大数跨境

بىر تال تۇخۇم بىلەن قورۇق يوقىتىش ئۇسۇلى

بىر تال تۇخۇم بىلەن قورۇق يوقىتىش ئۇسۇلى EMINBIZ
2021-02-07
1


گۈزەل بولۇش مەڭگۈ چىكى يوق قىيىن بىر سۇئال . بىراق بۇ بىر نەچچە خىل ئاددىي ئۇسۇللار سىزنىڭ بىر پۇڭ خەجلىمەي يۈزىڭىزدىكى ھەر خىل تېرە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىڭىزغا ياردەم بىرىدۇ . 

نۇرغۇن ئاياللار گۈزەل بولۇش ئۈچۈن چوقۇم قىممەت باھالىق گىرىم بويۇملىرىنى  ئىشلەتسە ئاندىن ئۈنۈمى بولىدۇ دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە چىرايلىق بولۇش بەدەن ۋە يۈز قىسمىنىڭ ئۇنۋىرسال تەڭشىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . بۇ تەبىئىي بولغان ماتىرياللاردىن پايدىلىنىپمۇ قىممەت باھالىق گىرىم بويۇملىرى ئىشلەتكەندىن ياخشىراق ئۈنۈمگە ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن . 

   كۆز ئەتراپىدىكى قورۇقلارنى يوقىتىش . 

كۆز ئەتراپىدىكى قورۇقلارنى يوقىتىشتا مايسىزلاشتۇرۇلغان سۈتتىن پايدىلىنىپ كۆز قىسمىنى ئۇۋلاپ بەرسەك بولىدۇ . 

سۈت تەركىبىدە مول بولغان گىلىتسىرىن ۋە ھەر خىل ۋىتامىنلار بار بولۇپ تەبىئىي بولغان نەملىك ساقلاش ۋە ئىلاستىكىلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولى بار . بولۇپمۇ مايسىزلاشتۇرۇلغان (قايمىقى سۈزۈۋىلىنغان ) يىڭى سۈت تېرىگە ئاسانلا سۈمۈرىلىدۇ . مايسىزلاشتۇرۇلغان سۈتنى توڭلاتقۇدا  سوۋۇتۇپ كۆز ئەتراپىغا سۈرۈپ بەرگەندە كۆز خالتىسى ، كۆز ئەتراپىدىكى ئۇششاق قورۇقلارنى يوقىتىشتا بەلگىلىك ئۈنۈمى بولىدۇ . بىراق سۈرۈپ 15-20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كىيىن يەنە يۇيۋىتىشىڭىز كىرەك . 

ئىشلىتىش ئۇسۇلى : مايسىزلاندۇرۇلغان سۈتنى توڭلاتقۇغا سىلىپ سوۋۇتۇپ گىرىم پاختىسى ياكى گىرىم پىلتىكۈچى ئارقىلىق كۆز ئەتراپىدىكى تېرىلەرگە سۈرلەپ بارمىقىمىز ئارقىلىق يىنىك ئۇۋلاپ بەرسەك بولىدۇ . 

2. ئالدى بىلەن كۆز مۇسكۇللىرىنى ئەركىن قويۇۋىتىپ قاڭشار تەرەپنى يىنىك ئۇۋلاش كىرەك . ئىككى قاش ئوتتۇرىدىكى ئويمان يەر ( كۆز پەللىسى ) نى ئىككى بارماقنى جۈپلەپ كۈچەك باسىمىز . 

3. كۆرسەتكۈچ بارماق ۋە باش بارماق ئارقىلىق قاشنىڭ ئىككى تەرىپىنى يىنىك چىمدەپ پىشانە ۋە كۆز ئەتراپىدىكى مۇسكۇللارنى بوشىتىپ مۇسكۇللارنىڭ چىڭىشى سەۋەبىدىن كەلتۈرۈپ چىقارغان بىسىمنى تۆۋەنلىتىمىز . 

4. ئاخىرىدا ئىككى چىكىمىزنى ئۇلاپ پەللىلەرنى بوشىتىمىز . كۆز قۇيرىقىدىن باشلاپ كۆز ئەتراپىدىكى مۇسكۇللارنى ئۈستىگە تارتىمىز بۇنىڭ كۆز قۇيرۇقىدىكى ئۇششاق قورۇقلارنى يوقىتىش رولى بار . 

پىشانىنى نۇرلاندۇرۇپ پىشانىدىكى قورۇقلارنى يوقىتىش 

گۈزەل بولىمەن دەيدىكەنمىز پىشانىنىڭ گۈزەللىكىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ . چۈنكى پىشانىدە ماي بىر قەدەر ئاز ، تىرىسى نىپىز ، ئەڭ ئاسان قورۇپ چۈشۈپ ، ئادەمنى قىرى چىراي كۆرسىتىپ قويىدۇ . بىر ئاددىي ئۇسۇل ئارقىلىق پىشانىڭىزدىكى قورۇقلارغا دەزمال سېلىۋىتەلەيسىز ، ئۇ بولسىمۇ تۇخۇم يەپ بولغاندىن كىيىن شاكىلىغا چاپلىشىپ تۇرىدىغان نىپىز پەردىدىن پايدىلىنىش . 

ئىشلىتىش ئۇسۇلى :

 تۇخۇم شاكىلى ئىچىدىكى نىپىز پەردىنى سويۇپ ئىلىۋىلىپ قورۇق بار يەرلەرگە چاپلايمىز . قۇرىغاندىن كىيىن ئېلىۋىتىپ ئۆلۈك تېرىلەرنى سۈرتىۋىتىپ يۈزنى يۇيۋەتسەكلا بولىدۇ . بۇ ئۇسۇلنىڭ قورۇق يوقىتىش ، پىشانىدىكى قورۇقلارنى تۈزلەش رولى بار .

2- خىل ئۇسۇل : 

پىشانىدىكى قورۇقنى يوقىتىشتا پىشانىدىكى تىرە ۋە مۇسكۇللارنى بوشىتىش مۇھىم . ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىككى قولنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى ئارقىلىق پىشانىنى ئاستە ئۈستىگە ئۇۋلاپ بەرسىڭىز بولىدۇ . ياكى بەش بارماقنى جۈپلەپ پىشانىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئىككى تەرەپكە سىيرىسىڭىزمۇ بولىدۇ .

 مۇشۇنداق بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرغاندا پىشانىڭىزدىكى قورۇق يوقاپ ئاز دىگەندە 10 ياش ياش كۆرىنىسىز.



【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0