
دۇنياۋى يۇقۇم، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ پۇلنى كۆپلەپ بېسىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئۆتكەن يىلى دۇنيادا ئاشلىق باھاسى %20 ئۆستى. قىسمەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 ئاشتى. خەلقئارا كۆممىقوناقنىڭ باھاسىنى مىسالغا ئالساق، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45 ئاشتى، خەلقئارا ئاق قوناقنىڭ باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %80 ئاشتى. بۇ نۇرغۇن جۇڭگولۇقلارنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى، جۇڭگودا 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇس بار، ئاشلىققا بولغان ئېھتىياج ئەسلىدىنلا ناھايىتى زور، ئەگەر خەلقئارا ئاشلىق باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلەپ كەتسە، دۆلەت ئىچىدىكى ئاشلىق باھاسى تەڭلا ئۆسۈپ كېتەرمۇ؟
ئەمەلىيەتتە، كۆپچىلىكنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىشىمۇ ئاساسسىز ئەمەس. ھەممىگە مەلۇمكى، ئارگېنتىنا ئىزچىل دۇنيانىڭ ئاشلىق ئامبىرى دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن، ھەر يىلى نۇرغۇن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئېكسپورت قىلاتتى. ھازىر ئارگېنتىنانىڭ ئاشلىق ۋە گۆش مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتتى، ئېكسپورتتا تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە يارىتىپلا قالماستىن، بەلكى دۆلەت ئىچىدىكى مېۋە-چېۋە، كۆكتات، گۆش تۈرلىرىنىڭ باھاسىدىمۇ زور دەرىجىدە ئۆسۈپ كەتتى. بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە رۇسىيە، بىرازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئاشلىق، كۆكتات، گۆشنىڭ باھاسىمۇ خەلقئارا ئاشلىق باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ماس قەدەمدە ئۆرلىدى.
ئېلىمىز 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ 2021-يىلى دۆلەت ئىچىدىكى ئاشلىق باھاسىدا زور دەرىجىدە ئۆسۈش كۆرۈلىدىغان-كۆرۈلمەيدىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ئاساسسىز ئەمەس. مېنىڭچە، دۆلەت ئىچىدە ئاشلىق باھاسى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ياكى خەلقئارا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا، مەلۇم دەرىجىدە داۋالغۇش بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئاشلىق باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلەپ كەتمەيدۇ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەب بار:
بىرىنچىدىن، ئېلىمىزنىڭ ئاشلىقى ئۆزىنى ئۆزى قامداش ئېھتىياجىنى تامامەن قاندۇرالايدۇ، شۇڭا خەلقئارا ئاشلىق باھاسىنىڭ بەك چوڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى ئۇدا ئالتە يىل 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى بولغان، ئەڭ قىيىن بولغان 2020-يىلىمۇ، ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى ئوخشاشلا 1 تىرىليون 340 مىليارد جىڭغا يەتكەن. ئەگەر ھەربىر ئادەمگە چېچىلسا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق مىقدارى 470 كىلوگىرامغا يېتىدۇ، بۇ خەلقئارا ئاشلىق بىخەتەرلىك ئۆلچىمىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان 400 كىلوگىرامدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە، ئاشلىق باھاسى ئۆرلەپ كېتىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس.
ئىككىنچى، خەلقئارادا كۆممىقوناقنىڭ باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45 ئاشقان ۋاقىتتا، دۆلەت ئىچىدىكى كۆممىقوناقنىڭ باھاسى يەنىلا مۇقىم تۆۋەنلىدى. 2020-يىلى دۆلەت كۆممىقۇناق بازىرىدىكى ئامبار قالدۇقىنى ئازايتىپ، كۆممىقۇناققا بېرىلىدىغان تولۇقلىمىنى ئازايتىپ، تولۇقلىمىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن سېرىق پۇرچاق تېرىشقا قاراتتى. كۆممىقوناق بىلەن تەمىنلەشتە، دۆلىتىمىز ئىمپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇش، باشقا ئامبارلارغا سېلىش ئارقىلىق كۆممىقوناق زاپىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، كۆممىقوناق باھاسىنى تەڭشىدى. نۆۋەتتە، گەرچە خەلقئارادا كۆممىقوناقنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت ئىچىدىكى كۆممىقوناقنىڭ مەھسۇلات مىقدارى بىر قەدەر مۇقىم بولۇپ، زور دەرىجىدە ئۆرلەش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە باھاسى تۆۋەنلەشكە يۈزلەندى.
ئۈچىنچى، خەلقئارادا ئاشلىق باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلەپ كېتىشى دۆلەت ئىچىدە ئالدىن مۆلچەرلەنگەن، مەيلى ئادەتتىكى پۇقرالار بولسۇن ياكى ۋاستىچى سودىگەرلەر بولسۇن، ھەممىسى مەلۇم مىقداردا ئاشلىق ساقلىغان. بولۇپمۇ ئاشلىق پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى بۇلتۇردىن باشلاپ ئامباردىكى ئاشلىقنى كۆپەيتكەن. شۇڭا، ھازىر نۇرغۇن ئاشلىق يەنىلا ئارىلىقتىكى ھالقىدا تۇرىۋاتىدۇ، خەلقئارادا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى دۆلەت ئىچىدىكى ئاشلىق باھاسىغا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە ئامباردا ساقلىنىۋاتقان ئاشلىقنىڭ مىقدارىدىن قارىغاندا، زاپاس ئاشلىقنى ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ، 1 مىليارد 400 مىليون ئاھالىنىڭ ئىككى يىل يېيىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا، خەلقئارادا يۈز بەرگەن ئاشلىق قەھەتچىلىكى دۆلەت ئىچىدىكى ئاشلىق بازىرىغا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.
يىغىنچاقلىساق، ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ، خەلقئارا ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى %20 تۆۋەنلەپ، خەلقئارا ئاشلىق باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ھەتتا دۇنيادىكى ئاساسلىق ئاشلىق ئېكسپورت قىلىدىغان ئارگېنتىنا، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئاشلىق باھاسى ئۆرلەپ كەتتى. بۇنىڭغا قاراپ نۇرغۇن كىشىلەر ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق باھاسىدا زور دەرىجىدە ئۆرلەش كۆرۈلەمدۇ-يوق، دەپ ئەندىشە قىلىشتى. مېنىڭچە، دۆلەت ئىچىدە ھازىر ئاشلىقتىن ئۇدا مول ھوسۇل ئېلىندى، ئاشلىقنىڭ ئامباردا ساقلىنىشىمۇ ئىنتايىن يېتەرلىك، قىسقا مۇددەتلىك ئاشلىق باھاسىدا ئازراق داۋالغۇش بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك دۆلەت ئىچىدىكى ئاشلىق باھاسى يەنىلا مۇقىم بولىدۇ. ئاشلىق يەنىلا ھەممىنىڭ ئاساسى، ئاشلىق باھاسى مۇقىم بولسىلا، مەملىكەت ئىچىدىكى مال باھاسىمۇ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولىدۇ.

