


مىھمان بۇلۇپ كەلگەن بۇ ھاياتتا ھەر قانداق بىر ئادەم بىلەن ياخشى ئۆتكۇم بار، ھەر قانداق بىر كۈڭۈل ئاغرىقلىردىن يىراق تۇرسام دەيمەن. ھىچكىمنىڭ دىلىغا ئازار بەرگىم يوق، مۇمكىن بولسا ماڭىمۇ ئازار بەرمىسىكەن دەيمەن .

ئۆتۈپ بولغان مەن
چاقچاق كۆتۈردىغان چاغلاردىن
نىمە دېسە ھە دەپ ئىچىگە يۈتىۋىتىدىغان ھاللاردىن
مەن ئۆتۈپ كەتكەن
ئىچىمدىكى ئىچىمگە توشۇپ كەتكەن
تېشىپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى تۇتۇپ - تۇتۇپ ماڭغان مەن
غورۇرۇمنى چېكىپ باقماڭلار
زىتىمغا تېگىپ باقماڭلار
تاقىتىمنى سىناپ باقماڭلار
قاراشلىرىڭلاردا
سۆزلەشلىرىڭلاردا
قەدەملىرىڭلاردا
مەن بىلەن چېقىشىپ باقماڭلار
ئايالمىغان مىسكىن كۆڭۈلنى، ئايايدىغان يىللارغا كەلدۇق!! ……… !

قان قۇسساڭمۇ بايام ئانار يىگەن دەپ ياشا،
چۈنكى سىېنىڭ ئاشۇ ئازاپلىرىڭدىن خۇشاللىق ئىزدەيدىغانلار ئاز ئەمەس .




