
2020- يىللىق گۇاڭدوڭ تاشقى سودا ساھەسى يىل ئاخىرى يىغىلىشى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلدى.

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى -يىللىق گۇاڭدوڭ تاشقى سودا ساھەسى يىل ئاخىرى يىغىلىشى گۇاڭجۇ شىيۈ مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. شىركەت لىدىرىمىز بۈسارەم خانىم ۋە شىركىتىمىزنىڭ تاشقى سودا بۆلۈمى دىرىكتورى شى خەن خانىم بۇ يىغىلىشقا قاتناشتى.

پائالىيەت تۆۋەندىكى تەرتەرتىپتە ئېلىپ بېرىلدى..
1-سەنئەت نۇمۇرلىرى
2- كۇلۇب قۇرغۇچىسى سۆزى
3- تاشقى سودىدىكى ئۇسۇللارنى ھەمبەھىرلىنىش
4- مۇكاپاتلىق چەك تارتىش
5- سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھوزۇرلىنىش
6- تاشقى سودىغا ئائىت قانۇندىن ساۋات
7- ئاخىرقى سۆز ۋە تىلەكلەر

يىغىلىشتىن كىيىن تاشقى سودا ساھەسىدىكى باشقا شىركەتلەر بىلەن سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلدى.
سۆھبەتتە لىدىرىمىز مۇنداق دىدى:
2020 ـ يىلى ھەر ساھە ھەر كەسپ ئۈچۈن ئاپەت كۆپ، قىيىنچىلىق كۆپ بولغان بىر يىل بولدى، دۆلەتتىن كارخانىغىچە، ئاندىن شەخسلەرگىچە،بۇ يىل ھەممىسى ئومۇميۈزلۈك سىناقنى قوبۇل قىلىدىغان بىر يىل بولدى. بۇنداق ئەھۋالدا دۆلەت ئىقتىسادىدا قىسقا مۇددەتلىك قىيىنچىلىق بولىدۇ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كەسىپكارلارئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ.

كارخانىلارزاكاس ئاز بولۇش، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش تەس بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، شەخسلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ئاز بولۇش، ئۆي قەرزلىرىنى تۆلىيەلمەسلىك ، مائاش تۆۋەن بولۇش، ئائىلىنىڭ چىقىمىنى قامدىيالماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش،نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش، كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە يېتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە بولدى.شۇڭا 2020-يىل ۋەزىپە ئېغىر، ئەمما ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىلقى قىيىنچىلىق بىلەن پۇرسەت ئوخشاش تەڭ مەۋجۇت . كىشىلىك ھايات ئەسلىدىنلا ھەرزامان ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، بىز پەقەت قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان كىشىلىك تۇرمۇشنى يارىتىشىمىز كېرەك، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشكە تىرىشىشى دەل جەمئىيەتكە قوشقان ئەڭ زور تۆھپىسى.
2021-يىلى، ھەرساھەدىكىلەرنىڭ شۇنداقلا كەسپداشلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!


