
ژۇرنال مۇقاۋىسى ئىزچىل مودا چەمبىرىكىنىڭ فىليۇگېرى يەنى يۆلىنىش كۆرسەتكۈچى. يېقىندا، ھەر قايسى چوڭ ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋىسىمۇ بىر-بىرلەپ ئېلان قىلىندى.

كورىيە نۇسخىسىدىكى«Vogue» دېگەن ژۇرنال سۇڭ خۇيچياۋنى تەكلىپ قىلىپ تۇرمۇشقا بولغان پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى،

ئەنگىلىيە نۇسخىدىكى« مودا بارشا» بولسا داڭلىق چولپان بىئاڭسىنى تەكلىپ قىلدى.

ھالبۇكى، بىر توپ كۆركەم مۇقاۋا ئىچىدە، بىر گۇرۇپپا كونىلىققا قايتىش شامىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. قارىماققا ماي بوياق رەسىمدەك سۈپەت تۇيغۇسى ئىنتايىن نەپىس بولۇپ، ئادەمنى خۇددى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىگە كەلگەندەك ھېس قىلدۇرىدۇ، ئەمما بۇ خىل گۈزەللىكتە بىرەر نەرسىنى بايقىدىڭىزمۇ؟


ئىنچىكىلىك بىلەن قارىغاندىن كېيىن، مودېلنىڭ ئۇچىسىدىكى ھەشەمەتلىك كىيىملەرنىڭ ھەممىسى پارچىلانمايدىغان، يىغىۋالغىلى بولمايدىغان سۇلياۋ، كۆپۈكتىن ياسالغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ گۇرۇپپا مۇھىت ئاسراش بىلەن مودا ئېستېتىكا بىرلەشتۈرۈلگەن لاھىيەنى گوللاندىيەلىك سەنئەتكار Suzanne Jongmans پىلانلىغان بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى ئويغىتىشنى ئۈمىد قىلغان.

بەلكىم سىلەرمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇھىت ئاسراشنىڭ يېڭى ئېقىمغا ئايلانغانلىقىنى بايقىغان بولۇشى مۇمكىن. ھەر قايسى چوڭ ماركىلار ئۆزىنىڭ مۇھىت ئاسراش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى Iris van Herpenنىڭ 2021 -يىللىق كۈز ۋە قىشتىكى« Earthrise» يۈرۈشلۈكى.

كىيىم-كېچەك ماتېرىياللىرى دېڭىز-ئوكيان مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى چىقارغان Ocean Plastic يىپ رەختى (يىغىۋېلىنىپ تاشلىۋېتىلگەن دېڭىز-ئوكيان ئەخلەتلىرىدىن ياسالغان). زامانىۋى قىرقىش ھۈنەر ـ سەنئىتى ئارقىلىق «يېشىل» مودا ھېكايىلىرىنى بايان قىلىپ، چىرايلىق، نەپىس، خىيالىي تۇيغۇغا چۆمگەنىدى.
مودا چەمبىرىكىدىن باشقا مۇھىت ئاسرايدىغان بۇ يېڭى كەيپىيات تېخىمۇ كۆپ ئىجادىيەت ۋە تۇرمۇش شەكلىنى بارلىققا كەلتۈردى. ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كىشىلەر ئۆز كۈچى بىلەن مۇھىت ئاسراش ئۇقۇمىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.
ئەخلەت پەيدا قىلىدىغان باش جىنايەتچى« زىيادە ئوراپ قاچىلاش» نى ئېلىپ ئېيتساق، بەزىدە كىشىلەر مۇھىت ئاسراشنى قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەي قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنى كۆرگەن لايىھەلىگۈچىلەر ھەرخىل ئاماللارنى ئويلاپ چىقتى: « ئوراشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئۇنداق بولسا ئورالمىنى يەۋېتەيلى! »

ئەنگىلىيەلىك سىتودىنتلار كەشىپ قىلغان Ooho يېيىشكە بولىدىغان سۇ خالتىسى يېڭى تىپتىكى يېشىل ئورالما. ئۇ تەبىئىي دېڭىز يۈسۈنىدىن ئېكستراكتلاپ ئېلىنغان شار يۈزلۈك نېپىز پەردە بولۇپ، سۇنى ئىچىپ بولۇپ پۈتۈن شارچىنى ئىچىۋېتىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ خىل سۇ خالتىسى ھازىر بىر قېتىملىق ئىستاكاننىڭ ئورنىنى ئېلىپ، مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.

جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە تورنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بەزى مۇھىت ئاسرايدىغان، تۆۋەن كاربونلۇق ھەرىكەتلەرنىڭ بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدا بىزنىڭ ئادىتىمىزگە ئايلىنىۋاتىدۇ.
يېقىندا مىكرو بىلوگ تېمىسى يېشىل تۇرمۇش ئۇسۇلى رەسىملىك چۈشەندۈرۈلۈشىدە تورداشلار نۇرغۇن يېشىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئورتاقلاشتى. بىز چىقىمدان ئارقىلىق كودنى سىكاننېرلاپ چىقىم قىلىش، كودنى سىكاننېرلاپ زاكاس بۇيرۇش، توردىن بېلەت سېتىۋېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە قەغەز ۋە بايلىقنىڭ ئىسراپ بولۇشىنى ئازايتالايمىز.
ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان تور مۇلازىمىتى ئارقىلىق تۇرمۇش ھەققى تاپشۇرۇش، توردا بېجىرىش قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىش، سىرتقا چىقىشنى ئازايتىشمۇ بىر خىل يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەم ئېنېرگىيە تېجەيدىغان يېشىل تۇرمۇش ئۇسۇلى.

تۇرمۇشتا بىز مەقسەتلىك ھالدا ھازىر بار بولغان مەھسۇلات، لايىھە، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاللىغاندىن باشقا، يەنە ئەتراپىمىزدىكى قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، تۆۋەن كاربونلۇق مۇھىت ئاسراشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، بايلىق ئىسراپچىلىقىغا تاقابىل تۇرالايمىز.

مەسىلەن، بىكار تۇرغان بۇيۇملاردىن تەكرار پايدىلانغاندا، تۇرمۇشنى تۆۋەن كاربونلۇق ھەم رەڭدار قىلغىلى بولىدۇ. بىكار تۇرۇپ قالغان نەرسىلەرنى سېتىش سودىسىنى تىلغا ئالغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر نىمكەش ماللارنى ئىشلەتكەندە يۈزى چۈشۈپ كېتىشتىن ئەنسىرەيدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە 20-ئەسىردىلا، « نىمكەش مەدەنىيەت» كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. بولۇپمۇ مودا شەھەر پارىژدا، نىمكەش ماللار بازىرى ئىزچىل قاينام تاشقىنلىققا تولغان جاي. ھەتتا كوچىلارنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، نۇرغۇن ياشلار بەس ـ بەستە: « مەن ئەزەلدىن نام ـ ئاتاقنى قوغلاشمايمەن، مەن نىمكەش نەرسىلەرنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمەن!»دىيىشىدۇ.

Sociovisiion نىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، % 60 فىرانسىيەلىكلەر نىمكەش مال سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. بىكار تۇرۇپ قالغان نەرسىلەرنى سېتىش ئارقىلىق نۇرغۇن كۈندىلىك چىقىمنى تېجەپ، كونا نەرسىلەرنى يىغىۋېلىش ۋە ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى يېڭى قىممەتكە ئىگە قىلىپلا قالماستىن، ئوخشاشلا ئىسراپچىلىقنى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى بولىدۇ.

ھازىر دۆلەت ئىچىدىمۇ كۆپچىلىكنى بىكار تۇرۇپ قالغان نەرسىلەرنى سېتىش ۋە ئوبوروت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرماقتا. ئىنتېرنېت تورىنىڭ تۈرتكىسىدە، شيەنيۈ قاتارلىق سۇپىلارمۇ مەيدانغا كېلىپ، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى قاپلاپ، كىشىلەرنى يېشىل ئىستېمال ئىدىيەسىنى تېخىمۇ تېز، قولايلىق ئىزچىللاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بەزىدە بىكار تۇرۇپ قالغان نەرسىلەرنى سېتىش سودىسىنى قىلغاندا، مەسلەكداش دوستلار بىلەن تونۇشۇش بىر ئىشتىن كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىق بولىدۇ.

بۇ چاغدا، « ھوللېۋودتىكى داڭلىق مۇھىت ئاسراش چولپانلىرىمۇ» بىكار تۇرماي، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، كۆپچىلىككە مۇنداق مۇراجىئەت قىلدى: « كۈندىلىك سەپەرگە چىققاندا راھەت ھەم تۆۋەن كاربونلۇق ئۇسۇلنى تاللاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ». ئۇلار ھەممىسى ئىسسىقلىق ساقلاش ئىستاكانى ئېلىپ يۈرۈيدىغان بولۇپ، ھوللېۋودتىكى چولپانلارنىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمىسى بولۇپ قالدى.

ئوۋرۇي ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ« يەر شارى بويىچە ئوراپ قاچىلاش يۈزلىنىشى» دوكلاتىدىكى مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، 2021- يىلى 580 مىلياردتىن ئارتۇق سولياۋ بوتۇلكا ئەخلەت مەيدانىغا تاشلىۋېتىلىدىكەن.

« ھوللىۋود پۇل بېسىش ماشىنىسى» دەپ ئاتالغان ئىلزابىت ئولسېنمۇ مۇھىت ئاسراش خالتىسى ئېشلىتىپ، ئۇنى سىرتقا چىقىشتا كەم بولسا بولمايدىغان يەككە بۇيۇم دەپ قارىغان.

بۇنىڭدىن سىرت، مارى كەيت ئولسېن يەنە« يېشىل گىلەم» ھەرىكىتىنى قوزغاپ، چولپانلارنى يېشىل سەپەرگە چىقىشقا چاقىردى. تۈرلۈك قىزىل گىلەم، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا ئىمكانقەدەر تۆۋەن بۇلغىمىلىق ئاپتوموبىل ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئۈچۈن بىرلىكتە تۆھپە قوشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، «يېشىل» سەپەرگە چىقىش چولپان، داڭلىق شەخسلەر ئارىسىدىكى كۆڭۈلگە ياقىدىغان سەپەرگە چىقىشنىڭ يېڭى كەيپىياتىغا ئايلاندى. leo,Taylor لارمۇ « ۋېلىسىپىت»لىك يول يۈرىدىغان بولۇپ، مۇھىت ئاسراش، بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە پايدىلىق.

يەنە كىنۇلىۋېس، دوۋسېنغا ئوخشاش مېتروغا چىقىدىغان چولپانلارمۇ بار، ھازىر ئاممىۋى قاتناش قورالى چولپانلار ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغا جاي بولۇپ قالدى. ھەممىسى تۆۋەن كاربونلۇق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئورتاق ماكانىمىزنى قوغداۋاتىدۇ.


تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، ئەگەر ھەممىمىز تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش، تۆۋەن كاربونلۇق سەپەرگە چىقىپ، ئازراق يېشىل ئېنېرگىيە تەقدىم قىلساق، بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟

ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى روشەن، تېز يوللانما قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تېز يوللانما قۇتىسىنى تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىگە قايتۇرۇپ بەرگەندە، كىچىككىنە بىر ئىش بايلىق ئىسراپچىلىقىنى ئازايتىدۇ؛ خىزمەت ئىزدىگەندە تەرجىمىھالنى A4 قەغەزگە بېسىپ چىقارغاندىن ئېلېكتىرونلۇق تەرجىمىھالنى ئىشلەتسەك ھەم قەغەزنى تېجەيدۇ، ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق بولىدۇ؛ ئادەتتە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاز ئېچىپ، بىر سولياۋ خالتىنى ئاز ئىشلەتسەك... پەقەت ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ «يېشىل» كۈچىنى ئازراق تەقدىم قىلسىلا، دۇنيادا زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. 

