارلىقلار قۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ بايلىق شەھەرگە تەقسىم بولدى، شەھەر بىلەن يېزا ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىيات تەكشى بولماي، كورىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك ئاساسى زىيانغا ئۇچرىدى.

كورىيە ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك ئاساسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، يەنە پۈتۈن كۈچى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى قوغدىدى. بۇ خىل قوغداشمۇ ئۈزۈل ـ كېسىل بولدى، ھەر خىل يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىلىرىمۇ كۆپ بولدى. بۇنداق بولغاندا كورىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى ئېرىشكەن دۆلەت تولۇقلىمىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇراتتى. تولۇقلىمىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش باھاسىنى ئۆستۈرۈشتىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تولۇقلىمىسىغىچە، يېڭى تېخنىكىلارنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن تۈجۈپىلەپ تېرىشقىچە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەر قايسى ھالقىلاردا دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسى نامايان قىلىندى.

تولۇقلىما بېرىشتىن باشقا، يەنە ئۆز دۆلىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى قوغداپ، چەت ئەلنىڭ نۇرغۇن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كورىيە بازىرىغا كىرگىلى قويمىدى، بۇمۇ ئۆز دۆلىتىدىكى يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نوپۇسنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈندۇر. بۇنداق قوغداش ئارقىلىق كورىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى بازار ئىگىلىكى يۇتۇپ كېتەلمىدى، ئەمما كورىيە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى باھاسى خەلقارا بازاردىن ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى بوپ قالدى، شۇنداقلا كورىيە يېزا ئىگىلىكى «پارنىكتا چوڭ بولغان» بولغاچقا رىقابەت كۈچى كەمچىل بولدى.

كورېيە كاپىتالىزم يولىدا ماڭغان بولۇپ، كورېيەنىڭ ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكى كاپىتالنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندا. يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسى، ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت جەريانىدا، كاپىتال ۋە كارخانىلار يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىدى، ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنى قوغداش سىياسىتى ئاستا-ئاستا كۈچتىن قالدى، يېزا ئىگىلىكىدە بازارنىڭ بۆلۈنۈشى ۋە رىقابەت كۈچى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلدى، بولۇپمۇ ئۆزى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىپ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى، بۇنداق بولغاچقا كورىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى مۇقەررەر ھالدا چەت ئەلنىڭ تەمىناتىغا تايىنىدۇ.

كاپىتالنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان كورىيە يېزا ئىگىلىكى ئۆزىنى دۆلەتنىڭ سانائەتلىشىش تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان تايانچ كۈچكە ئايلاندۇرالماي، ئەكسىچە خەلقارا كاپىتالنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى تېز چىرىتىدىغان ئاجىز جايىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. كاپىتالنىڭ مەقسىتى پايدا قوغلىشىش بولۇپ، يېزا ئىگىلىكنىڭ مۇھىملىقى، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى ئويلاشمايدۇ. دەل شۇنداق بولغاچقا، كورېيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلىرىنىڭ چېكىنىشى كاپىتال كىرگەندىن كېيىن، تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتتى.

بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كورىيە ئىزچىل ئۆزىنىڭ يېزا ئىگىلىكى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كېيىنكى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كورىيە يەنە ئۆز يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرۈپ يەتتى: بىرىكمە تېرىقچىلىق، تۈجۈپىلەپ تېرىقچىلىق قىلىش مۇھىت مەسىلىسى كەسكىن بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، تەدرىجىي ھالدا «كەلگۈسىدىكى يۈزلىنىش» كە ئايلانماقتا. كورىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدىكى بىر نۇقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ، ئۇ بولسىمۇ دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىن ۋاز كەچمەي، ئۇنى زور كۈچ بىلەن يۆلىشى ۋە ئىسلاھ قىلىپ تۇرۇشى.

يېزا ئىگىلىك مەدەنىيىتى سانائەت مەدەنىيىتىدىن بۇرۇن بارلىققا كەلگەن، تارىختا ئىزچىل دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئىگىلىكى بولۇپ كەلگەن. پەقەت يېقىنقى زامان سانائەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئورنى ئاستا-ئاستا ئاجىزلاپ، بۈگۈنكىدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. بىراق خەلق ئۈچۈن ئاشلىق ھەممىدىن مۇھىم، يېزا ئىگىلىكى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە، كىشىلەرنىڭ قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولۇشقا چېتىلىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى جەمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا چېتىلىدۇ، بۇ ئىجتىمائىي ئاساس سانائەت مەدەنىيىتى سەۋەبىدىن ئۆزگەرگىنى يوق. بۈگۈنكى كۈندە يېزا ئىگىلىكىنىڭ GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى ناھايىتى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن بۇ يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم ئەمەس ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە، ئېلىمىز دۇچ كەلگەن بېسىم كورىيەنىڭ بېسىمىدىن ئېغىر. بىزنىڭ كورىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك كىرىزىسىدىن ساۋاق ئېلىپ، جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ماس كېلىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېپىپ چىقىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم.



【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0