
كىيىم – كېچەكنىڭ رەڭلىرىنى ماسلاشتۇرۇشتىكى 8خىل ماھارەت

كىيىم - كېچەكلەرنىڭ رەڭگىنى چېۋەرلىك بىلەن ماسلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم، بىر خىل رەڭ پەقەت بىر خىل ئۇسلۇبىغا ئىگە ، ئوخشاش بولمىغان رەڭدىكى كىيىملەرنى چېۋەرلىك بىلەن ماسلاشتۇرۇش ،شۇنداقلا قانداق رەڭلىك كىيىملەر بىلەن قانداق رەڭلەرنى ئۇستىلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇپ كىيىش بىر ئادەمنىڭ ئوبرازى ۋە مىزاجىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.


كىيىم – كېچەكنىڭ رەڭلىرىنى ماسلاشتۇرۇشتىكى 8خىل ماھارەت:

1 .تېرىسى ئاق كىشىلەر- سېرىق رەڭدىكى كىيىملەرنى كىيىش. مەن ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسىي رەڭ ، يەنى تېرە ئارقىلىق ئۆزىگە ماس كېلىدىغان رەڭ . تېرىسى ئاق بولغان ئادەم ، سېرىق رەڭلىك كىيىملەرنى ئېلىپ كىيىش كىرەك . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاپېلسىن رەڭ، ئاق سېرىق ،تۈركىيە كۆك رەڭ، زەيتۇن يېشىل رەڭ قاتارلىقلار.

2. كۈل رەڭلىك كىيىم بىلەن ھەر قانداق رەڭلىك كىيىمنى بىللە كىيىگەندە ماسلىشىدۇ ، ناھايىتى ماس كېلىدىغان ئاساسىي رەڭلەردىن نېيترال كۈل رەڭلىك كىيىمنىڭ ماسلىشىدىغان كېڭىيىشچانلىق ناھايىتى چوڭ .

3 . قېنىق كۆك رەڭلىك كىيىم: توق كۆك رەڭلىك كىيىمنى تاللاشنى نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدۇ ، لېكىن ئۇ رەڭ تېرە رەڭگى قىزغۇچ ئادەملەرنىڭ كىيىشىگە ماس كىلىدۇ.

4 . قېنىق قەھۋە رەڭلىك كىيىم بولسا ئادەمنى سەمىمىي ھەم سالماق كۆرسىتىدۇ، رەڭگى قوڭۇر رەڭ بىلەن ئوخشاش ، تېرە رەڭگى ئاساسىي ئاق سېرىق ئادەملەرگە بەك ماس كېلىدۇ . قىنىق قەھۋە رەڭلىك كىيىمنى كىيگەندە بەدەننىڭ يۇقىرىقى يېرىمىغا سامان سېرىق ،ئاپئاق ، ئاپېلسىن رەڭ، قىزغۇچ سۇس سېرىق رەڭلەرنى ماسلاشتۇرۇش كىرەك .

5. كۈل رەڭنى ئاساس قىلغان كىيىملەرنى قىپقىزىل،سۇس قىزىل،قىنىق كۆك رەڭ،سۇس كۆك رەڭ،سۇس يىشىل رەڭلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇش كىرەك.

6. بەدەن شەكلى ئورۇق ۋە ئېگىز كىشىلەر رەڭ دەرىجىسى يۇقىرى بولغان بىر قەدەر ئوچۇق رەڭلىك كىيىملەرنى ماسلاشتۇرسا بولىدۇ . بويى ئانچە ئېگىز ئەمەسلەر ئاددىي كىيگەن سىدام ھەم بىلى بار كىيىملەرنى ماسلاشتۇرسا بولىدۇ.

7 . ئۇچرىشىشقا چىققاندا كىيىمنىڭ رەڭگىنى ماسلاشتۇرۇش :بەلنىڭ تۆۋىنىگە قىنىق قەھۋە رەڭلىك كىيىمنى كىيىپ ، بەدەننىڭ يۇقىرىقى يېرىمى ھېسسىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ،بەدەننىڭ يۇقىرىغا ئاپېلسىن رەڭلىك ، ياكى ئۆرۈك سېرىقى رەڭنى كىيگەندە ھېسسىيات جەھەتتىن پايدىلىق ياكى بەلنىڭ تۆۋىنىگە ھال رەڭ ياكى كۆك ئالما رەڭلىك كىيىمنى كىيسەك بولىدۇ

8. خىزمەت قىلغان چاغدا قىزىل ، قېنىق قەھۋە رەڭلىك كىيىم ئادەمنى بىخەتەر، سادىق قەلب ،ئېغىر - بېسىق كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، سۇس كۈل رەڭ شاكىلات رەڭ , ياكى سۇس كۆك ، قېنىق كۆك رەڭلىك سىزىقلىق كۆڭلەكلەرمۇ خېلى يامان ئەمەس چىقىدۇ.


