
توۋتىياۋ تورى خەۋىرى :
78 ياشلىق بايدېن تارىختىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولدى، ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تۇنجى كۈنىلا قائىدىنى بۇزۇپ ئاق ساراينىڭ ئېللىپىس شەكىللىك ئىشخانىسىغا بېرىپ، 17 تۈرلۈك مەمۇرىي بۇيرۇقنى بىراقلا ئېلان قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىزنى ھەمدە پۈتكۈل ئامېرىكا خەلقىنىڭ دىققتىنى تارتقىنى بولسا يۇقۇم توغرىسىدا چۈشۈرگىنى.
بايدېن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ چۈشۈرگەن بۇيرىقى
100 كۈن ماسكا تاقاشتا چىڭ تۇرۇش
بايدېن ئىزچىل يۇقۇم توغرىسدا توختىماي تەكىتلەپ كەلگەن، ھەمدە ئۇ نۇرغۇن نۇتۇقلىرىدا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلبە قىلسىلا چوقۇم بىرىنجى بۇلۇپ بۇ توغرىسدا بۇيرۇق چۈشۈردىغانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن، شۇڭا مانا ۋەزىپگە ئولتۇرغان تۇنجى كۈنىلا ئۇ « 100 كۈن ماسكا تاقاشتا چىڭ تۇرۇش» مەمۇرىي بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى.
ئامېرىكا خەلقىگە 100 مىليون ۋاكسىنىسى تارقىتىشنى
تىرامپ ئىزچىل بەك كۆڭۈل بۆلمىگەن يۇقۇمغا قارىتا بايدېن باشقىچە كۆڭۈل بۈلۈپ كەلگەن، شۇڭا ئۇمۇ 78ياشقا كىرگەن بولسىمۇ خەلقنى ۋاكسىنا ئۇرۇشقا تىخىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆز باشچىلىق قىلىپ ۋاكسىنا ئۇرغان.
شۇڭا ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن باشلىغان 100 كۈن ئىچىدە ئامېرىكا خەلقىگە 100 مىليون دانە يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى تارقىتىشنى پىلانلىدى.
ئامېرىكا دۆلىتىگە كەلگەن ھەر بىر ساياھەتچى 7كۈنلۈك ئايرىۋىتلدۇ
ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، خەلقئارا يولۇچىلاردىن ئامېرىكىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن يەتتە كۈن ئايرىپ، ئۇچۇشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن يېڭى تاجسمان ۋىرۇسى يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى، بۇ مەمۇرىي بۇيرۇق 1-ئاينىڭ 26-كۈنى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
بۇلاردىن سىرت يەنە تىخى ئامېرىكىنى« پارىژ كىلىمات كېلىشىمى» ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق« خەلقئارا توپ» لارغا قايتۇرۇپ كەلدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، سابىق زۇڭتۇڭ ترامپ 2017-يىلى ۋە 2020-يىلى ھەرىكەت قوللىنىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ كېلىشىملەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.
بۇنىڭدىن باشقا، بايدېن يەنە ترامپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا چېگراسىدا چېگرا تېمى ياساش ھەرىكىتىنى ئاڭلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ترامپنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى قىسمەن دۆلەتلەرگە قاراتقان ساياھەت چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلدى. 