
ھىندىستاننىڭ بۇ گىرىم تېخنىكىسىنى كۆرۈڭ

سىز قەيىرىڭىزگە گىرىم قىلىشنى ياخشى كۆرىسىز؟ مىجەزىڭىزدەل شۇنداق ...

A: يۈز گىرىمى
B: كىرپىك
C: لەۋ گىرىمى
D: تىرناق
A نى تاللىغانلار : سىزنىڭ تۇنجى قەدەمدە دىققەت قىلىدىغىنىڭىز يۈزىڭىز بولسا سىز بىرقەدەر ئالغا ئىنتىلىشچان ،ئىشنى ئەستايىدىل قىلىسىز ،سىھرى كۈچىڭىز بار ،نىشانىڭىزغا يىتىش ئۈچۈن توختىماي تىرىشىسىز ،مەڭگۈلۈك مۇھەببەتكە ئىنتىلىسىز ،مۇھەببەتتە ئىنتايىن ئەستايىدىل ،ھەرگىز كۆڭۈل خۇشى دەپ قارىمايسىز ،ناۋادا بىرىنى ئۇچىرتىپ قالسىڭىز ئۇنىڭ بىلەن ئائىلەقۇرۇشنى ئارزۇ قىلىسىز،يۈزىڭىزگە سۇس قىزىل رەڭدە قىلىنغان گىرىم ئاسانلا باشقىلارنى جەلىپ قىلالايدۇ .
B نى تاللىغانلار : ئەگەر سىز ئوقۇغۇچى بولسىڭىز ئىنتايىن شوخ ئۆزىڭىزگە ئىشىنىدىغان تىپقا تەۋە ،كۈلۈمسىرەپ تۇرىسىز ،ئۈمۈدۋار ،ئىش قىلغاندىمۇ تىز قىلىسىز، ھەرگىز ھورۇنلۇق قىلمايسىز ،بىراق مۇھەببەتكە بولغان تەلىپىڭىز يۇقىرى ،مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئوغۇللارنى ياخشى كۆرىسىز ھاماقەت ئوغۇللارنى كۆزگە ئىلمايسىز ،قويۇق كىرپىكىڭىز سىزنىڭ سىھرى كۈچىڭىزنى نامايەن قىلىدۇ .گىرىم جەھەتتىن قارا رەڭلىك كىرپىك لاكى ھەممىدىن بەك ماس كىلىدۇ
C نى تاللىغانلار : ئاقكۆڭۈل، كىشىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىسىز ،ئىنتايىن ئىنچىكە ھەم مۇلايىم ،كەيپىياتىڭىزغا تايىنىپ ئىش قىلىسىز ،مۇھەببەت جەھەتتىن سىز بەك كۆپ بەدەل تۆلەيسىز ھەم مۇھەببەتنى مۇھىم ئورۇندا قويىسىز ،قارشى تەرەپ ئۈچۈن كۆپ ياخشى ئىش قىلىسىز، قارشى تەرەپنىڭ رومانتىك بولۇشىنى سىزگە كۆڭلىنى بىلدۈردىغان ئىشلارنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىسىز ،كىيىم كىيىشتە قىزلارغا خاس نازاكەت بىرىدىغان كىيىملەر سىزگە ماس كىلىدۇ ،گىرىم جەھەتتىن سىزگە سۆسۈن رەڭلىك گىرىم بەكلا ماس كىلىدۇ
D نى تاللىغانلار : شوخ ھەم چىچەن ،ئەقىللىق ھەم ئىنتايىن سەزگۈر ، كاللىڭىزدا كۆپ ئاماللار بار ،يىڭىلىققا ئىنتىلىسىز ،نىمىنى ئۈگەنسىڭىز شۇنى سىناپ باقىسىز ،مۇھەببەتتە ھەمىشە يىڭىچە ھىسياتنى قوغلىشىسىز ، ئەگەر قارشى تەرەپ سىزگە يىڭىلىق ھىس قىلدۇرالمىسا ئاسانلا ئايرىلىپ كىتىسىز ،كىيىم كىيىشتە ئوتتۇراھال تىپتىكى كىيىنىش سىزگە ماس كىلىدۇ ،گىرىم قىلىش جەھەتتىن شاپتۇل چىچەك رەڭلىك گىرىم ئەڭ ماس كىلىدۇ


