大数跨境

كەلگۈسى بەش يىلدا ئۆي باھاسى پىيازنىڭ باھاسىدەك چۈشەمدۇ ؟

كەلگۈسى بەش يىلدا ئۆي باھاسى پىيازنىڭ باھاسىدەك چۈشەمدۇ ؟ EMINBIZ
2021-01-10
2


سوۋخۇ تورىدىن تەرجىمە قىلىندى :

ھازىر 2020ـ يىلىنىڭ 4ـ پەسىلى، دۆلەت ئىچىدىكى ئۆي باھاسىنىڭ يۈزلىنىشىدە بۆلۈنۈش كۆرۈلدى : بىر تەرەپتىن شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز بويى رايونلىرى، بولۇپمۇ چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى رايونلىرىدىكى چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەردە يېڭى ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئۆستى. يەنە بىر تەرەپتە بولسا شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو، ئوتتۇرا جۇڭگو، غەربىي شىمالدىكى بىر قىسىم چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەردە ئۆي باھاسى چۈشمەكتە.

ھازىر ئۆي باھاسى پارچىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى، بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى بەش يىلدىن كېيىن دۆلەت ئىچىدىكى ئۆي باھاسى زادى « پىياز باھاسى » دەك بولامدۇ ياكى « ئالتۇن باھاسىدەك » بولامدۇ دېگەن گۇمانغا سالدى .

بۇنىڭغا قارىتا، كۆپ ساندىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشى مۇنداق : قىسمەن رايونلاردا ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈشى پەقەت ۋاقىتلىق، كەلگۈسىدە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەش يۈزلىنىشى ئۆزگەرمەيدۇ، ئۆي سېتىۋالغۇچىلار ئۆي سېتىۋالغاندا ۋاقتىنچە زىيان تارتىشتىن ساقلىنالمايدۇ، ئەمما ئۇزاق مۇددەتكە نىسبەتەن چوقۇم كۆپ  پايدا ئالالايدۇ .

بىراق، ئۆي ـ مۈلۈك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزىگە پۈتۈنلەي ئىشىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ، يەنە بىر قىسىم داڭلىق ئەربابلارمۇ ئۆزىنىڭ قارىشىنى بايان قىلدى ، مەسىلەن ما يۈننىڭ ئۆي باھاسىغا بولغان قارىشى ئەڭ بىۋاسىتە بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە كەلگۈسى سەككىز يىلدا، ئۆي باھاسى « پىياز باھاسى » دەل چۈشىدىكەن ؛ ئوقەتچىلىك پىشۋاسى ساۋ دېۋاڭ بولسا، كەلگۈسىدە كۆپ قىسىم ئۆيلەر بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھازىر پۇلدارلارنىڭ قولىدا كۆپ يۈرۈش ئۆي بار، ئەمما ھەقىقىي ئۆيگە ئېھتىياجلىقلار بولسا ئۆي سېتىۋالالمايدۇ، ئۆي خۇددى پۇلدارلارنىڭ « دۇمباق چېلىپ گۈل تارقىتىش » ئويۇنىغا ئايلىنىپ قالدى، ئويۇن ئاخىرلاشقان ھامان، ئۆي باھاسى كۆرۈنەرلىك چۈشۈپ كېتىدۇ، نىمكەش ئۆي بازىرىدىمۇ ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.

بىزنىڭ قارىشىمىزچە بولسا، مەيلى ئۆي ـ مۈلۈك مۇتەخەسسىسلىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئۆي باھاسى زور دەرىجىدە ئۆسىدۇ دېگەن قاراش بولسۇن ياكى ئوقەتچىلىك ئاتامانلىرى ئېيتقان ئۆي باھاسى چۈشۈپ كېتىدۇ دېگەن تەشەببۇسى بولسۇن، ھەممىمىز بىر مەھەل تەھلىل قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ ئاقىلانە ھۆكۈمىنى چىقىرالايمىز.

ئۇنداقتا، بەش يىلدىن كېيىن دۆلەت ئىچىدىكى ئۆي باھاسى زادى « پىياز باھاسى » مۇ ياكى « ئالتۇن باھاسى » مۇ؟

بىرىنچىدىن، دۆلەت ئىچىدە ئۆي ـ مۈلۈك كەسپىنى تەڭشەش ـ تىزگىنلەش سالمىقى كۈچەيتىلىۋاتىدۇ، شۇڭا ئۆي باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈشىمۇ مۈشكۈل بىر ئىش . ئۆي-مۈلۈك كەسىپىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش 2017 ـ يىلىدىكى 250 قېتىمدىن 2018ـ يىلى 438 قېتىمغىچە، يەنە 2019ـ  يىلىدىكى 620 قېتىمغا يەتتى . بۇ يىل  6ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەتنىڭ ئۆي مۈلۈك بازىرىنى تەڭشەش - تىزگىنلەش قېتىم سانى 304 قېتىمغا يەتتى . مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل تەڭشەش ـ تىزگىنلەش تارىخىدا يېڭى رېكورت يارىتىلىدىكەن. بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، دۆلەت ئۆي باھاسىنىڭ يەنە داۋاملىق ئۆسۈشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ، ئىقتىسادشۇناس لى شۈنلېينىڭ قارىشى بويىچە بولغاندا، ئۆي باھاسى تەڭلىشىپ قالسا  ئۆي سودىگەرلىرى زىيان تارتىدۇ . ئۇنىڭ قارىشىچە، مەبلەغ تەننەرخى ۋە ئۆينىڭ قىممىتى چۈشۈپ كەتسە ياكىئۆي باھاسىنىڭ يىللىق ئۆسۈش نىسبىتى  %6 تىن تۆۋەن بولۇپ قالسا ، ئۆي سېتىۋالغۇچىلار ئۆي سودىسى قىلىش ئارقىلىق پۇل تاپالمايدىكەن.

ئىككىنچىدىن ، دۆلىتىمىز باشتىن ـ ئاخىر « سېتىۋالغان ئۆيدە ئولتۇرۇش، ئۆينى قالايمىقان ئېلىپ-ساتماسلىق »نى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. بۇ گەپچە بولغاندا ، كەلگۈسىدە شۇ جايدىكى ئۆي سېتىۋېلىشقا ھەقىقىي ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشىغا ئىلھام بېرىلىپ، ھايانكەشلىك قىلغۇچىلارغا زەربە بېرىلىشى مۇقەررەر. كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ ئۆي ـ زېمىن كەسپى مۇنۇ ئۈچ بازارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ :  ئۆي ئىجارە بازىرى، تاۋار ئۆي بازىرى، ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئۆي بازىرى. كەلگۈسىدە كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجى ئۆي ئىجارە بازىرى ۋە ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىغا بۆلۈنىدۇ، تاۋار ئۆي بازىرىدا ئۆي سېتىۋېلىش ئېھتىياجى تەدرىجىي ئازىيىدۇ، ئۆي ھايانكەشلىرى پايدا ئالالماي پۈتۈن لىنىيە بويىچە چېكىنىپ چىقىدۇ، شۇ چاغدا ئۆي باھاسىدىكى كۆپۈك ئۇچۇپ كېتىدۇ.

ئۈچىنچىدىن، دۆلىتىمىز ئىقتىسادنى ئىچكى جەھەتتىن ئايلاندۇرۇشتا ئېكسپورتقا تايانماي، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرىدۇ .شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى،يېڭى تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇردى، ئەگەر كەلگۈسى بەش يىلدا ئۆي باھاسى تۆۋەنلىمىسە، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادى گۈللىنەلمەيدۇ. زور مىقداردىكى مەبلەغ ئۆي ـ زېمىنغا قاراپ ئېقىپ كەتسە، ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ياشاشمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ . جۇڭگودا 300 مىليون نوپۇس « ئۆي قۇلى » غا ئايلىنىپ قالدى،  ھەمدە بۇ ئائىلىلەرنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كەتتى، شۇڭا جۇڭگو ئىقتىسادىنى ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم يۇقىرى ئۆي باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ، يەرگە يۇمشاق قوندۇرۇپ، ئاندىن ئۇنى شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ كىرىمى بىلەن باغلاش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ ماكرولۇق تەرەققىيات نۇقتىسىدا تۇرۇپ قارىغاندا، ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈشىمۇ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى.

 

ئاخىرىدا، بۇلتۇر كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇلدى، بۇ ئۆي ـ مۈلۈك بېجىنىڭ بىزدىن يىراق ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۆي مۈلۈك بېجى بولسا ئۆينىڭ ئىگىدارلىق ھالقىسىدا باج ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ .ئەگەر ئۆي باھاسى ئۆسۈپ قالسا ،  ئۆي مۈلۈك بېجى ئۆي سېتىۋالغۇچىغا تەڭ چېچىلىشى مۇمكىن. ناۋادا ئۆي باھاسى چۈشۈپ كەتسە، ئۆي ـ مۈلۈك بېجى يۇقىرى ئۆي باھاسىغا كۈچلۈك قىرغىن قىلىش كۈچى پەيدا قىلىدۇ. كەلگۈسىدە دۆلەت ئىچىدىكى ئۆي مۈلۈك بېجى ئىككى يۈرۈشتىن ئارتۇق ئۆيى بار ئۆي ئىگىلىرىدىن ئۆي مۈلۈك بېجى ئېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي مۈلۈك بېجى ئېلىشتىكى ئاساسلىق مەقسەت، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى يەر مالىيەسىگە تايىنىشتىن قۇتۇلدۇرۇش. شۇڭا، كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە، جۇڭگودا ئۆي ـ جاي بېجى  ئېلىنىشى مۇقەررەر ، بۇ چوقۇم يۇقىرى ئۆي باھاسىغا قاتتىق زەربە بولىدۇ، شۇڭا ئۆي باھاسىنىڭ « ئالتۇندەك » بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، پەقەت « پىيازنىڭ باھاسى » دەك بولۇشى مۇمكىن

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 307
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读282
粉丝0
内容307