
گۈللۈكتىكى ئۈچ گۆھەر، ئەتىرگۈل، ماڭدار، گۈلچىمەن نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان گۈل ـ گىياھ، مەيلى بالكونغا ياكى گۈللۈككە تىكىلسۇن، ئۈچى ماسلاشقان، بىللە تېرىلسا گىرەلىشىپ، سوغۇق ۋە ئىللىق رەڭلەر بىر ـ بىرىنى تولۇقلايدۇ، تاماشا قىلىش قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، ھويلىغا تېرىپ گۈللۈك بىللە كۆرۈپ باقايلى!
گۈللۈكتىكى ئۈچ گۆھەر
ئەتىرگۈل، ماڭدار، گۈلچىمەندىن ئىبارەت ئۈچ خىل گۈل ماسلاشتۇرۇلسا ئىنتايىن ماسلىشىدۇ، ئەتىرگۈل ئېگىز جايدا بولۇپ، گۈللۈكنىڭ كۆرۈش ئېگىزلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، گۈلچىمەن ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن قەۋەتتە، ماڭدار پېلەكلىك گۈلگە تەۋە بولۇپ، بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ، ئۈچىنىڭ رەڭگىمۇ ناھايىتى ماسلاشقان، ئوخشاش بولمىغان رەڭ گۈللۈكنى رەڭدار تۈسكە كىرگۈزىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چېچەكلەش مەزگىلى ئوخشاش بولمايدۇ، گۈللۈكتىكى گۈللەرئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.



ئەتىرگۈل
ئەتىرگۈل گۈلنىڭ خانىشى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، گۈل ـ گىياھلار ئىچىدە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن گۈل ـ گىياھ، ئۇنىڭ تۈرى كۆپ، رەڭگى مول، گۈل شەكلى كۆركەم ۋە يارىشىملىق بولۇپ، ئەتىرگۈلنى ئەڭ گۈزەل دېيىشكە بولىدۇ.
بالكوندا گۈل ھەۋەسكارلىرى چاتقال ئەتىرگۈلنى، ھويلىدا باققاندا چوڭ تىپتىكى پېلەكلىك ئەتىرگۈلنى تاللىسا بولىدۇ، گۈل ئېچىلغاندا، ئۆينى باشقىچە تۈسكە كىرگۈزىدۇ.


چاتقال ئەتىرگۈلنىڭ ئوخشىمىغان تۈرلىرى بار، گۈل ھەۋەسكارلىرى ئەمەلىي بوشلۇقنىڭ چوڭ ـكىچىكلىكى، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش كۈچىنى ئاساس قىلىپ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان سورتلارنى تاللىسا بولىدۇ، نۇرغۇن چاتقال ئەتىرگۈل چوڭ، رەڭگى چىرايلىق، مەززىلىك پۇراق بار، بالكوندا ئوخشاشلا تەشتەككە پاتمىغىدەك ئايناتقىلى بولىدۇ، ئەگەر بالكون بولسا، تېخىمۇ ئاسان باققىلى بولىدۇ.


پېلەكلىك ئەتىرگۈل سۈنئىي ئۇسۇلدا تارتىلىدۇ، شاخلارنىڭ بەزىلىرى قاتتىقراق، بەزىلىرى يۇمشاقراق بولۇپ، ئەتىرگۈل تېمى، ئەگمە ئىشىك، گۈل تۈۋرۈكى ياسىغىلى بولىدۇ، ئېچىلىدىغان گۈل مىقدارى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئېچىلغاندا ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پېلەكلىك ئەتىرگۈل تىكىپ ئۆستۈرۈلىدۇ، بېقىش ئىنتايىن ئاددىي. ۋىستېرىيە چاتقىلىنىڭ ئىچىدىكى ھالرەڭ ياقۇت ئىنتايىن كىلاسسىك سورت.


ھويلىسىغا بىر تۈپ ئەتىرگۈل تېرىساق، گۈل ئېچىلغاندىن كېيىن شۇنچىلىك چىرايلىقلىشىپ كېتىدۇ، داچىغا ئۇتتۇرۇپ قويمايدۇ، ئەجىبا بۇنداق گۈل بېقىش ئادەمنى خۇمار قىلمايدۇ؟


دەرەخسىمان ئەتىرگۈلمۇ مۇشۇيىللاردىكى ئىنتايىن تالاشتا قالغان سورت بولۇپ، ئۇلاش، چاتاش ئارقىلىق ساپاقلىق كەمپۈتنىڭ شەكلىگە يەتكىلى بولىدۇ، گۈل ئېچىلغاندا، خۇددى بىر چوڭ گۈللۈك شارچىغا ئوخشايدۇ، ئىنتايىن چىرايلىق
گۈلچىمەن
گۈلچىمەن باش يازدا ئېچىلىدۇ،گۈللەر چىرايلىق ئېچىلىدۇ، گۈلچىمەن ناھايىتى نەپىس، ئېچىلسىلا بىر چوڭ گۈل توپىغا ئايلىنىدۇ


گۈلچىمەن گۈللۈكتە كەمبولسا بولمايدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇ سوغۇققا ناھايىتى چىداملىق، جەنۇب ۋە شىمالنىڭ ھەممىلا يېرىگە تىككىلى بولىدۇ، تۈرى كۆپ، رەڭگى ئوچۇق ۋە چىرايلىق، تۇتاش كەتكەن يەرلەرگە تىككەندە گۈل دېڭىزى ھاسىل قىلىپ، ھەيۋەتلىك مەنزىرە ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.


گۈلچىمەن گۈل مىقدارى كۆپ، چېچەكلەش مەزگىلى ئۇزۇن، بۇ خىل يېڭى شاختا چېچەكلەيدىغان گۈلچىمەنلەر بارغانسېرىدوستلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەكتە. گۈلچىمەننى مەيلى بالكونغا تىكىلگەن بولسۇن ياكى ئىشىك ئالدىدا بولسۇن، ناھايىتى ئاسانلا گۈزەل مەنزىرە رايونى بولۇپ قالىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا گۈلچىمەننىڭ تۈپ شەكلى ئېگىزرەك، چىرايلىق، سوغۇققا چىدايدۇ، تاماشا ئۈنۈمى يۇقىرى
ماڭدار
ماڭدار سوغۇققا چىداملىق، شۇنداقلا جەنۇب ۋە شىمالدا ئۆستۈرگىلى بولىدىغان گۈل ـ گىياھ، ماڭدارنىڭ پېلەك خانىشى دەپ نامى بار، ئۇنىڭ چىرايلىق نامى، غولى ئىنچىكە بولۇپ، چىرايلىق ئېچىلىدۇ. چېچەكلەش مەزگىلىدە چېچەكلەر كۆپ بولۇپ، كېسەللىك ۋە ھاشارەت زىيىنى ئاز بولىدۇ، پەرۋىش قىلىش بىرقەدەر ئاددىي بولىدۇ، ئەگەر گۈل ئۆستۈرگۈچىلەر پېلەكلىك گۈلنى ياخشى كۆرسە، ماڭدارئويلىشىشقا تېگىشلىك سورتلارنىڭ بىرى.

ماڭدار كۆك، بىنەپشە، ئاق قاتارلىق سوغۇق رەڭلەرنى ئاساس قىلىدۇ، ۋە ئەتىرگۈلنىڭ قىزىل، ھال رەڭ، سېرىق قاتارلىق ئىللىق رەڭلەر ماسلاشتۇرۇپ گۈللۈكنىڭ رەڭگىنى تېخىمۇ رەڭدار قىلغىلى بولىدۇ.
ماڭدارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، سورتىمۇ كۆپ، ماڭدارنى بالكونغا تىككىلى بولىدۇ، تىرەك سىمغا يامىشىپ ئۆسىدۇ، گۈل ئېچىلغاندا، ئادەمنى ھەيران قالدۇرامدۇ؟


