

ئىلگىرى مەن مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ئاڭلىغان : « مەيلى قايسى خىل مۇناسىۋەت بولسۇن ، ھەممىسى كۈچ جەھەتتە تەڭ بولغاندا ، ئاندىن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. »
ئادەمگەرچىلىكنى دوستقا ئالماشتۇرۇش پەقەت ۋاقىتلىق. ئەمەلىي كۈچ بىلەن دوستنى جەلپ قىلغاندىلا، ئاندىن ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. بەلكىم سىزمۇ ئىلگىرى باشقىلارنىڭ دوستلىرىنىڭ جاھان كۆرگەنلىكىگە ھەۋەس قىلىپ باققان بولۇشىڭىز مۇمكىن، يەنە تېخى ساددىلىق بىلەن قانچە كۆپ قالتىس ئادەملەر بىلەن تونۇشسام ، ئىقتىدارىممۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ دەپ ئويلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئەمما، ئادەمگەرچىلىكنىڭ ئىسسىق ـ سوغۇقىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئاندىن شۇنى بايقايسىزكى ، ئەمەلىي كۈچىڭىز قالمىغاندا، پەقەت باشقىلارنىڭ ئىسمىنىلا بىلىسىز خالاس، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە سىز ھېچنېمە ئەمەس، دۇنيامۇ سىزنىڭ غۇرۇرىڭىزغا پىسەنت قىلمايدۇ ، كىشىلەرنىڭ كۆرگىنى پەقەت سىزنىڭ نەتىجىڭىز.
چوڭلارنىڭ دۇنياسىدا ئەمەلىي كۈچ بولغاندىلا ئىززەت ـ ھۆرمەت بولىدۇ، سىزنىڭ قانداق ئەمەلىي كۈچىڭىز بولسا، باشقىلارمۇ سىزگە شۇنداق پوزىتسىيەدە بولىدۇ. شۇڭا، قانچە ئەقىللىق ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىگە سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى شۇنچە ئاز بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ باشقىلاردا ئەمەس، بەلكى ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. كېرەكسىز ئىجتىمائىي ئالاقىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىڭىزنى يۈكسەلدۈرسىڭىز، سىزنىڭ دۇنيارىڭىز تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ。


