大数跨境

پىندودىدىكى نەرسىلەر نېمىشقا تاۋباۋدىنمۇ ئەرزان

پىندودىدىكى نەرسىلەر نېمىشقا تاۋباۋدىنمۇ ئەرزان EMINBIZ
2021-02-13
0

ئەگەر دۆلىتىمىز تور سودا ساھەسىدىكى بىرىنچى شەخس كىم دەپ سورالسا، جاۋابى چوقۇملا ما يۈن. «2020ـيىللىق خۇرۈن مىليادىرلار تىزىملىكى» دە، ما يۈن 400 مىليارد يۈئەنلىك بايلىق بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. ھالبۇكى، تور سودا كەسپىدە يېڭى قەد كۆتۈرۈۋاتقان چولپانلارمۇ يوق ئەمەس، مەسىلەن، پىندودونىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭ جېڭ. گەرچە ۋاڭ جېڭ ما يۈندىن 17 ياش كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ساپ بايلىقى 220 مىليارد يۈەن بىلەن مىليادىرلار تىزىملىكىدە سەككىزىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. ھازىرقى تور سودا ساھەسىدىكى بىرىنچى سەپتە ئالى گۇرۇھى، جىڭدۇڭ، پىندودودىن ئىبارەت ئۈچ كاتتىباشنىڭ ئورنىنى ھېچكىم تەۋرىتەلمەيدۇ.



ئىلگىرى كىشىلەر تور سودىسى دېسىلا، مايۈننىڭ تاۋباۋ، تىيەنماۋ ۋە ليۇ چياڭدۇڭنىڭ جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسىنى ئېسىگە ئالاتتى. خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە، ئالى بىلەن جىڭدۇڭدىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ تور سودا ماگناتى قاتتىق تۇتۇشۇپ كەلگەن. لېكىن كىم ئويلىغان دەيسىز، قىسقىغىنە ئۈچ تۆت يىل ئىچىدە، پىندودو باش كۆتۈرۈپ چىقىپ تور سودا ئۇرۇشىغا قېتىلدى ھەم بىر نەچچە يىل ئۆتمەيلا، كۆلىمى جىڭدۇڭغا يېتىشىۋالاي دەپ قالدى. تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى، پىندودونىڭ ھەر قايسى تۈردىكى تاۋارلىرىنىڭ ھەممىسى تاۋباۋدىن ئەرزان. پىندودو تاۋباۋنىڭ بازار ئۈلۈشىنى تېز سۈرئەتتە پىلە قۇرتىدەك يەپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاۋباۋنڭ ھېچقانداق قايتۇرما زەربە بېرىش كۈچى يوق.

دەسلەپتە تاۋباۋ بىلەن پىندودونىڭ ماڭغىنى ئوخشاش بىر سودا ئەندىزىسى ئەمەس ئىدى، تاۋباۋ ئاساسلىقى بىرىنچى، ئىككىنچى سەپتىكى شەھەرلەردىكى ئىستېمالچىلار توپىنى نىشان قىلغان، پىندودو بولسا ئۈچىنچى، تۆتىنچى سەپتىكى شەھەرلەردىكى ئىستېمالچىلار توپىنى نىشان قىلغان ئىدى. ئەمما پىندودو ئۈچىنچى، تۆتىنچى سەپتىكى شەھەرلەردىكى ئىستېمالچىلار توپىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، دەرھال بىرىنچى، ئىككىنچى سەپتىكى شەھەرلەرگە ھۇجۇم باشلاپ، تاۋارلارنى تۆۋەن باھادا تۆكمە قىلىپ ساتتى، بۇنىڭ بىلەن تاۋباۋ سەل پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى، ئاخىرىدا پىندودو تاۋباۋنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسىگە ئايلاندى.

نۇرغۇن تورداشلار ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ تاۋباۋنىڭ نەرسىلىرىنى بەك ئەرزان دەپ ئويلايدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان پىندودو باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، پىندودونىڭ نەرسىلىرىنىڭ تاۋباۋدىن ئەرزان ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى. دېمىسىمۇ تاۋباۋ بۇ قېتىم ھەقىقەتەن يېڭى رىقابەتچىگە يولۇقتى. كىيىم-كېچەكنى مىسالغا ئالساق، ئوخشاش بىر پاسوندىكى كىيىم-كېچەك پىندودودا تاۋباۋدىن كۆپ ئەرزان. ئۇنداقتا پىندودو تاۋار باھاسىنى قانداق قىلىپ بۇنچە تۆۋەن چۈشۈرۈپ ساتالايدۇ؟ مېنىڭچە، بۇنىڭدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئۈچ سەۋەب بار:

بىرىنچى، پىندودو بىلەن تاۋباۋنىڭ تىجارەت ئەندىزىسى ئوخشىمايدۇ. پىندودو كوللېكتىپ مال سېتىۋېلىش ئەندىزىسىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئائىلە ئەزالىرى، قوشنىلار، دوستلار، خىزمەتداشلار قاتارلىقلارنى بىرلىكتە كوللېكتىپ سېتىۋېلىشقا سەپەرۋەر قىلالايدۇ، كوللېكتىپ سېتىۋېلىشتىن پەيدا بولغان كۆلەم ئۈنۈمى تۈپەيلىدىن، تاۋارلارنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. سودىگەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، شۇنچە كۆپ ئادەم كېلىپ مال سېتىۋالغاچقا، باھانى ناھايىتى تۆۋەن قىلىپ بىكىتكەندىمۇ، ئەمما «ئاز پايدا ئېلىپ كۆپ سېتىش» ئارقىلىق يەنىلا پۇل تاپقىلى بولىدۇ.

مەسىلەن، مەلۇم زاۋۇت ئەسلىدە مەلۇم خىل تاۋارنى ئىشلەپچىقارسا، كۆپ سېتىلماي قالسا بازىرى كاساتلىشىپ كېتەتتى. لېكىن، پىندودودا بىرلىشىپ مال سېتىۋېلىشقا قويغاندا گەرچە باھانى ناھايىتى تۆۋەن قويۇش كېرەك بولسىمۇ، لېكىن تاۋارلارنىڭ ھەممىسىنى تېز سۈرئەتتە نەق پۇلغا ئايلاندۇرغىلى، نەق پۇل ئارقىلىق يەنە داۋاملىق تەكرار ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، بۇنداق ئايلانغاندا سودىگەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر يىلدا تاۋارلارنىڭ ئوبوروت قېتىم سانى كۆپ بولغاچقا، باھانى تۆۋەنرەك قويغان تەقدىردىمۇ يەنىلا پايدا ئالغىلى بولىدۇ.

ئىككىنچى، جىڭدۇڭ، ئالىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، پىندودو كېيىن يېتىلگەن ماھىرلارغا تەۋە، شۇڭا پىندودو نۇرغۇن ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغنى جەلپ قىلغان. پىندودو بۇ مەبلەغنى ئېلىپ، سودىگەرلەرگە بەلگىلىك تولۇقلىما بېرىپ، سودىگەرلەرنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكەن. قوشۇپ بېرىلىدىغان تولۇقلىما كۆپ بولغاچقا، سودىگەرلەر بۇنىڭدىن تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە تۆۋەن باھادا سېتىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ بازار ئۈلۈشىنى تېز ئىگىلىيەلەيدۇ.

ئەلۋەتتە، تولۇقلىمىنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، پەقەت پىندودونىڭ سودىگەرلىرى يېتەرلىك بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، تولۇقلىمىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، تۆۋەن باھادا رىقابەتلىشىش (ياكى سودىگەرلەرگە تولۇقلىما بېرىش چارىسى) ئارقىلىق بازارنى ئىگىلەيدۇ، بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، تولۇقلىما بېرىلمىسىمۇ سودىگەرلەر يەنىلا پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ، نېمىشقا؟ چۈنكى تاۋارنىڭ باھاسىنى ۋاقتى كەلگەندە يەنىلا سودىگەرلەر بېكىتىدۇ.

ئۈچىنچى، پىندودودىكى تۆۋەن باھانىڭ ئارقىسىدا، نۇرغۇن ساختا، ناچار مەھسۇلاتلارمۇ بار. بارلىق تاۋارلارنىڭ سۈپىتى ئەمەلىيەتتە باھاسىغا قاراپ بولىدۇ، باھاسى مۇتلەق ئەرزان، سۈپىتى مۇتلەق يۇقىرى تاۋار سېتىۋالالىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. نۇرغۇن پىندودو سودىگەرلىرى ئامبار قالدۇقىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، مەھسۇلات سۈپىتى ناچار ماللارنىڭ باھاسىنى توختىماي تۆۋەنلىتىدۇ. چوڭ شەھەرلەردىكى ئىستېمالچىلار بۇنداق بەكلا ئەرزان ماللارغا يېقىن كەلمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن ئۈچىنچى، تۆتىنچى سەپتىكى شەھەرلەردىكى ئىستېمالچىلار ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولمىغاچقا، بۇنىڭ ساختا، ناچار تاۋار ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا سېتىۋېلىپ ئىشلىتىدۇ. ئۇلار ئىشلەتكىلى بولسىلا بولدى دەپ ئويلايدۇ، مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ. تاۋباۋنىڭ ساختا، ناچار تاۋارلارغا زەربە بېرىش سالمىقى بىر قەدەر چوڭراق، پىندودونىڭ ئاجىزراق، شۇڭا پىندودودا ساختا، ناچار تاۋارلار بىر قەدەر كۆپ، باھاسى تاۋباۋدىن تۆۋەن بولىدۇ.

يىغىنچاقلىساق، پىندودىدىكى نەرسىلەر نېمىشقا تاۋباۋدىنمۇ ئەرزان بولىدۇ دېگەندە ئاساسلىقى پىندودو بىرلىشىپ مال سېتىۋېلىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، تاۋارلارنى تېخىمۇ چوڭ باھا تۆۋەنلەش بوشلۇقىغا ئىگە قىلغان، تاۋباۋ سودىگەرلىرى بولسا يەككە پارچە سېتىشنى ئاساس قىلىدۇ، باھاسى كۆپ چۈشمەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا پىندودو نۇرغۇن مەبلەغ جەلىپ قىلغان بولۇپ، بۇ مەبلەغنى ئىشلىتىپ سودىگەرلەرگە تولۇقلىما بېرىپ، ئۇلارنى تۆۋەن باھادا تۆكمە قىلىپ سېتىشقا ئىلھاملاندۇرغان. تېخىمۇ مۇھىمى، پىندودودا ساختا، ناچار تاۋارلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا مەلۇم جەھەتتىن يول قويغان. ناچارنى ياخشى قىلىپ كۆرسەتكەندە، تىجارەت تەننەرخىنى ئەلۋەتتە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 307
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读282
粉丝0
内容307