
قايغۇ
نىزار قەببانى
مۇھەببىتىڭ ماڭا قايغۇرۇشنى ئۆگەتتى
ئەسىرلەردىن بۇيان مۇھتاجمەن
مېنى قايغۇغا سالىدىغان ئايالغا
قۇشلاردەك بىلىكىدە يىغلايدىغان ئايالغا
خۇددىي ئەينەك پارچىلىرىنى يىققاندەك
پارچىلىرىمنى يىغىدىغان ئايالغا
***
مۇھەببىتىڭ ماڭا
ئەڭ ناچار ئادەتنى ئۆگەتتى
ئىستاكانىمنى بىر كېچىدە مىڭ قېتىم ئېچىشنى
ۋە ئەڭ خۇش پۇراق ئەتىرلەرنى ئىشلىتىشنى
ئۆيدىن چىقىپ پىيادىلەر يولىنى تاراشنى
سىمايەڭنى يامغۇردا ئىزدەشنى
ماشىنا چىراغلىرىدا
ۋە چۈشلىرىمدە سېنى قوغلاشتى
ھەتتاكى
ئېلان قەغەزلىرىدە...
***
مۇھەببىتىڭ مېنى
قايغۇ شەھەرلىرىگە ئېلىپ كىردى
سەندىن ئىلگىرى مەن قايغۇ شەھەرلىرىگە كىرىپ باقمىغان
مەن ئەزەلدىن بىلمەيتتىم
ئىنساننىڭ قايغۇردىغانلىقىنى
قايغۇسىز ئىنساننىڭ
ئىنساننىڭ ئەسلىمىسىلا ئىكەنلىكىنى
***
مۇھەببىتىڭ ماڭا
بالىلاردەك ئويناشنى
يۈزىڭىنى سىزىشنى
تاملارغا جىجىلاشنى ئۆگەتتى
مۇھەببىتىڭ ماڭا
مۇھەببەتنىڭ ۋاقىت خەرىتىسىنى قانداق ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئۆگەتتى
مۇھەببىتىڭ ماڭا
ئاشىق بولغىنىمدا
يەر شارىنىڭ ئايلىنىشتىن قانداق توختايدىغانلىقىنى ئۆگەتتى
ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى
ھېچقاچان ئويلاپ باقمىغان
***
مۇھەببىتىڭ ماڭا
بارچە نەرسىلەردە سېنى قانداق سۆيۈشنى ئۆگەتتى
يالىڭاچ دەرەخلەردە
سېرىق يوپۇرماقلاردا
يامغۇرلۇق ھاۋارايىدا
كۈچلۈك بوراندا
ئەڭ كىچىك قەھۋەخانىدا
ھەر كۈنى كەچتە قارا قەھۋەيىمىزنى ئىچىدىغان
مۇھەببىتىڭ ماڭا
ئۇخلاشنى ئۆگەتتى
نامسىز مېھمانخانىلاردا
ئىسمى يوق قەھۋەخانىلاردا
مۇھەببىتىڭ ماڭا
غېرىپلەرنىڭ قايغۇسىنى كېچنىڭ قانداق كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئۆگەتتى
مۇھەببىتىڭ ماڭا
يىغلىماي تۇرۇپ يىغلاشنى ئۆگەتتى
ئۇ ماڭا قايغۇنىڭ قانداق ئۇخلايدىغانلىقىنى ئۆگەتتى
پۇتى سۇنۇپ كەتكەن بالىدەك
***
مۇھەببىتىڭ ماڭا قايغۇرۇشنى ئۆگەتتى
ئەسىرلەردىن بۇيان مۇھتاجمەن
مېنى قايغۇغا سالىدىغان ئايالغا
قۇشلاردەك باغرىدا يىغلايدىغان ئايالغا
خۇددىي ئەينەك پارچىلىرىنى يىققاندەك
پارچىلىرىمنى يىغىدىغان ئايالغا


