
بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، ئېلىمىزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، كەڭ تېببىي خادىملارنىڭ مائاشىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى، بۇ تەدبىرنىڭ مەقسىتىنىڭ ئېلىمىزنىڭ داۋالاش ئىشلىرىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنى بىلىش كېرەككى، دۆلەتنىڭ بىر داۋالاش خادىمىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى ئاسان ئەمەس، ئۇنىڭغا ئاز دېگەندە يەتتە-سەككىز يىل ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ خەۋەرنىڭ چىقىشى كەڭ تېببىي خادىملار ئۈچۈن بىر خۇشاللىق ئىش بولدى. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، گەرچە تېببىي خادىملىرىنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلىدۇ دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىمقى مائاش ئۆستۈرۈشتە ئاساسلىقى ئاساسىي قاتلامدىكى تېببىي خادىملارنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاساسىي قاتلامدىكى تېببىي خادىملارنىڭ خىزمىتى بىر قەدەر جاپالىق، شۇڭا مائاشىنى كۆپلەپ ئۆستۈرۈشمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق.
ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، تېببىي خادىملارنىڭ مائاش تەمىناتى ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى باشقىلار ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا يۇقىرى ئەمەسكەن. 2020-يىلى ئېلىمىزنىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى خۇسۇسىي ئورۇنلار ۋە غەيرىي خۇسۇسىي ئورۇنلاردىكى تېببىي خادىملارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 60 مىڭ 689 يۈەن (ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئايدا 5057 يۈەن) ۋە 115 مىڭ 449 يۈەن (ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئايدا 9620 يۈەن) بولغان. دوختۇر-سېستىرالارنىڭ تۆۋەن مائاش، يۇقىرى سىجىللىقتىكى خىزمىتى بىر قىسىم دوختۇر-سېستىرالارنى كەسىپ ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان. دۆلىتىمىزدە بىر تېببىي خادىمنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئاسان ئەمەس، بىر قىسىم ئاساسىي قاتلام تېببىي خادىملىرىنىڭ خىزمەت ئالماشتۇرۇپ كېتىپ قېلىشى ھەقىقەتەن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. مېنىڭچە، ئاساسىي قاتلامدىكى تېببىي خادىملارنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ھەقىقەتەن زۆرۈرىيىتى بار، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى، تېببىي خادىملارنىڭ خىزمىتى مۇئەييەن ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇلارنىڭ قوش دەم ئېلىشى يوق، ئاساسەن يىل بويى دەم ئالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر ۋاقىت دوختۇرخانىغا قايتۇرۇپ كېلىنىپ، كېسەللەرنى قۇتقۇزۇشقا تەييارلىق قىلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، تېببىي خادىملارنىڭ خىزمەت بېسىمى ئېغىر، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ئادەتتىكى ئىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسىي قاتلامدىكى تېببىي خادىملارنىڭ قىلىدىغىنى ئەڭ جاپالىق ئىش بولۇپ، تېببىي خادىملارنىڭ «ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش» ئاساسىي قاتلامدىكى تېببىي خادىملار قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئىككىنچى، تېببىي خادىملارنىڭ كىرىمى بىلەن تۆلىگەن بەدىلى ئوڭ تاناسىپ بولۇشى كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندا ئاساسىي قاتلام تىببى خادىملار قوشۇنى تېخىمۇ مۇقىم بولىدۇ. دۆلىتىمىزدە بىر لاياقەتلىك تېببىي خادىمنى يېتىشتۈرۈشكە ئاز دېگەندىمۇ يەتتە-سەككىز يىل ۋاقىت كېتىدۇ، تېببىي خادىم بولۇش ئۈچۈن نۇرغۇن كەسپىي بىلىملەرنى ھازىرلىشى كېرەك. روشەنكى، داۋالاش ساھەسىدىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئاسان ئىش ئەمەس. ئەگەر ئاساسىي قاتلام تېببىي خادىملار قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇرىمىز دەيدىكەنمىز، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ھازىرقى مال باھا سەۋىيەسىگە ۋاقتىدا يەتكۈزۈش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، داۋالاش خادىملىرى دائىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، خالىس تۆھپە قوشالايدۇ. ئاساسىي قاتلامدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى يوق، بىز ئەلۋەتتە ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش خادىملىرىنىڭ يۇقىرى سىجىللىقتىكى خىزمەت مۇھىتىدا ئىشلىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق ئەمگەك ھەققى بەرمەسلىككە يول قويساق بولمايدۇ، بولمىسا داۋالاش خادىملىرى ئارقا-ئارقىدىن كەسىپ ئۆزگەرتىپ، داۋالاش ساھەسىدە خادىم كەمچىل بولۇش مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ.
ئۈچىنچى، تېببىي خادىملار ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى بېسىم ئىچىدە تۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دوختۇر بىلەن بىمار ئوتتۇرىسىدىمۇ پات-پات تالاش-تارتىش كۆرۈلۈپ قالىدۇ. بەزى بىمارلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى نۇرغۇن پۇل خەجلەپ كېسەل كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، بەزىدە بېمارنىڭ كېسىلى تېخى ساقايمىسا، ياكى بىمار تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتسە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دوختۇر-سېستىرالارنىڭ 

