
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى باي بولۇشنى ئويلايدۇ، لېكىن چوڭ بايغا ئايلىنىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بەك يۇقىرى. ئۇنىڭدىن سەل تۆۋەنراقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىر قەدەر ئاسان، بۇ خىل بايلار سىنىپىنى كىشىلەر «ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە» دەپ ئاتايدۇ. نەچچە ئون يىللىق جۇغلانمىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئېلىمىز دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى، شۇڭا ئىلگىرى غەرب دۆلەتلىرىدە تىلغا ئېلىنىدىغان ئوتتۇرا كىرىملىكلەر ياكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئېلىمىزدىمۇ ئارقا-ئارقىدىن تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى. كىشىلەرنىڭ تەسۋىرلىشىچە، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن كىشىلەر خىزمىتى مۇقىم، كىرىمى يۇقىرى، تۇرمۇشى غەم-ئەندىشىسىز، نەرسە-كېرەك سېتىۋالغاندا باھاسىغا قارىمايدۇ. بۇ گۈزەل تەسۋىرلەر نۇرغۇن كىشىلەرنى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەگە تەلپۈندۈرۈپ، بۇنى بىر خىل كۈرەش نىشانىغا ئايلاندۇرغان. ئەمما ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە بولۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئۆلچىمىنىڭ نېمىلىكىنى بىلىشى كېرەك.
قانداق بولغاندا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ھېسابلىنىدۇ؟
ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەنى ئايرىش ئۆلچىمى توغرىسىدا فوربېس بىلەن خۇرۈن ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. فوربېس ئېلىمىزدىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەگە مۇنداق تەبىر بەرگەن: شەھەردە ياشىماقچى بولغانلار 25 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا بولۇشى، ئالىي مەكتەپ ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولۇشى، يىللىق كىرىمى 10 مىڭ دوللاردىن 60 مىڭ دوللارغىچە بولۇشى، يەنە مەلۇم بىر ساھەدىكى كەسپىي خادىم ياكى كارخانىچى بولۇشى كېرەك.
خۇرۈن ئېلان قىلغان «2018-يىللىق جۇڭگو يېڭى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە چەمبىرىكى ئاق تاشلىق كىتابى» دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەنى ئايرىش ئۆلچىمى مۇنداق: تۇرمۇش ئىستېمال چىقىمىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، يەنە نۇرغۇن ئېشىنچا پۇلى بار بولۇشى، كونكرېت رايون ئايرىمىسى بويىچە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن قاتارلىق بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەردىكى ئائىلىلەرنىڭ يىللىق كىرىمى 300 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، باشقا شەھەرلەردىكىلەرنىڭ 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولۇشى، ئائىلىسىنىڭ ساپ مۈلكى 3 مىليون يۈەندىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
گەرچە بۇ ئىككىسىنىڭ ئايرىش ئۆلچىمى ئوخشاش بولمىسىمۇ، فوربېسنىڭ ئوقۇش تارىخى ۋە ياش جەھەتتىكى تەلىپى بار، خۇرۈن بولسا ئۇلارنى زۆرۈر شەرت ئەمەس دەپ قارىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكى بار، يەنى ئۇ بولسىمۇ پۇلى بار بولۇشى كېرەك. ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، كىشىلەر نۇرغۇن بايلىق توپلىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئۆلچىمىگە يېتىدىغانلار خېلى كۆپ.
دۆلىتىمىزدە قانچىلىك ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە بار؟
2021-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى، خۇرۈن تەتقىقات يۇرتى جۇڭگودىكى بايلارنىڭ بايلىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى مۈلكى 6 مىليون بولغان ئائىلىلەرنىڭ سانى تۇنجى قېتىم 5 مىليوندىن ئاشقان. 10 مىليون مۈلكى بار «ساپ قىممىتى يۇقىرى ئائىلىلەر» 2 مىليون 20 مىڭغا يەتكەن، 100 مىليون يۈەنلىك مۈلكى بار «ساپ قىممىتى ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى ئائىلىلەر» مۇ كۆپىيىپ، 130 مىڭغا يەتكەن. بۇ دوكلاتتىن قارىغاندا، ئېلىمىزدە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئۆلچىمىگە يەتكەنلەرنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ.
لېكىن جۇڭگو بانكا كەسپى جەمئىيىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئېلىمىزدىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازلارنىڭ سانى 109 مىليونغا يېتىپ، سان جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ما يۈن ئىلگىرى ئەلىبابا كانادا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار مۇنبىرىدە مۇنداق دېگەن: 2017-يىلى ئېلىمىزدە 300 مىليون ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە بولىدۇ، كەلگۈسى بەش يىلدا يەنە 500 مىليوندىن ئېشىپ كېتىدۇ. 2020-يىلى 12-ئايدا ئېچىلغان CCG باش ئەلچىلەر يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا، مەركىزىي بانكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن بانكا باشلىقىمۇ مۇنداق دېگەن: دۆلىتىمىزدە ئوتتۇرا بۇرژۇئازلار 400 مىليونغا يەتتى. شۇڭا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قاراشلىرىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزدە ھازىر ئوتتۇرا بۇرژۇئازلارنىڭ سانى ھەقىقەتەن خېلى بار.
ئادەتتىكى كىشىلەر ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەدىن يەنە قانچىلىك يىراقلىقتا؟
پۇلى بار ئادەم ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ، ئېلىمىزدىكى 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئىچىگە قويغاندا سانى يەنىلا ناھايىتى ئاز كۆرۈنىدۇ. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2021-يىل 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 17 مىڭ 642 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.6 ئاشقان. مەركىزىي بانكىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئامانەت پۇل ئومۇمىي سوممىسى 10 تىرىليون 890 مىليارد يۈەن بولۇپ، نوپۇس بويىچە ھېسابلىغاندا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئامانەت پۇل 70 مىڭ يۈەن ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ.
سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دۆلىتىمىزدىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنچە كۆپ مۈلكى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن كىشىلەر قەرزدار. مەركىزىي بانكىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: ئېلىمىز شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ قەرزگە قاتنىشىش نىسبىتى %56.5 كە، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئائىلە مۈلۈك قەرز نىسبىتى %9.1 كە يېتىدۇ. خۇرۈننىڭ ئۆلچىمىدىن قارىغاندا، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە بولۇش ئۈچۈن يىللىق كىرىمى نەچچە يۈز مىڭ يۈەن بولۇپلا قالماستىن، يەنە 3 مىليون يۈەنلىك ساپ مۈلكى بولۇشى كېرەك، شۇڭا دۆلىتىمىزدە بۇ ئۆلچەمگە يەتمەيدىغانلار خېلىلا كۆپ، ئادەتتىكى كىشىلەر ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە بولۇشنى ئويلىسا، ئاز دېگەندە ھەر يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى نەچچە يۈز مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
ئەمما، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈش جەريانى ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ بايلىقنى ئاشۇرۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ، دۆلىتىمىزدە ھەريىلى كۆپىيىۋاتقان مىليونېرلار بۇنىڭ روشەن دەلىلى. ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى يەنىلا ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتىدۇ. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلىمىزنىڭ GDP ئومۇمىي قىممىتى 5 تىرىليون 316 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.7 ئاشقان، بۇ ئېلىمىز ئىقتىسادىدا يەنىلا ناھايىتى زور تەرەققىيات بوشلۇقى بارلىقىنى، ئامېرىكىدىن ھالقىپ دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ تامامەن بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ياخشى يۈرۈشۈشى، شەخسكە نىسبەتەن ئېيتقاندا پۇرسەتنىڭ كۆپلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا بىزدە پەقەت ئارزۇ بولۇپلا قالماي،يەنە مۇناسىپ تىرىشچانلىقمۇ بولۇشى كېرەك.

