
جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەزەلدىن پۇل يىغىدىغان ياخشى ئادىتى بار. بۇ پۇللار ئاساسلىقى ھەر ئايلىق تۇرمۇش چىقىمىدىن ئېشىپ قالغان پۇللار بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى ساقلاپ قويىدۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ، ساقلانغان پۇلنىڭ سوممىسى زورىيىپ بارىدۇ. بۇ پۇللارنى ئىشلىتىپ چوڭ تىپتىكى ئائىلە ئېلىكتر سايمانلىرىنى سېتىۋالغىلى، بالىلارنىڭ ئوقۇش راسخوتىنى تۆلىگىلى، ئۆي سېتىۋالغاندىكى دەسلەپتە تۆلەيدىغان پۇلنى تۆلىگىلى بولىدۇ. ئەگەر ئىشسىز قېلىپ ياكى كېسەل بولۇپ قېلىپ، جىددىي پۇلغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، بۇ پۇللارنى ئىشلىتىپ بىمالال تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، پۇلنى بانكىغا قويغاندا مۇقىم ئۆسۈم كىرىمى بولىدۇ.
2020-يىلى يۇقۇم كۆرۈلگەندىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلار ئارقا-ئارقىدىن ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتتى. نۇرغۇن ياشلار ئۆيدە بىر نەچچە ئاي بىكار تۇرغاچقا، ئازراق پۇل ساقلىمىسا ئېغىر كۈنلەرگە قالىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ پۇل ئامانەت قويۇش ئىستىكىمۇ بارغانسېرى كۈچەيدى.
2021-يىلى 1-ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ خەلق پۇلى ئامانەت ئومۇمىي سوممىسى 216 تىرىليون 140 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %10.4 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاھالىلەرنىڭ ئامانەت پۇلى 94 تىرىليون 920 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىكىدىن 1 تىرىليون 480 مىليارد يۈەن ئاشقان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يۇقۇمدىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پۇل ئامانەت قويۇش ئېڭى زور دەرىجىدە كۈچەيدى.
ئادەتتىكى ئەھۋالدا، پۇقرالار پۇلىنى خالىغان بىر بانكىنى تاللاپلا قويىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە، ئوخشاش بولمىغان بانكىلارغا پۇل ئامانەت قويغاندىكى ئۆسۈممۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ بانكىلارنىڭ ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈمى نىسبەتەن تۆۋەنرەك، ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ بەرگەن ئۆسۈمى سەل يۇقىرىراق، يېزا-بازار بانكىسى، پۇقراۋى بانكىلارنىڭ بەرگەن ئۆسۈم نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ، بەزى بانكىلارنىڭ ئۈچ يىللىق ئامانەت پۇلىنىڭ ئۆسۈمى %4.12 كە يېتىشى، بەش يىللىق ئامانەت پۇلىنىڭ ئۆسۈمى %5 تىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. ھازىر بانكىلارغا قارىتا ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى نىزامى بار بولۇپ، بۇ نىزامدا ئامانەت پۇل 500 مىڭدىن تۆۋەن بولسا، پەقەت ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرغان بانكا بولسىلا، پۇل قويغۇچىنىڭ ئامانەت پۇلى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
يېقىندا، مەلۇم بانكا خىزمەتچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئوخشاش بولمىغان بانكىلارنىڭ بەرگەن ئۆسۈم نىسبىتى ئوخشاش بولمىغاندىن باشقا، بانكا ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتا ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈم بېرىدىكەن. يەنى بىر يىل ئىچىدە تۆۋەندىكىدەك ئەڭ ياخشى ئۈچ پۇل ئامانەت قويۇش ۋاقتى بولىدىكەن:
بىرىنچىسى، يىل بېشى (يەنى چاغاننىڭ ئالدى-كەينى). ئادەتتە يىل بېشىدا كۆپچىلىك چاغان ئۆتكۈزىدۇ، چاغاندىن بۇرۇن يىللىق مۇكاپات پۇلى، ھال سوراش پۇلى، مائاش تارقىتىلىدۇ. ياشانغانلار يەنە بانكىدىن پۇل ئېلىپ چاغانلىق بولاق تارقىتىدۇ، شۇڭا چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدە بانكا نۇرغۇن مەبلەغنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، يىلنىڭ ئىشى باھاردىن دەپ، بانكا يەنە كۆپ مىقداردا قەرز پۇل تارقىتىدۇ، بانىكىلار بۇ ئارقىلىق بالدۇرراق پايدىغا ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولىدۇ. شۇڭا قولىدا بىكار پۇلى بار كىشىلەر چاغان مەزگىلىدە بانكىغا بېرىپ پۇل ئامانەت قويسا، بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ كۆپ ئۆسۈمگە ئېرىشەلەيدۇ.
ئىككىنچىسى، يىل ئوتتۇرىسى، يەنى ئاساسلىقى 6-ئاينىڭ ئالدى-كەينى. ھەر يىلى يىل ئوتتۇرىدا بانكىلار يىللىق دوكلاتنى ئېلان قىلىدۇ، بانكىنىڭ ئومۇمىي ئامانەت پۇلى ئازلاپ كەتسە، بانكىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بانكا ئالدىنقى يېرىم يىللىق خىزمەت نەتىجىسىنى كۆتۈرۈش ياكى يىل ئىچىدىكى تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچىنى تاماملاش ئۈچۈن، كىشىلەرنى جەلپ قىلىدىغان ئۆسۈم نىسبىتى چىقىرىپ جىددىي پۇل توپلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بانكا ئادەتتىكى ئۆسۈم نىسبىتىدىن يۇقىرى ئۆسۈم بېرىدۇ، پۇل قويغۇچىلار بۇ پۇرسەتنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماسلىقى كېرەك.
ئۈچىنچىسى يىل ئاخىرى. بۇ يىل ئوتتۇرىسىغا سەل ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەمما يىل ئاخىرىدىكى تەكشۈرۈش تېخىمۇ مۇھىم، باھالاشنىڭ بىرىنچى كۆرسەتكۈچى ئامانەت پۇلنىڭ ئومۇمىي سوممىسى بولىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن بانكىلار يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن بارلىق خىزمەتچىلەرنى ئامانەت پۇل توپلاشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ كۆرسەتكۈچنى چوقۇم ئورۇنداشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئامانەت پۇل ئۆسۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، يەنە تېخى گۈرۈچ، ياغ قاتارلىقلارنى سوۋغا قىلىدۇ. ئەگەر پۇل قويغۇچى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆسۈمگە ئېرىشمەكچى بولسا، يىل ئاخىرىدا بانكا ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە كۆپرەك دىققەت قىلىشى كېرەك.
يىغىنچاقلىساق، جۇڭگولۇقلار ئەزەلدىن پۇل يىغىشقا ئامراق، بۇ ناھايىتى ياخشى ئادەت. بۇلتۇر بىرىنچى پەسىلدە يۇقۇم كۆرۈلگەندىن كېيىن، كىشىلەر پۇل ئامانەت قويۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى. ئادەتتە ئوخشاش بولمىغان بانكىلارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمايدۇ. بانكا خىزمەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بىر يىلنىڭ ئۈچ مەزگىلىدە (يىل بېشى، يىل ئوتتۇرىسى، يىل ئاخىرى) تەكشۈرۈش، مەبلەغ قىس بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بانكا ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرىدۇ. ئەگەر پۇل ئامانەت قويماقچى بولسىڭىز، بۇ ۋاقىتلارنى تاللاپ قويسىڭىز ئەڭ يۇقىرى پايدىغا ئېرىشەلەيسىز.

